بىلىشىمچە بۇ تور بىكەت سۆيۈملۈك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەرپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىنى تونۇشتۇرۇش،قوغداش،تەرەققى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان. ئادىرسى :http://www.uyghurlar.tv/ 2.مەرىپەت تورى بۇ تور بىكەتمۇ ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى تەرپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ قۇتاتغۇبىلىك،مەرىپەت كۈتۈپخانىسى،چەتئەلدە ئوقۇش،مەرىپەت لوڭقىسى مۇكاپاتلىق كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى قاتارلىق سەھىپىلەردە ئىسىل يازمىلار يوللىنىۋاتىدۇ. ئادىرسى: http://www.meripet.org/ 3.پىشىۋا كىتاپ شەھەرچىسى پىشىۋا كىتاپ شەھەرچىسى بولسا مەخسۇس ماتىرىيال ھەمبەھىرلىنىش سۇپىسى بولۇپ Txt,Word,PDF قاتارلىق فورماتتىكى ماتىرىياللارنى توردا كۆرۈشكە،چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.ئىقتىدارلىرىwww.docin.com/ تورىدىن قىلىشمايدۇ.ئۇيغۇر يىزىقىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.بىلىشىمچە بۇ بىكەت يىڭى قۇرۇلغان بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوقكەن.ئەلۋەتتە سىز،مەن ۋە ئۇ قوللىساق،ئۆزىمىزدە بار ماتىرىياللارنى يوللاپ باشقا قىرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنساق بۇ تور بىكەتنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ،مۇكەممەل،قولايلىق ماتىرىيال ئامبىرى بولۇپ قىلىشىغا ئىشەنچىم كامىل. ئادىرسى : http://pixiwa.com/ 4. سەزگۈ تور بەت لاھىيەلەش بايلىقلىرى مەزكۇر تور بىكەت تور بەت لاھىيەلىگۈچىلەر ئۈچۈن ھەرخىل خام ماتىرىياللارنى تەمىنلەشنى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ خام ماتىرىياللارنىڭ تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولۇپلا قالماي ھەرخىل كود ۋە ئۈنۈملەرنى ئالدىن سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ.ئەگەر سىز بىر تور لاھىلىگۈچى ياكى تور بەت لەھىيەلەشكە قىزىققۇچى بولسىڭىز بۇ توردىكى مەزمۇنلارنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز. ئادىرسى :http://sazgu.net 5.يول ئىزدەش ماتورى مەزكۈر تور بىكەت ئىز تورىغا قاراشلىق بولۇپ ناخشا ئىزدەش ۋە لۇغەت ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.قانداقلا ناخشىغا ئىھتىياجلىق بولۇڭ يول ئىزدەش ماتورى سىزگە تىپىپ بىرەلەيدۇ. يول ئىزدەش ماتورىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكى :تور بەت ئىزدىگەندە ئىزدەش نەتجىسىنىڭ ئاسىتىغا ئىز تورىدىكى مۇناسۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.گەرچە بەزىلەرگە قولايلىق ئىلىپ كەلسىمۇ يەنە بەزىلەرنى بىزار قىلىۋاتىدۇ(مەسىلەن مىنى)،بەلكىم يول ئىزدەش ماتورىنىڭ كىيىنكى قىتىملىق تىخىنىكا يىڭىلاشتا بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ ئىسىمى جىسمىغا لايىق ئەڭ ياخشى ئىزدەش ماتورى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئادىرسى : http://www.yol.la/ 6.ئۇيغۇر يانفۇن تورى مەزكۇر تور بىكەت مەخسۇس يانفۇن ھەققىدىكى بىلىملەرنى تارقىتىش،ئورتاقلىشىش ،يانفۇن يۇمساق دىتاللىرىنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەش،ئاساسلىق يانفۇن سىستىمىلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشنى ئاساسى نىشان قىلغان.يانفۇن ھەققىدىكى ھەر قانداق سۇئالىڭىزغا جاۋاپ تاپالايسىز ھەم يانفۇن توغۇرلۇق ھەرخىل ئۇچۇرلاردىن ېاقتىدا خەۋەردار بولالايسىز. ئادىرسى :http://uyphone.org 7. بەكتۇر ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبى مەزكۇر تور بىكەت خاسلىققا ئىگە تىل ئۈگىنىش تور بىكىتى بولۇپ تىل ئۆگىنىش،ئىمتھانلار،چەتئەلگە چىقىش،مەكتەپ تاللاش،ۋىزا-پاسپورت قاتارلىق سەھىپىلىرىدىن چوقۇم نەپكە ئىرىشەلەيسىز. ئادىرسى : http://www.bektur.com 8. ئەلچى گۈلچىلىكى بىلىشىمچە مەزكۇر تور بىكەت ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدىكى تۇنجى،شۇنداقلا بىردىنبىر زاكاس ئارقىلىق گۈل يەتكۈزۈش تور بىكىتى.تور بىكەتتە ھەرخىل گۈللەر رەسىمى،چۈشەندۈرىشى بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ ياقتۇرغان گۈلنى يىقىن كىشىلىرىڭىزگە تور ئارقىلىقلا سوۋغا قىلالايسىز. ئادىرسى :http://www.gulqi.biz/ 9. پۇتبول تورى ئەگەر سىز بىر پۇتبول ھەۋەسكارى بولسىڭىز چوقۇم بۇ تورغا ئامراق بولۇپ قالسىز.مەزكۇر تور بىكەت مۇنبەر شەكلىدە بولۇپ پۇتبول ھەققىدىكى ئۆتكۈر،كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ تور بىكەت يەنە كەڭ تور بىكەت قۇرغۇچىلارنىڭ سەمىگە سىلپ قويدىكى مۇنبەر دىگەننى چوقۇم ئۈنۋىرسال دىگەن نامدا قۇرۇش ھاجەت ئەمەس.پۇتبول تورىغا ئوخشاش مەلۇم بىر ساھە ھەققىدە مۇنبەر قۇرۇلسىمۇ ئوخشاشلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ. ئادىرسى :http://www.xjfifa.com 10.بۇ سىزگە قالدى ئەسلى 10 نى يىزىۋىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.لىكىن ئاخىرقىسىغا مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم.شۇڭا بۇ ئورۇن تورداشلارغا قالدى.خاسلىققا ئىگە تور بىكەتلەرنى ئىنكاس سەكلىدە تەۋسىيە قىلساڭلار تولۇقلاپ قويىمەن. بۇندىن كىيىن ھەپىتىدە بىر سان <تەۋسىيەلىك ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر> يازمىسى يوللىنىدۇ.كۆپچىلىك ئىنكاس سەكلىدە تەۋسىيە قىلسا بولىدۇ. |