ئۈچ خىل كۆكتاتنى دائىم يەپ بېرىڭ
زەنجىۋىل: زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل ، تەمى ئاچچىق بولۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەش ، يۆتەل توختىتىش ، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار . سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ . زەنجىۋىل قاننى جانلاندۇرۇپ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . ھەيزنى نورماللاشتۇرۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ . قىزىل زەنجىۋىل سۈيى بىلەن كۈندە 2–3 قېتىم ئېغىزنى چايقىسا ياكى چاي ئورنىدا ئىچسە ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ، چىش ئەتراپى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . رېماتىزم كېسىلى بارلار زەنجىۋىلنى قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ تالقان قىلىپ ، ھەر قېتىمدا ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، كېسىلى ياخشىلىنىدۇ .
سامساق: سامساقنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، ئىششىقنى ياندۇرۇش ، زەھەر قايتۇرۇش ، ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار. سامساقنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ، ئېزىپ ، ئازراق سۇ قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چىش مىلىكىگە چاپلاپ بەرسە ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيەلەش ، چىش مىلىكىنى ئاسراش ، چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ ، شۇنداقلا چىشنىڭ قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
قىزىلمۇچ: قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن ناھايتى مول بولۇپ ، ھەر 100 گىرام قىزىلمۇچ تەركىبىدە 105 مىكروگىرام ۋىتامىن بار . قىزىلمۇچنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، سوغۇقتىن بولغان ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، قورساق كۆپۈش ، قورساق ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ . قىزىلمۇچ بىلەن زەنجىۋىلنى شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا قىلىدۇ . قىزىلمۇچنىڭ يەنە ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار .
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|