ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون جورىسىغا <<كەچۈرۈڭ>> دېمەكچى بولغاندا قانداق ...
كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 6
go

جورىسىغا <<كەچۈرۈڭ>> دېمەكچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


نەچچە يىل ئىلگىرى بىر كۈنى كەچتە، دوكتور نورمال ۋېنسنىت پىئېر بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان نىكاھ مۇرەسسەسىدىن كېيىن پۇت - قولىدا جان قالمىغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ھارغىن ھالدا ئۆز - ئۆزىگە :<<بىرەسى ماڭا بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان رېتسېپ بەرگەن بولسا بوپتىكەن>> دەپتۇ.
دەل مۇشۇ چاغدا باستېرلىق قىلىۋاتقان دادىسى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىكەن، ئۇ:
_ مەن ساڭا بىر رېتسېپ بېرەي، بۇ رېتسېپ پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز، ئۇ بولسىمۇ سەن پەقەت ئەر - ئايالنى ئۆزئارا بىر قېتىملا <<كەچۈرۈڭ>> دېيىشكە كۆندۈرسەڭلا بولىدۇ، سىناپ كۆرگىن، شۇندىلا ئۇنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىسەن، _ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن، پېئىر راستتىنلا سىناپ بېقىپتۇ. ئۇ دادىسىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ تاغنى يۆتكىگۈدەك كۈچىنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ. پېئىر كېيىنكى نىكاھ ئىشلىرى مۇرەسسە خىزمىتىدە ئۇ سۆزنى ئىشلىتىپتۇ. ماجىرالاشقان ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا مەيلى قانچىلىك كۆڭۈل ئارازچىلىقى بولسۇن، كەچۈرۈڭ دېگەن بۇ سۆز مەسىلىنى ھەل قىلىش يوچۇقىنى ئېچىپتۇ.
ھەقىقىي كەچۈرۈم سوراش خاتالىقىنى تونۇشلا ئەمەس، ئۇ يەنە سۆز - ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى، قارشى تەرەپكە ناماقۇل بولۇش بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇيىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ ھەرگىز ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس، خاتالىقنى تونۇش ئادەمنى ئوسال قىلىدۇ، لېكىن، ئۆزىڭىزنى باتۇرلۇق بىلەن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ تەكەببۇرلىقىنى تاشلىسىڭىز، ئۇ كۆڭۈل ئاغرىقىنى داۋالايدىغان ئېسىل دورىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز قانداق ۋاقىتتا، قانداق شەكىلدە <<كەچۈرۈڭ>> دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە پايدىلىنىشقا بىر نەچچە تەكلىپنى سۇندۇق:
1. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ناماقۇللۇقىنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا يارىشىۋېلىش سىگنالى بېرىڭ. بىر قېتىملىق جېدەل - ماجىرادىن كېيىن، بىر دەستە گۈل زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن يارىلانغان يۈرەككە تەسەللىي بولىدۇ؛ سىزنىڭ تەخسە يېنىغا ياكى ياستۇق تېگىگە قويۇپ قويغان كىچىككىنە بىر تال سوۋغىڭىزمۇ ناماقۇل بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈنۈمى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. قولىنىڭ ئۇچرىشىشىمۇ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن چىققان بۇنداق ئاۋازسىز ساداغا ھەرگىز سەل قارىماڭ.
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، جورىڭىزدىن ئەپۇ سوراش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇ يېتىلگەنلىكىڭىز ۋە سەمىمىيلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى. ئۇلۇغ ئادەملەرمۇ كەچۈرۈم سورىيالايدۇ. روبېرت ئې.لى گېدىسبۇرگ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قالدۇق ئەسكەرلىرىگە مەغلۇبىيەت مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. گېنستون چېرچىلنىڭ ھېنرى ترۇمىندىن ئالغان تۇنجى تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولغان، كېيىن، ئۇ ترۇمىنغا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا سەل چاغلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ____ بۇ سۆز ناھايىتى دانا تەكللۇپ سۆزى بىلەن ئېيتىلغان كەچۈرۈم سۆزدۇر.
3. سىزنىڭ ناماقۇللىقىڭىز ھەقىقىي پۇشايماننى بىلدۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، ئۇ ياراشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم راست گەپ قىلىشىڭىز كېرەك.
4. ناماقۇل بولغاندا غۇرۇرىڭىزنى ساقلاڭ____ تېز پۈكىدىغان ئىشنى قىلماڭ. چۈنكى، سىز ئۆز خاتالىقىڭىزنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىسىز، بۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش.
5. ئەگەر كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك بولسا، سىز شۇ ۋاقىتتىلا كەچۈرۈم سوراڭ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كەچۈرۈم سورىمىقىڭىز تەسلىشىدۇ. پىئېر بىر چوڭ فوندى جەمئىيىتىدە كېڭەش ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، ھاكاۋۇر بىر ياش ياردەمچى ئۆزىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېڭەش ھەيئىتى ئاۋاز تاشلاپ، بۇ قېتىملىق ئادەم ئالماشتۇرۇش ئىشىغا قوشۇلغان. لېكىن، ئۇلار ناھايىتى تېزلىكتە ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىشنى ناھايىتى خاتا قىلغانلىقىنى، بۇ پېشقەدەم مۇدىرنى ۋەزىپىدىن قالدۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشقان. پىئېر بۇ گەپنى ئۇنىڭغا ئېيتماقچى بولغان. لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، بۇ پېشقەدەم مۇدىر جانغا زامىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن، پىئېرنىڭ كەچۈرۈم سوراش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان. بۇ ئىشتىن پىئېر قاتتىق ئەپسۇسلانغان.
6. ئەگەر سىز جورىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دەپ قارىغان، لېكىن ئۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورىمىغان بولسا، سىز ھەرگىز قايغۇرۇپ ۋە ئاچچىقلىنىپ يۈرمەي، ئۇنىڭغا ھېسسىداشلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇشىڭىز كېرەك. بىر ۋاراقچىگە خەت يېزىپ ياكى ئىككىلەڭلار بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بىرسىنى تېپىپ، ئارىدا گەپ يەتكۈزگۈزۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم دەپ قارىغانلىقىڭىزنى ھەمدە بۇنداق تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئارزۇيىڭىزنى چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز جورىڭىزنىڭ كەچۈرۈم سورىشىدىن ئوسال بولۇپ قالماي دېسىڭىز يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قىلىڭ.
7. ئەگەر سىز خاتا ئىش قىلمىغان بولسىڭىز، ئەپلىشىۋېلىش ئۈچۈنلا كەچۈرۈم سورىماڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈز كېلەلمەسلىك ھېسسىياتىنى كەچۈرۈم سوراشتىن پەرقلەندۈرۈڭ. مەسىلەن، مۇبادا سىز بىر رەھبەر بولۇپ، بىرەيلەن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاچقا ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋەتكەن بولسىڭىز، بەلكىم ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەگەر جورىڭىزنى خاتا ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا قاتتىق تەگكەن بولىسىىڭىز ياكى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا سەل قارىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ھەرىكىتىڭىزدە ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدا خەت يازسىڭىز، تېلېفون ئۇرسىڭىز ياكى كىتاب، گۈل، خورما قاتارلىق كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرىدىغان ھەر قانداق نەرسە بىلەن ئۇچۇر يەتكۈزسىڭىز بولىدۇ. بۇ نەرسىلەر جورىڭىزغا مۇنۇلارنى ئۇقتۇرىدۇ :<<ئارىمىزىدىكى ئارازچىلىقتىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى، بۇنى سىزگە سوۋغا قىلدىم، ئىلگىرىكى ئاداۋەتلەرنى كۆڭلىمىزدە ساقلىماي يارىشىپ قالايلى، سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئېلىپ كەلگەن قىياپەتنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.>> بۇ ئۇچۇر دۇنيادا ھەممىدىن بەك ياراشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان <<كەچۈرۈڭ>> دېگەن بىر سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


