شامدەك يېنىپ ئەبەدىل ئەبەت ، شۇمتەكلەرگە سۆزلەپ ھەقىقەت ، ئايرىتقۇزۇپ مۇھەببەت - نەپرەت ، جاھالەتكە ئوقۇتۇپ لەنەت ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . ئايسىز ئايدىڭ بولمايتتى ئەسلى ، مۇئەللىمسىز يوق باھار پەسلى . يۈتەر ھەتتا نــــۇر - بەخىـــــت ۋەسلى ، مەنمۇ ئاشۇ باغۋەننىڭ نەسلى ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . نادانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ، بالا يىغىپ ئۆتسىمۇ ھەر كۈن . جاپا چەكسەم مەيلىغۇ بۈگۈن ، شۇ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈستۈن ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . «ماركىس نۇر » دەپ ئاتالدىم بەزى ، بۇنداق نامغا ئەمەسمەن رازى . ئويلاپ باقسۇن ھەقىقى قازى . ۋاي ! ھېشكىمدىن بولماي نارازى ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . بور توزانغا كۆمۈلۈپ قات - قات ، غەم ئىچىدە ئۆتسىمۇ ھايات ، سەبىلەر ئۇ چىقارسا قانات . شۇنىڭ ئۆزى ئېسىل مۇكاپات ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . نىمە بولسا يوقتۇر پەرۋايىم ، پەقەت شۇدۇر ئارزۇ - ئارمانىم . سىنتەبىردە ئەمەس ھەر - دائىم ، ئۆسسە ئىززەت - ھۆرمەت سەرمايىم، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . ئوقۇتقۇچى بولغان ئۈچۈنلا ، ياراتمىسا يىگىت مەيلىلا ، يىتىم قالدىم دىمەسمەن ئەسلا . ماڭا سىرداش سەبىيلەر تولا . ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت ،ئىزدىنىمەن ھەر بىر قەدەمدە ، چۈنكى ئارزۇ - ئىستەك جىق مەندە ، ئېغىر يۈك بار ئەمدى زىممەمدە ، زارلانمايمەن قالسام ئەلەمدە ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . دىسەڭ قۇدرەت تاپسۇن ئەل ۋەتەن ، غەملەر بىزگە بولمىسۇن كىشەن ، ھەي كەڭ ئاۋام سەن بىزنى چۈشەن . دەت تۆكسەممۇ راس گەپتۇر ئىشەن ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت . تاتساممۇ گەر جاپا - مۇشەقەت ، مىنى ئەخمەق دىگەنگە لەنەت ، گۈللەنمەيدۇ ئۆزى تائەبەت ، يەنە دىسەم يەنە شۇ بىر گەپ . ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار پەقەت
مەنبە:65933.comتورى
|