ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر
كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 4
go

ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
251 
تېما
43 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاياللار ئەڭ بىزار بولىدىغان سۆزلەر



1. ‹‹ ياسانچۇق ، ئاچكۆز ئاياللار بىلەن ئەڭ خۇشۇم يوق ، ھېلىمۇ ياخشى سىز ئۇلاردەك ئەمەس .››

ئەگەر ئۇنىڭ كىيىم–كېچەك ، ئاياغ، بېزەك ، پەرداز بۇيۇملىرى بىلەن خۇشى بولمىسا ، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز ئالىدىغان ئادەمنىڭ ئايال زاتى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟

2. ‹‹ ئۆي ئىشى ئەسلىدىنلا ئاياللارنىڭ ئىشىغۇ؟! ››

نېمە ئۈچۈن ئۆي ئىشىنى چوقۇم ئاياللار قىلىشى لازىمكەن ؟ ھازىر يا كونا جەمئىيەت بولمىسا ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئەرلەرنىڭكىدىن يېنىك دېگىلى بولمايدۇ .

3. ‹‹ ئەمەلىيەتتە مەن تاللىۋالغۇدەك ئاياللار خېلى كۆپ ئىدى .››

مېنىڭ تاللىۋالالايدىغىنىم تېخىمۇ كۆپتى ، ئەر خەق دېگەن ساماندەك تۇرسا .

4. ‹‹ ئەينى يىللاردا مەن…››

5. ‹‹ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ؟ مەن بۇ ئىشنىڭ ئەپلەشمەيدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم . ››
6. ‹‹ ئىشەنمىسىڭىز قول باغلىشايلى!››

ئەرلەر تۇغۇلۇشىدىنلا دو تىكىشكە ئامراق ، ئەگەر ئەرلەر سىز بىلەن قول باغلىشىمەن دېسە ، بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ جەزمەن ئۆزىگە ئىشەنچى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار بەزىدە تەلەيگە تېخىمۇ ئاسانراق ئىشىنىدۇ .

7. ‹‹ مەن ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ئۇقمايدىغان بىر ئادەممەن ، مېنىڭ ياسىنىپ ، تارىنىپ يۈرۈشۈمدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ ›› .

8. ‹‹ مەن ھەممىدىن قالتىسقۇ ، دەيمەن!›› .

9 . خوتۇنىڭىز تازا كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىۋاتقاندا ، جەھلىڭىز قېتىپ : بولدى ، بولدى ، كىمنى دەپ بۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋاتىسەن ؟ دېيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . چۈنكى بۇ سۆز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ .

10. خوتۇنىڭىز بالىلارنى ئامراقلىق بىلەن سىيلاپ–سىپاۋاتقاندا : سەن بالىلارنى بەك يامان ئۆگىتىپ قويدۇڭ ، دەپ سوغۇق سۇ سەپمەڭ . چۈنكى ، ئانا مۇھەببىتى دېگەن مانا شۇنداق مۇلايىم بولىدۇ .

11. قېينانا بىلەن كېلىننىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇپ ، خوتۇنىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ، ھەرگىز ئالدىراپلا : ئاپام ساڭا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتسا ،سەن نېمىشقا ئۇنى چۈشەنمەيدىغانسەن؟! دېمەڭ چۈنكى بۇنداق دېسىڭىز، خوتۇنىڭىز سىزنى ئۆزىنىڭ ئانىسىغا يان بېسىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ –دە ، قېينانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتىدۇ .

‹‹ ھاياتلىق ›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

توردا
343سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1159 
تېما
26 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پات-پات ئاچچىق ئۈچەيلىرىگە دەسسەپ تۇرۇڭ،

توردا
172سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
284 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش hanjar731 نىڭ يازمىسى

ۋوي،قاملاشمىدىغۇ بۇ گەپ،ئاچچىق ئۈچىيىگە دەسسىگۈدەك يا بىر ھايۋان بولمىسا ئايال كىشى دىگەن~!

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
633 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئاياللارنىڭ نىمىنى ياقتۇرماسلىقىمۇ مۇھىم بىراق مىنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىم ‹‹ۋىييەي ›› دەيدىغان مۇشۇنداقلارنى ئەڭ ياقتۇرمايمەن .

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
170 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-1 09:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.