- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-31
- تىزىملاش
- 2010-10-13
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 19سائەت
- جۇغلانما
- 252
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 58
- تېما
- 6
- توردا
- 19سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 2
- يازما
- 58
- تېما
- 6
|
ئىختىيارىڭىز
يىگىت : بۈگۈن كەچتە نىمە تاماق يىسەك بولار؟
قىز: ئىختىيارىڭىز
يىگىت: ئۇنداقتا بىز لازىدا قورۇغان توخۇ قورۇمىسى يەيلى
قىز: بولمايدۇ، ئۇنى يىسە يۈزىگە يەللىك نەرسە چىقىپ كېتىدىكەن.
يىگىت: ئۇنداقتا قورداق يەيلى.
قىز: بولمايدۇ، تېخى تۈنۈگۈن قورداق يىگەن تۇرساق؟ بۈگۈن يەنە يەمدۇق؟
يىگىت: ئۇنداقتا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يەپ كىلەيلى.
قىز: بولمايدۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىۋېتىدۇ.
يىگىت: ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە يەيمىز؟
قىز: ئىختىيارىڭىز.
2. نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ
يىگىت : ئۇنداقتا ھازىر بىز نىمە ئىش قىلساق بولار؟
قىز: نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
يىگىت : كىنو كۆرۈپ كىلەيلى بولمىسا، بىللە كىنو كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
قىز: كۆرگىدەك نىمىسى با، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ.
يىگىت : ئۇنداقتا بىز گولف توپ ئويناپ كېلەيلى.
قىز : مۇشۇ ئىسسىقتا گولف توپ ئوينامدۇق، ھېرىپ كەتمەمدۇ ئادەم؟
يىگىت : ئۇنداقتا كافىيخانىدىن بىرەرنى تېپىپ ، كافىي ئىچىپ كېلەيلى، قانداق؟
قىز : كافىي ئىچسە ئۇيقىغا زىيانلىق، ئىشقىلىپ مەن بارمايمەن.
يىگىت : ئۇنداقتا سىز دەڭە، نىمە ئىش قىلىمىز؟
قىز: نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
3. ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ
يىگىت : ئەمىسە بىز ئۆيگە قايتساق بولغۇدەك.
قىز : ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ.
يىگىت : ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرايلى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي.
قىز : كوچا ئاپتوۋۇزى ھەم مەينەت، ھەم قالايمىقانچىلىك ، بولدىلا...
يىگىت : ئۇنداقتا تاكسى توسايلى.
قىز : يېقىنلا يولغا تاكسى توسامدۇق؟
يىگىت : ئەمىسە پىيادە قايتايلى، ئايلانغاچ بىردەمدە بارىمىز.
قىز : ئاچ قورساق قانداق يول ماڭغىلى بولىدۇ؟
يىگىت : ئەمىسە سىز زادى قانداق قىلماقچى؟
قىز : ئۆزىڭىز بىرنىمە دەڭ.
يىگىت : ئەمىسە ئاۋال تاماق يەيلى.
قىز: ئىختىيارىڭىز.
يىگىت : نىمە يەيسىز؟
قىز : نىمە بولسا بولىۋېرىدۇ.
خاتالاشمىسام ئوغۇللار مۇشۇ گەپلەرگە بەك ئۆچقۇ دەيمەن، ئەگەر ئۆچ ئەمەس دەيدىغانلار بولسا رەددىيە بەرسەڭلار بۇلدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-23 13:55
|
|