ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 3
go

ئاددى ھەقىقەت

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
47 
تېما
47 
يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىلگىرى ئاچارچىلىقتا قالغان ئىككەيلەن بىر ئەمەلدارنىڭ شاپائىتى بىلەن بىر قارماق ۋە بىر سىۋەت بېلىققا ئىرىشىپتۇ . ئۇلارنىڭ بىر بېلىقىنى، يەنە بىر قارماقنى ئاپتۇ . بېلىقنى ئالغىنى ئۆيگە كىلىپلا بېلىقنى پىشۇرۇپ پاك - پاكىز سوقىۋېتىپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي قورسىقى يەنە ئېچىپتۇ . قارماقنى ئالغىنى قورسىقىنىڭ ئېچىشىغا بەرداشىلىق بىرىپ ، دېڭىز تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . بىراق دېڭىزغا يېقىنىلىشاي دىگەندە  ماغدۇرىدىن كىتىپ قارماقنى تاشلاپ قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر بوپتۇ . كىيىن يەنە ئاچارچىلىقتا قالغان ئىككەيلەنمۇ ھېلىقى ئەمەلدارنىڭ شاپائىتى بىلەن ئوخشاشلا بىر قارماق ۋە بىر سىۋەت بېلىققا ئىرشىپتۇ . ئۇلار بىرلىكتە دېڭىزغا قاراپ مېڭىپ ، ھەر قىتىم قورسىقى ئاچقاندا بىر تال بېلىقنى پىشۇرۇپ يەپ ، ئاخىرى دېڭىزغا يىتىپ كەپتۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى ئادەم بېلىق تۇتۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ ، بەختىيار تۇرمۇشىقا ئىرىشىپتۇ .
ئادەم پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلىسە ۋاقىتلىق خۇشال بۇلالايدۇ . كەلگۈسىى مەنپەئەتنى كۆزلىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا رىيانلىققا يۈزلىنىشى كىرەك . غايە بىلەن رىيانلىقىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ، ئاندىن نەتىجە قازنالايدۇ . بەزىدە ئاددى بىر ھەقىقەتمۇ كىشىگە زور ئىلىھام بىرىدۇ . غايە ھەمىشە يىراقتىكى ( دېڭىزغا ) رىئانللىق كۆز ئالدىمىزدىكى ( ئاچارچىلىق )قا ئوخشايدۇ . قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ، غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جاسارەت بولغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ . يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىدۇرۇپ ، يىتەرسىزىلىكىنى تۈگىتىپ مۆرىنى -مۆرىگە تېرەپ ئورتاق ئىلگىرلىيەلەيدىغان بۇلۇش كىرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىككىلى تەرەپ غەلبە قىلالايدۇ .
دىمەك بىر شەخس ئۆزى قىلۋاتقان ئىشتا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ئۆز تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئاشۇ كوللىكتىپنىڭ روناق تېپىشىى ، گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشى لازىم .
مەنبە : ئۈرۈمىچى كەچىلىك گىزىتى

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
147 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 21:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە .

توردا
349سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1141 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 21:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق . رەھمەت سىزگە .

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
699 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 12:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راست ھەمەيلەن كۈچ چىقارىسا تاغىنىمۇ يوتىگكلى بۇلىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-29 16:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.