ئانا ،مەن قايتىپ كەلدىم!
ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپلا ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە ماڭماقتىمەن .قەدەملىرىم بارغانچە تېزلەشمەكتە . يۇرىگىم بىر شۇملىقىنى تۇيۋاتاتتى. يىقىنلاشقانسىرى يۈرىگىم تىز سىلىۋاتاتتى. تىلفۇندا ھاممامنىڭ < تىزراق كەلگىن ، ئاناڭنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس > دىگەن شۇ گىپى قۇلاق تۇۋىمدىن جاراڭلاپ تۇرماقتا ئىدى. مانا ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە دەل مەن ئويلىغاندەك بولغانلىقىنى تامامەن ھىس قىلۋاتاتتىم . ئىشىك تۇۋىدە تۇرغانلارنىڭ قارلىق كىيملىرى مىنى تىخىمۇ جىددىيلەشتۈردى . يۈرىگىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك ، تۇزۇكمۇ تىنىقلىرىم قىينىلۋاتاتتى. بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئالدىم ،ئىشنىڭ ماھىيتىنى چۇشنىپ يەتتىم. ئانا.................... دىگىنىمچە ئۇن -سىلىپ يىغلاپ كەتتىم . ھاممام مىنى ئانام بار ئۆيگە باشلاپ ئەكىرگەندە بولسا يۈرەكلىرىم زەر بىلەن ئىيچىشماقتا .قان- قان يىغلىماقتىمەن . مەن ئۇچۇن بارلىقىم بولغان ئانامدىن ئايرىلغىنىمغا زادىمۇ ئىشەنگۇم كەلمەيۋاتاتتى. مىنى قىيناۋاتقىنى ھەتتا ئانامنىڭ يۇزنى كۆرەلمىگىنىم ئىدى.
..........
3يىل بۇرۇنقى شۇ كۆرنىش.
مەن خۇشال ھالدا يۈگىرگىنىمچە ، ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزنى كۆتىرىپ، سىنىڭ ئالدىڭغا ئىلىپ كەلگىنىمدە ، خۇشاللىق ياشلىرىم ، ئويچان كۆزلىرىڭىنى نەملىگەن ئىدى. سەن خۇشاللىقىڭدىن ھەممە كىشىگە بۇ خەۋەرنى يەتكۇزدۇڭ . مانا شۇ چاغدا مەن سىنى خۇشال قىلالىغىنىمغا تولىمۇ خۇرسەن ئىدىم . سەن كۇلدىڭ. مەن خۇش بولدۇم . سىنى خۇشال قىلالىغىنىم مىنىڭ پەرزەنتلىك بۇرچىم ھەم مەسھۇلىيىم ئىدى. مانا ھەش -پەش دىگۇچە چوڭ شەھەردىكى كاتتا مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭماقتىمەن. بۇنى ئويلىسام تازا قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم . نە چارە . سىنىڭمۇ مىنىڭمۇ ئارزۇيىم ئاشۇ كاتتا بىلەم يۇرتى ئەمەسمۇ .
دادام ۋاپات بولغان ئاشۇ كۇندىن باشلاپ سىنىڭ چىرايىڭدا سۇلغۇنلۇق ، مىسكىنلىك تونى ئورۋالغان ئىدى. بۇنى تامامەن چۇشنىپ تۇرۇپتىمەن. بىر ئائىلىگە تۇرۇك بولغۇچى :"ئەر" غۇلاپ چۇشسە كىمگە بىسىم بولمايدۇ دەيسەن ئانا.
سەن ئۆيدىكى جانۇ-جانۋارلاردىن تارتىپ ، يىڭى ئالغان گىلەمگىچە سىتىپ ، مىنى يولغا سالغان ئىدىڭ. شۇ مەنزىرە تا بۇگۇنگىچە كۆزئالدىمدىن كەتمەيدۇ. مەن كەتتىم . سىنىڭ ئۈمۇدىڭ ، ئارزۇيىڭنى زىممگە يۇكلەپ يىراقتىكى شۇ كاتتا شەھەرگە قاراپ ماڭدىم . يول شۇنچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، ئاشۇ يىڭى موھىتقا بولغان قىزقىشىم ، بۇ يول ئازابىنىمۇ بىلىندۇرمەيۋاتاتتى. مانا مەن ئويلاپمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىغان چوڭ شەھەرگە كەلدىم .ۋاھ ..... نىمانچە ھەشەمەت......
