- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-1
- تىزىملاش
- 2010-5-31
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 517سائەت
- جۇغلانما
- 2803
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1528
- تېما
- 343
- توردا
- 517سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 1
- يازما
- 1528
- تېما
- 343
|
* مىننەتسىز ياشاشنى قۇياشتىن ئۆگەن.* ئۈمىد ئاسمىنىدا چاقناپ پارلاق نۇر چېچىشنى يۇلتۇزدىن ئۆگەن.* سەبىي قەلبلەرگە ئۈمىد نۇرلىرىنى چېچىشنى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە ئۈن – تىنسىز يورۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتقان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كۈچلۈك بولغان شامدىن ئۆگەن.* تىز پۈكمەي قەيسىرانە ياشاشنى قارىغاي روھىدىن ئۆگەن.* بەرداشلىق بېرىشنى، تەۋرەپ قالماسلىقنى، قەيسەرلىكنى دېڭىزدىكى خادا تاشلاردىن ئۆگەن.* پاكلىقنى ئاپئاق قارلاردىن، ئاپئاق پاختىلاردىن، ئاپئاق ئانا سۈتىدىن ئۆگەن.* گۈزەللىكنى، تەبىئىيلىكنى سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، چەكسىز كەتكەن دالىلاردىن، ئېرىق بويىدا ئۆسكەن ياۋا گۈللەردىن ئۆگەن.* ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى، مېھرىبانلىقنى ئېقىن سۇلاردىن، تاڭنىڭ ئېتىشىدىن، قۇياشنىڭ ئىللىق پارلىشىدىن ئۆگەن.* ئۆزۈڭنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇشنى سەلبىي ئىشلاردىن ئىبرەت، ياخشى ئىشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆگەن.ئىشقىلىپ ئەتراپىڭدىكى ھەربىر شەيئى سەن ئۈچۈن بىر ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. سەن بۇ ئەينەكتىن بەزىدە ئۆز ئەكسىڭنى كۆرسەڭ، بەزىدە ئۆزگىلەر ئەكسىنى كۆرىسەن. بەزىدە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەڭ، بەزىدە ناچارلىقلارنى، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان پاسسىپ، بولمىغۇر ئىشلارنى كۆرىسەن…قىسقىسى، ئۆزۈڭ يولۇققان ھەرقانداق ئىشنى ئەقىل ئىشلىتىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۇرمۇشۇڭنى كۈندىن – كۈنگە رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە پۈركەپ سوغۇققانلىقنى ئۆگەن.تەييارلىغۇچى: ئەھمىدى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-12 12:35
|
|