مەنبە: ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 127 نەسىھەتتىن؛

توردا
658سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
1422 
تېما
253 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 03:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ....رەھمەت...ئەجرىڭىزگە شۇنداق ياخشى ياخشى تېمىكەن بۇ ....تەربىۋىي ئەھمىيتى بار ،مەن بۇنىڭدىن ساۋاق ئالسام بولۇغۇدەك...

توردا
348سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1189 
تېما
26 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 11:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئو مەن ئۆگەنمىسەم بولمىدى ماندا تۇرمۇ
ش ساۋاتلىرىنى

توردا
62سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
169 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل تىمىكەن............ رەخمەت تىما ئگسىگە ھارمىغايسىز

توردا
379سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
481 
تېما
125 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 17:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىمىسىمۇ‹‹كەچۇرۇڭ ››دىگەن سوز چۇڭقۇر مەناغا ئىگە سوز لىكىن ۋاىتى ئۇزىراپ كەتسە ئورنىغا ئەكىلىمەن دەپمۇ ئەككەلگىلى بولمايدۇ .تىمىڭزغا رەخمەت .......

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
403 
تېما
32 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 17:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ئادەم ياشاش يولىدا خاتالىقىتىن سادر بولالايمەن دىيەلمەيدۇ. سىز باشقىلارغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىغاندا ( كەچۈرۈڭ) دىگەن بۇ سۆز چىن قەلبىدىن چىقىسىلا دۇنيادا كەچۈرەلمەيدىغان ئىش يوق

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1367 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 21:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋېلىشقا تىگشلىك ئىشلاركەن..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-29 16:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.