مانا مۇشۇ مىنۇتىن باشلاپ مەن بۇ چوڭ شەھەرنىڭ بىر پۇخراسىغا ئايلاندىم .ئەتراپىمدا ھەممە ناتونۇش. يىڭى دوسلارنىڭ يىتەكچىلكىدە بۇ شەھەرگىمۇ ئۆزلىشىپ قالغان ئىدىم. كۇنلىرىم ئۇگىنىش ،ئۇگىنىش، يەنە ئۇگىنىش بىلەن ئۆتمەكتە.ئىككى يىل مانا مۇشۇنداق ئۇگىنىش بىلەن قانداق ئۆتۇپ كەتكىننىمۇ بىلمەيتىم . ئانامنى شۇنداق سىغىنساممۇ ، ئۇنىڭ سۇرەتلىرىگە قاراپ كۆز- ياش قىلاتتىم ،ھەمدە ئۇنىڭ قورۇق باسقان ، جانسىز يۇزلىرنى مىھىر بىلەن سىلايتىم . مەن ئانامغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم . ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە ئەڭ بۇيۇك، ئەڭ ئىسىل ئىنسان ئىدى. شۇنىمۇ ئىتراپ قىلاتتىمكى دادامنى ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەيتىم . قىسقىسى " خوشۇم يوق" دەپ تامامەن ئىيتالايتىم. دادام كۆز يۇمغان ئاشۇ كۇنلەردە بولسا كۆزلىرىمدىن ياشنىڭ ئاقمىقىمۇ قانچىلىك تەستە كەلگىننى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بولالمايتىم .
دادامنىڭ ئاشۇ سەبىيلىكتە ماڭا بەرگەن تەسىراتى مىنى ئۇنىڭغا ئامراقلىقتىن ، خوشسىز قىلىپ قويغان. شۇڭلاشقىمىكىن دادامنى كۆرسەملا قاچاتتىم . قورقاتتىم .
بۇ ئىشقا سەۋەپچى بولغان ئاشۇ كۇن كىچە . دادام يەنە مەس ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كەلدى.يەنە ئالا-جوقا سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى. ئانام ئۇنىڭغا بوش گەپ قىلىش توغرىلىق گەپ قىلسا ، تىللاپ ئىتتىرۋىتەتتى. بۇنداق مەنزىرلەر تولا كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەچكىمۇ ،بەك ئالاھىدە پوزىتسىيە تۇتمىغان ئىدىم. " ئاۋۇ ھارىمى شۇمتەك ئۇخلىماپتىغۇ: دادام مىنى كۆرسىتىپ شۇنداق دەۋاتاتتى." ئۇنداق دىمسىلە داداسى . ئۇ ئاڭلاپلا تۇردۇ ".... مەن ھەيرانلىق بىلەن دادامغا قارايتىم . " قارسا قارمامدۇ ،دىمسىمۇ بىر ھارمىغۇ ئۇ" ...مەن دادامنىڭ بۇ گىپىدىن سەل ھار ئالدىمدە ياتاق ئۆيۇمگە كىرىپ كەتتىم . ئاپاممۇ بۇ گەپ توغرىلىق ھىچ چۇشەنچىمۇ بەرمىگەن ئىدى. ھەممە قەلبىمدە دادامغا ، بىرتال سۇئال بەلگىسى قويۇغلىق ئىدى.
كۇنلەر ئۆتۇپ ، يەنە بىر كۇنى مەكتەپتىن خۇشال قايتىپ كەلگەن ئىدىم .ھويلىغا كىرىپلا دادام بىلەن ئانامنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يەنە نىمە بولغاندۇ ؟ چوقۇم دادام ئانامدىن پۇل سوراۋاتىدۇ . ... دىگىنىمدەك چىقماقتا ئىدى. "مەندە راستىنلا ئارتۇق پۇل يوق " ...ئانام دادامغا يالۋۇرۋاتاتتى، "سەندە پۇل يوقما ؟ سەن پۇللىرىڭنى ئاشۇ يىتمەككە خەجلىمەكچى . كىم بىلمەيدۇ بۇ پىلانىڭنى، سەن ئۇنى ئوقىتىپ ، چوڭ ئادەم قىلىپ قويساڭ ساڭا نىمە پايدىسى.< ھايۋان بالسىنى باقساق ئاغزى بۇرنىڭنى ياغ ئىتەر، ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنىڭنى قان ئىتەر دەيدىغان گەپ بار>... سەن تولا ئۇنىڭ ئۇچۇن پاي -پىتەك بولما. ھىچنەرگە پاتماي كەلگەن شۇم شۇغۇ؟" دادام شۇ گەپلەرنى توختىماي بايان قىلماقتا ئىدى.ئەنە شۇ گەپتىن كىيىن مەن ئۆزۇمنىڭ بىر بىقىۋىلىنغان قىز ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتكەن ئىدى، بۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى تىل ئارقىلىق تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس .مەن ئەمدى دادامنىڭ نىمە ئۇچۇن ماڭا شۇنداق قوپال ، شۇنداق سوغۇق تەلەتتە قارايدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى چۇشنىپ يەتكەن ئىدىم. مەن بۇ ئىشنى ئانامغا تاكى بۇگۇنكى كۇنگە كەلگۇچە دىيەلمىدىم . پەقەت كۆڭلىمدە مەن بىر ئۆگەي پەرزەنىت دەپ قارايتىم خالاس.
