چاخچاقچىغا چاخچاق (ئۆگەنگۈچى)
مۇنبەردىكى [خالمۇرات ئۆمەر] توغرىسىدىكى تۈنۇشتۇرۇشنى كۆرگەندىن كىيىنكى ئىلھاملار. «چولپىنىمىزنىڭ چاخچاققا تىرىكمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان......»(قاملاشمىسا ئەپۇ قىلىڭلار...)
چىققىنىڭدا سەھنىگە ھەر رەت،
ئاڭلىمايلا چاۋاك چالىدۇ،
ئەل قەلبىدە تونۇلغان چولپان،
خەلقىڭ سىنى قارشى ئالىدۇ،
ھۆرمىتىم بار مىنىڭمۇ ساڭا،
سىمايىڭ بار قەلبىم تۆرىدە،
ئاڭلىساملا سىنىڭ ئىسمىڭنى،
بۇ چىھرىمگە يامرايدۇ كۈلكە.
چاخچاقچىلار سەندەك بولمامدۇ،
ئەل-ۋەتەن دەپ يۈرەك سوقمامدۇ،
كۆپ ئاسرىغىن،ئۇزەڭنى <ئەيسا>
<ئاي پاتەم>مۇ سەندىن قورقمامدۇ.
ھەجەپ تەبئى ئاشۇ <ئالىمجان>،
مىكىيان باقسا <خوراز >دىمەيدۇ.
<ساراڭ> بولۇپ يۈرگەن چاغدىمۇ،
<قىمار> ۋازنى تاشلاپ كەتمەيدۇ.
<مىھمان> بولۇپ ھارمايدۇ چولپان
ئاشخاندا ھەم خەقنىڭ ئۆيىدە.
كىرگەن چاغدا <ساتىراشىخا >نىغا،
ئىتتىك چىقار دوككان تۆرىگە.
<يالتىراق نوچى> تېخى سەھنىدە،
ھەمرا تېخى بەزى <رېيىم قان>
<داۋۇت پالتا> مەس بولغان چاغدا،
<مىھمان> پۇتدا قالمىدىغۇ جان.
تۈنجى ئىچتىڭ ئەيسا ئۆيىدە،
كىيىن ئىچتىڭ<قىرلىق ئىستىكان>
<قادى كىتاپ> نى ئىزدىدىڭ ئەمما
<تۈنجى قار> لار ياقققان زىمىستان .
تەرىپلەشكە ئۆزەم،كۆپ ئاجىز ،
مەنمۇ تېخى ھەۋەسكار تۈرسام.
تەكلىپ قىلاي مەنمۇ<ئەيسا>نى
ئەگەر ئۆيدە مەشىرەپ قۈرسام.
<ئەيسانىڭ ئۆيدە مەشرەپ> نى ئىپادىلىكمەكچى
<سالامەت بولغىن><چوڭ ئەيسا> ئاكا،
ئۇزۇن بولدى <يوقاپ كەتتىڭغۇ>،
ئىنىڭ يازغان ماۋۇ چاخچاققا ،
قاپاق تۈرمەي كۈلۇپ كەتتىڭغۇ.
ھۆرمىتىم بار ساڭا يۈرەكتە،
كۆرسەم دەيمەن سىنى ھەر كۈنى.
ئاللا خالاپ نىسىپ قىلغاندا،
كۆرۇشەرمىز ھامان بىر كۈنى.
مەنبە: ئۆگەنگۈچى قەلىمى. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قېلىڭ(رەھمەت)
بۇ ئەسەر 3-دېكابىر مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللانغان،بۇگۈن بۇ مۇنبەرگە يوتكەپ ئەكەلدىم.(ۋاقىپ بولغايسىلەر)
2010-يىل12-ئاينىڭ 3-كۈنى. كۈسەن دىياررى
|