- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-3
- تىزىملاش
- 2010-6-7
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 722سائەت
- جۇغلانما
- 3376
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1304
- تېما
- 60
 
- توردا
- 722سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 25
- يازما
- 1304
- تېما
- 60
|
ئۇيغۇر يازعۇچى ئانارگۈل ئامىرېكىدا مۇكاپاتقا ئىرىشتى
ئىلاۋە:
2007-يىلى قىشتا يەكەندىكى يازعۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان ماڭا ئالاھىدە تېلفون قىلىپ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى ››ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىل11-سانىغا ئۇيغۇر يازغۇچى ئانارگۈلنىڭ بىر پوۋېسىت ۋە بىر پارچە ماقالىسى بېلەن قوشۇپ قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەنلىكىنى،مۈمكىن بولسا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇشۇمنى ھاۋالە قىلغانىدى.ئۇيغۇر يازغۇچى ئانارگۈلنىڭ ئامېرىكىدا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان ‹‹ ئالتۇن بارماق›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىعا سۇندۇم.
ئۇيغۇر يازغۇچى ئانارگۈلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نەشىر ئەفكار بولغان <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى >>ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىل11-سانىدىكى بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان ساپ خەنزۇ تىلى بېلەن ئەسەر يازىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى ئانارگۈل ھەققىدە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا ،ھازىرغا قەدەر مىللتىمىزگە تونۇشتۇرۇلماي كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچى ئانارگۈل ‹‹تۇماق ››ناملىق پوۋېستى بېلەن ئامېرىكىدا خەلقئارالىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان ‹‹ ئالتۇن بارماق›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئانارگۈل شىنجاڭنىڭ تۇزكۆل(يەنخۇ)دە 1981-يىلى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر. ئۇ ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىدا يازىدىغان يازغۇچى بولغاچقا مىللىتىمىزگە ئانچە تونۇلالمىغان. خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە 3مىليۇن خەتتىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلغان ،‹‹كىچىك ناھىيىدىكى ئەخمەق ››،‹‹سۈكۈتتىكى تاغلار››قاتارلىق ھېكايە-پوۋېسىتلار توپلىمى، ‹‹ئورمان قاراۋۇلى››،‹‹ھاللىنىپ ئۆيلىنىۋېلىش ››ناملىق رومانلىرى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان. ‹‹كۈز كېچىسىدىكى يۇلتۇزلار ›› ناملىق پوۋېستى سىنارىيىلەشتۈرىلىپ ‹‹كەنىتتىكى ئىشلار ›› ناملىق فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن .
ھازىر جۇڭگو ئورمانچىلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، <<ئېكىلوگىيە مەدەنىيىتى >> ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئىكەن. ئانارگۈلنىڭ چىراي-شەكلى خەنزۇلارغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ كەتسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مىللىي كىملىك مەيدانى تولىمۇ كەسكىن بولۇپ ، ئۆزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن. ھەتتا <<مىللىتىم ئىجادىيىتىمدىكى ئېتىقادىمدۇر>>ناملىق ماقالىمۇ ئېلان قىلغان .
مىللىتىم ئجادىيىتىمدىكى ئېتىقادىمدۇر
ئانارگۈل
بوزقىر تەرجىمىسى
مەن ئۆزۈمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم. بۇ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم بېلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.بەزىدە شۇنىمۇ ئويلاپ قالىمەن: بىر ئۇيغۇر قىزى خەنزۇغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ قالسا،ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولمىسا قانداق بولغىنى ئەمدى،دەپ.شۇڭا قوش گېزەك ھەدەم بېلەن ئىككىمىز بىزنى ئانىمىزنىڭ تۇغقانلىقىغا گۇمانلىنىپمۇ قالىمىز .ئانام جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغاندا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:<<ئانا، ھەدەم بېلەن ئىككىمىز سىزنىڭ ئۆز قىزىڭىزمۇ؟>>دەپ سورىغىنىمدا ئۇنىڭ ماڭا ئەجەبلىنىپ قارىغىنىچە <<ئاناڭغا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشەنگىنكى،سىلەر ساپ ئۇيغۇر نەسلىدىن،سەن چوقۇم ھاياتىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭ كېرەك>> دېگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھەدەممۇ مەندىن ئايرىلدى.شۇ يىلى مەن 10ياشلاردا بولۇپ ئجادىيەتنى باشلىدىم.ئاۋال نەسىر يازدىم،كېيىن ھېكايىغا كۆچتۈم.دادام ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ مەدەت بېرىشى بېلەن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم.ئەمما مەن ئۆز ئىسمىم بېلەن ئەسەر ئېلان قىلىشتىن قورۇققاچقا كۆپ ھالدا<< شۈيگو>>(مېۋە-چىۋە دېگەن مەنىدە)،<<گوگو>>،<<خۇاخۇا>>دېگەندەك تەخەللۇسلارنى قوللانغانىدىم.شۇنچە يىللاردىن بېرى ناھايتى كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم.مەيلى نەگىلا بارماي قانداق كىشىلەرگە يولۇقماي ئۇلار گۇمانىي نەزىرى بېلەن ماڭا بېقىشاتتى.بەزىلىرى ھەتتا <<سىز راستىنلا ئۇيغۇرمۇ ؟>>دەپ سورىشاتتى.شۇنداق چاغلاردا روھىي جەھەتتىن قىسىلىشقا ئۇچراپ ئۆزۈمنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قالاتتىم، خۇددى ئۆزۈمنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم.ئەمما ھايالشىمايلا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالاتتىمدە سىرىتقى دۇنيادىن كەلگەن بەزى بېسىم ۋە چۈشەنمەسلىكلەرنى قوبۇل قىلماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتىم.