ئالىي مەكتەپ 3 يىلقىغا چىقىشقا ئاز قالغان كۇنلىرىمدە دوسلىرىمنىڭ شۇنداقلا بىر ئولتۇرشىدا ، ئۆز قەلبىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادەمنى تاپقان ئىدىم. شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ تۇنجى مۇھەببەتلىك ھاياتىم بارلىققا كەلگەن . ئۇنىڭ ئۇچۇن بارلىقىم پىدا ئىدى. ئۇنى قىلچە كۆرمىسەم كۆڭلىم يىرىم بولاتتى. ئۇ مەن ئۇچۇن ئەڭ قەدىرلىك بىرسى ئىدى. مانا بۇگۇن ئاناڭنىڭ كىسىلى ئىغىرلىشىپ قالدى " دەپ خەۋەر كەلگەن كۇن ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىدى.قانداق قىلاي ؟ مەن كۆپ ئويلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۇزۋىتىپ، مىڭىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . ئۆيدىن شۇنداق تىلفۇن قىلسىمۇ ئالمايتىم . ھەتتا تىلفۇننى ئىتۋالغان ئىدىم . ئانامنى بىر ئۇلۇغ اللاھغا تاپشۇراتتىم.
مانا بۇگۇن مەن بۇ رەڭلىك سورۇننىڭ بىر بايۋەتچە قىزلىردەك ئۆتكۇزمەكتىمەن . ئۇ مەن بولغاچقىلا كۇلگەندەك ، مەن ئۇنىڭسىز ياشيالمايدىغاندەك ئوتلۇق سۆيگۇ ئىچىدە بۇ كاتتا تۇغۇلغان كۇننى ئۆتكۇزمەكتە ئىدۇق. رەڭلىك چىراغلار مىنىڭ بۇ بىخۇد كاللامنى تىخىمۇ گاڭگىرتىپ قويۋاتاتتى.مانا بۇ كىچە مىنىڭ ياڭراق كۇلكەم بىلەن ئۆتمەكتە.
بۇ تۇغۇلغان كۇنمۇ شۇنداق جايىدا ئۆتكۈزىلدى. مەن ئەمدى ئانامنى يوقلاش ئۇچۇن يۇرىتقا ماڭماقچى بولدۇم . "ئۇنى" بىكەتكە ئاپىرىپ قويۇڭ دىسەم ،چارچاپ كەتتىم دەپلا،كىتىپ قىلىشى مىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. مەن يۇرىتقا ماڭدىم . بارغىنىمدا كۆرگىنىم بولسا ، ئانامنى ئاللىقاچان قارا تۇپراق قوينىغا ئالغان ئىچىنىشلىق تەقدىر.
مەن ئانىسىز قالدىم . مەن قارا يىتىم بولدۇم . مەن بەخىتسىز شۇم تەقدىرگە يولۇقتىم . ئانا مەن سەن قىلغاننىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ قىلالمىغان ئىدىم .ئاشۇ شەيتان ۋەسۋەسى بىلەن سىنىڭ ئاخىرقى قىتىملىق دۇئايىڭنىمۇ ئىلىش پۇرسىتىغا ئىگە بولالمىدىم . ئىگەم مىنى جازالىدى ئانا. مەندەك بىر ۋاپاسىز ،پەرزەتنىڭنىڭ سىنى ئاخىرقى قىتىملىق كۆرۇش پۇرسىتىنىمۇ تارتىۋالدى، جانىم ئانا مىنى كەچۇر . مەندەك بىر كۆيۇمسىز پەرزەنتىڭنى كەچۇر .شەيتاننى سەندىن ئۇلۇغ بىلگىنىمنى كەچۇر .
مانا بۇگۇن مەن يەنە شۇ رەڭدار شەھەرگە قايتىپ كەلدىم . كىلىپلا بىلگىنىم بولسا ،" ئۇ "توي قىپتۇ . ئەڭ ئەخلاقلىق بىرسى بىلەن توي قىپتۇ. ئانا ، ئەمدى مەن قانداق قىلاي. ماڭا ھەمدەمچىم بولغان سەندىن ئايرىلدىم . سەندىن ئۇلۇغ بىلگەن يايرىمدىن ئايرىلدىم . ماڭا قايسى يول كىرەك؟
مەنبە: ئۆزۇم
تىمنى مەزكۇر قەلەم ئىگىسى بىلەن باغلاپ چۇشەنمەسلىكىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن.
|