ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون @بىباھا بايلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ@
كۆرۈش: 837|ئىنكاس: 4
go

@بىباھا بايلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ@

توردا
354سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
617 
تېما
30 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 00:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر  يىگىت  ئائىلىسى  نامىرات  بولغاچقا ،دائىم  روھسىز  يۈرىيدىكەن .كىشىلەر  ئۇنىڭىدىن‹‹كېسەل بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟››دەپ سورىسا، ئۇ بېشىنى چايقاپ ئۇھ تارتىپ قويدىكەن . ئۇ ھەددىدىن زىيادە ئۈمۈدسىزلىنىپ  كەتكەچكە ،مېنىڭ ئىستىقبالىم يوق،كەلگۈسىدىنمۇ ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ،دەپ ئۇيلايدىكەن .
بىر كۈنى ،ئۇ بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتۋاسسا ،كۆۋرۈك بېشىدا ئۇلتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراپ كىتىپتۇ ۋە ؛‹‹يىگىت ،بۇياققا كېلىڭە ،قارىسام سىز ياش تەمبەل ئىكەنسىز، رۇھىڭىزمۇ ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ. سىز  باي  ئادەم ئىكەنسىز ، كەلگۈسىڭىز چوقۇم  پارلاق بولىدۇ››دەپتۇ.يىگىت بوۋاينىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ.
‹‹مېنىڭ ھېچنېمەم  بولمىسا ،يە مەندە ئۈمىد بولمىسا، مېنى نېمىگە قاراپ باي دەيسىز؟›› دەپ سۇراپتۇ بوۋايدىن .‹‹ئىسىت، شۇنچە كۆپ بايلىقىڭىز تۇرۇپمۇ....››دەپتۇ بوۋاي ...‹‹نېىمىگە ئىسىت دەيسز؟مېنىڭ بايلىقىم قەيەردە ؟ مەن نېمىشقا  بىلمەيمەن ››دەپتۇ يىگىت چۈشىنەلمەي .
‹‹مۇنداق قىلايلى ،ئەگەر سىز كۆزىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز،مەن خالىغان نەرسىڭىزنى بېرىمەن ››دەپتۇ بوۋاي .
‹‹ ياق،كۆزۈمدىن ئايرىلسام بولمايدۇ،ئۇ بولمىسا نەرسىلەرنى كۆرەلمەيمەن›› دەپتۇ يىگىت .
‹‹ ئۇنداق بولسا،ئىككى قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ ،مەن سىزگە بىر تاغار ئالتۇن بېرەي ››
‹‹ بولمايدۇ، قولۇم بىلەن نەرسىلەرنى  تۇتىدىغان تۇرسام ›› دەپتۇ يىگىت.

‹‹يىگىت ،سىزنىڭ  بىر جۈپ قىممەتلىك كۆزىڭىز ۋە بىر جۈپ قىممەتلىك قولىڭىز بار ئىكەن .كۆزىڭىز بىلەن ئۆگىنىش قىلسىڭىز، قولىڭىز بىلەن ئەمگەك قىلسىڭىز بولدىكەن .سىز شۇنچە باياشات تۇرۇپمۇ نېمىشقا ئۈمىدسىزلىنىسىز؟››دەپتۇ بوۋاي .

پىكىر يولى
1-بۇ ھېكايىدىكى يىگىت ھەقىقەتەن ئەخمەق .ئۇ پەقەت  باشقىلارنىڭ بايلىقىنىلا كۆرۈپ،ئۆز بەدىنىدىكى بىباھا بايلىقنى ھېس قىلالمىغان .تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئادەملەر ناھايىتى كۈپ .ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەممە نەرسىسگە ھەۋەس قىلدۇيۇ، ئۆزىدىمۇ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ.
2-ھەر قانداق ئەھۋالدىمۇ ئۇھسىنىپ ،ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم.لېكىن ئىشلار داۋاملىق ئەكىسچە بولىدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر  بۇ ھەقىقەتنى كېچىكىپ چۈشىندۇ.ئادەم ئۆزىگە ھەر ۋاقىت ئىشىنىشى كېرەك .چۈنكى ئۈمىدۋار بۇلغاندىلا  تۇرمۇشتىكى  بايلىقلارنى بايقىيالايمىز.

تۇرمۇش كوئوردېناتى
بايلىقنى ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ئىزدەپ،ھالال مېھنەتكە تايانغاندىلا ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پەقەت ئەقىل- پاراسەت ۋە ئىشچان ئىككى قولغا تايانغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنى تۇتۇپ،ئۆزىمىزگە تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ھازىرلىيالايمىز. ئەقىل -پاراسىتىمىز تۇرمۇشىمىزدا يۇشۇرۇنغان  پۇرسەتلەرنى بايقاشقا ،بىر جۈپ قولىمىز بولسا ،شۇ پۇرسەتلەرنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
                                                                       مەنبە ‹‹ھاياتلىق ھەقىقىتى››كىتابىدىن  

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1141 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 00:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت .

توردا
1155سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1147 
تېما
26 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 10:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت، مەن ئاخشام يېتىپ ئەتىسى ساق قوپقانلىقىم ، بۇ مىنىڭ ناھايىتى بەخىتلىكىم .
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.

توردا
337سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
211 
تېما
18 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 12:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
243سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1617 
تېما
170 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 14:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-28 10:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.