مەن ئاغرىپ باقمىدىم
يىگىت: مىنىڭچە، سۆيۈشۈش پاكىز ئىش ئەمەس.
قىز: لىكىن، مەن ھەرگىز...
يىگىت: ھىچقاچان سۆيۈشۈپ باقمىغان دىمەكچىمۇسىز؟
قىز: ياق! مەن ھىچقاچان ئاغرىپ باقمىدىم تازىمۇ ئۇياتسىز
يىگىت: ئەگەر سىزدەك گۈزەل قىزنىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولالىسام، يۈز يۈەن سوۋغا قىلغان بولاتتىم.
قىز: ۋىيەت، تازىمۇ ئۇياتسىز!...
يىگىت: نىمە بولدى؟ مەن قىلچە خاتا گەپ قىلمىدىمغۇ.
قىز: تۈنۈگۈنكى ئىش يادىمغا كىلىپ قالدى. ئاخشام بىر يىگىت سىزگە ئوخشاش ۋەدە بەرگەنىدى، تاتلىققىنا بىرنى سۆيۈپ قويسام، ھىچنىمە بەرمەي بەدەر تىكىۋەتتى. بۈيۈك كەشپىيات
يىگىت تازىمۇ ئىگىز پاشنىلىق توپلەي كىيىۋالغان چوكاننى يىنىدىكى قىزغا كۆرسىتىپ:
- ئىگىز پاشنىلىق توپلەينى كىم كەشىپ قىپتىكىن؟ - دەپتۇ.
قىز: يىگىتنىڭ لىۋىگە سۆيۈشكە بويى يەتمىگەن قىز كەشىپ قىپتىكەن.
يىگىت: ئوھوي، نىمىدىگەن بۈيۈك كەشپىيات بۇ. سۆيگۈ خىتى
- بۇ خەتنى ئوقۇپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ قىز بىر ئەر كىشىگە.
- كىمدىن كەلگەن خەت ئىدى؟
- يىگىتىم يىزىپتىكەن.
- مۇھەببەت خېتىدەك قىلىدۇ، . سۆيۈپ قوياي دىگەن سۆزلەر بار ئىكەن. ئۆزىڭىز ئوقۇڭ، - دەپتۇ ئەر كىشى كۈلۈپ.
قىز: خەتتە سۆيۈپ قوياي دىگۈچە، ئۆزى كىلىپ سۆۈيۈپ قويسىچۇ. شۇنىمۇ سورامسىز
باغدا قىز بىلەن كىتىۋاتقان يىگىت قىزدىن سوراپتۇ:
- سىزنى سۆيۈپ قويايمۇ؟
قىز جاۋاپ بەرمەپتۇ.
- سىزنى سۆيۈپ قويايمۇ دەۋاتىمەن.
قىز يەنىلا جاۋاپ بەرمەپتۇ.
يىگىتنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:
- ھەي، پاڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ.
قىز : سىز نىمانداق كالۋا ! شۇنىمۇ سورامسىز. سىناپ كۆرەيلى
ئايال خىرىدار : مۇنۇ ئەڭلىكنى سۈرسە، سۆيۈشكەندە ئىزى چىقىپ قالمايدىغاندۇ؟
مال ساتقۇچى ئەر : ياق، ئىشەنمىسڭىز مۇشۇ يەردىلا سىناپ كۆرەيلى. مىڭ سۆيگۈ
تام بىلەن مارى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، تام خىزمەت بىلەن يىراق بىر يەرگە بارماقچى بوپتۇ. مىڭىش ۋاقتىدا ئۇ خوتۇنىغا ئىككى ھەپتىدىن كىيىن پۇل ئەۋەتىمەن دەپ ۋەدە بىرىپتۇ. لىكىن، خىلى ئۇزاققىچە مارىغا پۇل كەلمەپتۇ، شۇڭا، مارى تامغا : <تىز پۇل ئەۋەتىڭ، ئۆي ئىگىسى ئىجارە ھەققىنى سۈيلەۋاتىدۇ> دەپ تىلىگرامما ئەۋەتىپتىكەن، تام: <بىر نەچچە كۈندىن كىيىن چوقۇم ئەۋەتىمەن، ھازىرچە ساڭا مىڭ سۆيگۈ ئەۋەتتىم> دەپ جاۋاپ تىلىگرامما ئەۋەتىپتۇ.
ئىككى كۈندىن كىيىن خۇتۇنى ئۇنىڭغا : <سۆيۈملۈكۈم، بولدى، پۇل ئەۋەتمىسڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئەۋەتكەن مىڭ سۆيگۈنى ئۆي ئىگىسىگە بىرىۋىدىم. ئىجارە ھەققىنى ئالمايدىغان بولدى> دەپ تىلىگرامما ئەۋەتىپتۇ.
مەنبە: مۇھەببەت يۇمۇرلىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-5 18:02
|