- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-20
- تىزىملاش
- 2010-10-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 186سائەت
- جۇغلانما
- 2127
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 486
- تېما
- 92
- توردا
- 186سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 16
- يازما
- 486
- تېما
- 92
|
شىياۋگاڭ ئىككى يۈەنگە مەشىق دەپتىرى سېتىۋالماقچى ئىدى.ئەمما دۇكان خۇجايىنى ئۇنى لاتارىيە سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇردى، شىياۋگاڭ راستىنلا ئىككى يۈەنگە لاتارىيە سېتىۋالدى، چىقتى.
ئىككى يۈەن 80يۈەنگە ئايلاندى.ئۇ جىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتتى.ئانىسى ئۇنىڭدىن بۇنچىۋالا پۇلنى نەدىن تاپقانلىقىنى سورىدى، شىياۋگاڭ:
ـ لاتارىيە تارتقانىدىم،سەكسەن يۈەن ئۇتىۋالدىم، - دىدى. ئانىسى ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى-دە، ئۇنىڭغا:
ـ لاتارىيە تارتىشنىڭ قىمار ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن...ــــ دەپ تىللاپ كەتتى.
شىياۋگاڭ ناھايىتى ئۇۋاللىق ھىس قىلدى، دۇكان خۇجايىنى ئۇنى بەزلەپ:
ـــ ئاناڭنىڭ سېنى ئۇرۇشى تارتقان لاتارىيەڭنىڭ ئازلىقىدىن بولغان،قېنى سەن كۆپرەك تارتىپ بىر-ئىككى مىڭ يۈەن ئۇتقىنچۇ، ئاناڭنىڭ خوش بولمىغىنىنى بىر كۆرەي...
شىياۋگاڭ دۇكان خۇجايىنىڭ سۇزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .ئۇنىڭدا يەنە 50يۇەن بار ئىدى ، ئەگەر چىقىپ قالسا توپ ـ-توغرا ئىككى مىڭ يۇەن ئۇتۇۋالاتتى. شىياۋگاڭ 50يۇەننىڭ ھەممىسىگىلا لاتارىيە سېتىۋالدى،ئەپسۇس،مۇكاپات چىقماي 50 يۇەننىڭ پاختىكى ئۇچۇپ كەتتى.
شىياۋگاڭ ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ پۇل ئۇتتۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا، يۈرىكىنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.ئۇ ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇلىنى قايتۇرىۋېلىشقا قەسەم ئىچتى.
ئوقۇش باشلاندى،ئانىسى ئۇنىڭغا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يۇز يۇەن بەردى. شىياۋگاڭ قىلچە ئىككىلەنمەستىن 20 يۇەن پۇلغا لاتارىيە سېتىۋالدى.چىقمىدى،يەنە 20 يۇەنلىك سېتىۋالدى،يەنە چىقمىدى.40يۇەن كەملىگەچكە ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا يەتمەيتتى،ئۇ ئوقۇتقۇچىسىغا ئاتا ئانام ئوقۇش پۇلىنى بەرمىدى دەپ يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولدۇم،دېدى.
شىياۋگاڭدا يەنە ئىككى يۈز نەچچە يۇەن پۇل بار ئىدى،ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن لاتارىيە تارتىشقا بېرىلىپ كەتتى، ئۇ ھەر قېتىم يىگىرمە يۈەنلىك لاتارىيە تارتقاندا ئوقۇش پۇلىدىن كاملىغان بوشلۇقنى تولدۇرىۋېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى.بىراق ئىككى يۈز نەچچە يەۈن تۈگىگىچە تارتقان بولسىمۇ ھىچنەرسە چىقمىدى.شىياۋگاڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئارامسىزلىناتتى،كېچىلىرى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي،كۆزىنى دۈپ-دۈگىلەك قىلىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتاتتى.ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ئۇچقاندەك تۈۋەنلەشكە باشلىدى.
بىر كۈنى سىنىپ مۇدىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقۇش پۇلىنى سۈيلەپ باردى. ئاتا-ئانىسى شىياۋگاڭدىن ئوقۇش پۇلىنى نەگە بەرگەنلىكىنى سورىدى،شىياۋگاڭ بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۈۋەن ئاۋازدا :
ــــ لاتارىيە تارتقانىدىم،ــ دېدى.
شىياۋگاڭنىڭ ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بېشىغا توقماق تەككەندەك بولۇپ،ئارقىسىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ ھۇشىدىن كەتتى. شىياۋ گاڭ ئانىسىنىڭ قېشىىغا تىزلاندى مۇنچاقتەك كۆزياشلىرى ئانىسىنى ھوشىغا كەلتۈردى .ئانىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ بۇندىن كېيىن لاتارىيە تارتماسلىققا قەسەم بەردى.ئانىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا :
ــــ سەن ماڭا يەنە لاتارىيە تارتسام بىر تال بارمىقىنى كېسىۋېتىڭ دەپ تىلخەت يېزىپ بەر ،ـــ دېدى. شىياۋگاڭ ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە تىلخەت يېزىپ بەردى.
شىياۋگاڭنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تېزرەك تۆلىۋىتىش ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قۇيۇپ ئىشلەشكە باشلىدى ،ئۇ ئېغىر ئەپكەشلەرنى كۆتۈرۈۋېرىپ مۈرىلىرى قاناپ كەتتى...
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئانىسى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم 300 پۇلنى بېرىۋېتىپ ،تەسىرلىك قىلىپ
ـــ ئاناڭنىڭ نپمە ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى ئۆزەڭنىڭ تاپشۇرۇشىغا بېرىدىغانلقىنى بىلەمسەن؟ شىياۋگاڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ :
ــــ بىلىمەن ،چۈنكى سىز مېنىڭ ياخشى بالا بولالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىسز .
شىياۋگاڭ مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ھېلىقى دۇكان ئالدىدىن ئۆتەتتى ، دۇكان خوجايىنى يەنە ئۇنى لاتارىيە تارتىشقا چاقىردى ،شىياۋگاڭ ئۇنىڭغا:
-- مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ لاتارىيە سېتىۋالمايمەن،-- دېدى . دۇكان خوجايىنى ئۇنىڭغا :
ـــ-مەن سېنىڭدىنمۇ بەتتەررەك ئۇتۇرىۋەتتىم ،ئارقا- ئارقىدىن 80 قېتىم تارتىپ چىقمىغانىدى ، يېقىندا تاغام بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن ئارانلا بىر قېتىم كەلتۈردۈم ، ـــ دېدى . شىياۋگاڭ :
ـــ تاغىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
دۇكان خوجايىنى :
ـــ تاغام شىياڭگاڭدا مەخسۇس لاتارىيە ئوينايدۇ ، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۇيۇندا ئۇتالمايدىغان ئادەم يوق ئىكەن .
شىياۋگاڭ :
ئۇنداقتا مەنمۇ 10 يۈەنلىك تارتىپ باقاي .
دۇكان خوجايىنى :
ـــ 10 يۈەنلىك تارتقاننىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن ،تارتقاندىن كېيىن كۆپرەك تارتىپ ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇلۇڭنى قايتۇرىۋالمامسەن...
شىياۋگاڭ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ؛
ـــ بولىدۇ،300 يۈەنلىك تارتاي ،قانداق ساننى تاللايسەن ؟
دۇكان خوجايىنى شىياۋگاڭنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ :
ـــ 16 ،ـــ دېدى .
شىياۋگاڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا 300 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى دۇكان خوجايىنىنڭ قولىغا تۇتقۇزدى ھەم 16 دىگەن رەقەمنىڭ ئۈستىگە قۇلىنى قويدى.
ئىككىنچى كۈنى، شىياۋ گاڭ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن بارغاندا ،دۇكاننىڭ پىچەتلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە تۈنۈگۈن ئاخشام دۇكان خوجايىنىنى ساقچىلار تۇتۇپ كېتىپتۇ. شىياۋ گاڭنىڭ مىڭىسى زىڭڭىدە قىلىپ كەتتى.بىراق ئۇتقان-ئۇتمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن،تۈنۈگۈنكى مۇكاپاتنىڭ نومۇرى 16 ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى.ئەتراپتىكىلەر :
__ ياق، 16 ئەمەس، 12،__ دېدى.شىياۋگاڭ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەندى. ئۇ روھى چۈشكەن ھالدا ئۆيگە قايتتى. ئۇ ئۆيگە بېرىپ ئانىسىغا تىزلىنىپ تۇرۇپ:
__ سىز بەرگەن 300يۈەن پۇلغا لاتارىيە سېتىۋېلىپ ئۇتتۇرىۋەتتىم.ئەمدى بارمىقىمنى كېسىۋېتىڭ،__ دېدى. ئانىسى ئاچچىقىدا تىترەپ كەتتى،غەزەپ بىلەن ئاۋازىنى چىشىنىڭ ئارىلىقىدىن چىقىرىپ:
__ قولۇڭنى چىقار!!!__ دېدى.
شىياۋگاڭ يۇۋاشلىق بىلەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ئۇزارتتى.ئانىسى قىڭغىراقنى ئالدى، شىياۋگاڭنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ،مۇسكوللىرى تارتىشىپ،قاراشقىمۇ پىتىنالماي، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى.ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇشى بىلەن«تاڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۇششاق تىترەك بېسىپ ئۆتتى.ئەمما ئازراقمۇ ئاغرىق ھىس قىلمىدى.
شىياۋگاڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپنىڭ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى، قاننىڭ ئىچىدە بىرتال يوغان بارماقنىڭ سەكرەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئەسلىدە ئانىسى ئۆزىنىڭ بارمىقىنى چېپىۋەتكەن ئىدى.
مەنبە: "ئوقۇرمەنلەر" ھەپتىلىك ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-3 11:06
|
|