يۇرتلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىڭ كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى<<نەزەر تاشلىماق>>. بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى<<كەڭرى يايلاق>>. خۇشۇت_مۇڭغۇلچە<<خېخىتې>>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى. باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى <<قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش>>. ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئاق رەڭلىك سۇ>>. كۇچا_ئۇيغۇرچە<<تار كۇچا،خاڭ يولى>>قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە. شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى>>دىن ئىبارەت. باي_ئۇيغۇرچە<<باي بولماق ،بايلىق>>دىگەن مەنىگە ئىگە. ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى<<گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق>>. قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<قىزىل رەڭلىك سۇ>>. ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئارچا دەرىخى>> بولۇپ،يەنە<<ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى>>دىگەن مەنىلەرگە ئىگە. ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق تاغ>>. ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى <<چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال>>. ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى <<ئاق چىغ>>دىن ئىبارەت . قەشقەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ھەر خىل رەڭدىكى خىش ئۆي>>،قەدىمكى ساك تىلىدا<< قاشتېشى توپلانغان جاي>> دىگەندىن ئىبارەت. قەشقەر كونا شەھەر_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<تۇپرىقى مۇنبەت،خەلقى باي>>. پوسكام_تاجىكچە مەنىسى <<ئالتۇن دەرياسى>> ئۇيغۇرچە مەنىسى<<مۇنبەت تۇپراق>>. يەكەن_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<تىك قىيا(يار)دىكى شەھەر>>. قاغىلىق_ئۇيغۇرچە مەنىسى <<ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان جاي،قاغا بىر قەدەر كۆپ جاي>>. مەكىت_ئۇيغۇرچە <<ئوتتۇرا بەلۋاغدىن كۆچۈپ كەلگەن ئادەم>>دىگەن مەنىگە ئىگە. يۇپۇرغا_قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى<<يارباكۇ>>دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ<<بىر قەبىلە>> دىگەن مەنىگە ئىگە. پەيزاۋات_ئۇيغۇرچە <<ئىكى دەريانىڭ ئارىسى>> دىگەن مەنىگە ئىگە. مارالبېشى_ئۇيغۇرچە بۇغا بېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە . تاشقورغان_ئۇيغۇرچە<<تاش شەھەر>>دېگەن مەنىگە ئىگە. قارىقاش_ئۇيغۇرچە <<قارا رەڭلىك قاشتېشى>>دىگەن مەنىگە ئىگە. لوپ_ئۇيغۇرچە <<تاغاق سۆڭىكى>>يەنە <<لوپنۇرلۇقلار>>دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دىگن قاراشمۇ بار. چىرىيە_ئۇيغۇرچە <<چىلان>>دېگەن مەنىگە ئىگە
بۇ ماقالە ئەرك بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى
|