ئىجادىيەت ھاياتىمدا ماڭا ئۈچ بىلىملىك ئايال بېلەن ئۇچرىشىش نېسىپ بوپتۇ.ئۇلار مېنىڭ ئانام،ئىمىك ئانام ۋە ئۆگەي ئانامدىن ئىبارەت.ئانام ۋە ئۆگەي ئانامنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئەنگىلىيىدە ئوقۇغانىدى.مېنىڭ ئۆگۈنۈش ھەم تۇرمۇشۇمغا قاتتىق تەلەپ قوياتتى.بولۇپمۇ ئانام ماڭا كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا خاتىرە يازدۇراتتى.<<شاكىلات ئېرىپ تۈگەيدۇ،گۈل توزۇپ كېتىدۇ،پەقەت قەغەز يۈزىگە يېزىلغان نەرسىلەرلا ساڭا ساداقەتمەنلىك بېلەن بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ>>دەيىتتى ئۇ.ئۆگەي ئانام بېلەن ئارىمىزدىكى بېرىش-كېلىشلەر ناھايتى چەكلىك بولسىمۇ ئەمما بىرەر پارچە كىتابىم نەشىر قىلىنىپ قالسا ياكى بىرەر پارچە ئەسىرىم ئېلان قىلىنسىلا ئۇ كىتابخانىلارغا بېرىپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسەرلىرىمدىكى ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكلەرنى تېلېفوندا كۆرسىتىپ بېرەتتى.ئىمىك ئانام خۇيزۇ ئىدى.ئۇ خۇراپىي ئايال بولغىنىغا قارىماي خېلى چوڭقۇر ئەدەبىي ساۋادقا ئىگە ئىدى.شۇ يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى <<شائىرە >>دەپ ئاتىشاتتى.ئەدەبىيات جەھەتتىكى پىشىپ يېتىلىشىمدە ئىمىك ئانامنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىنى تىل بېلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.
تالاي ئوقۇرمەنلەر ئەسەرلىرىمگە باھا بەرگەندە ھامان:<<ئانارگۈلنىڭ ئەسەرلىرى ئازراقمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلمايدۇ >>دېيىشىدۇ.بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بېلەن مېھرى-مۇھەببەت ۋە چىنلىققا تولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر؟گە سۇنسامكەن،دېگەن ئۈمىددىمەن.<<ئاچكۆز بوۋاي ۋە ئۇنىڭ پەرزەنىدلىرى >>دېگەن پوۋېستىمدىكى ۋەقەلىك ھەقىقى رېئاللىقتىكى ئىشلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، خېبېيدىكى بىر تەنھا بوۋاينىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىدۇر.ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ خېبېينىڭ جاڭبەي ناھىيىسىدىكى بەيمىياۋتەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ،شۇ يەردە <<ساددا>>لىقىنىڭ نېمىلىكىنى بىلدىم ھەم <<نامراتلىق>>نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆردۈم.بەزى ئائىلىلەردە توك بولمىغاچقا قارا چىراغ ياقاتتى،كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نە يەيدىغىنى، نە كىيىدىغىنى يوق ئىدى.ئەمما ئۇلار ساددا، راسىتچىل، ئالىيجاناب ئىدى.ئەمدىلىكتە ئەشۇ ئىشلارنى ئويلىسام كۆز يېشىمنى توختىتالماي قالىمەن.ئۇلار بېلەن مېنىڭ بىرلا ئورتاقلىقىم بارئىكەن.ئۇ بولسىمۇ بىز ھەر كۈنى قورساق ئۈچۈن تەرلەپ پىشىپ ئىشلەيدىكەنمىز.ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش يولىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنىچ باغلاش جەھەتتە خوشامەتچىلىكنى ئازراقمۇ قوبۇل كۆرمەيدىكەنمىز.
بۇ ماقالە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىل 11-سانىدىن تەرجىمە قىلىنپ <<ئاسىيا كىندىكى >>گېزىتىنىڭ 2008-يىل10-يانىۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان.
مەنبە : كەڭساي تورى |
|