- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-28
- تىزىملاش
- 2011-5-2
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 95سائەت
- جۇغلانما
- 1137
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 97
- تېما
- 43
- توردا
- 95سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 13
- يازما
- 97
- تېما
- 43
|
مىنى ھەرقانداق ئاشقازانلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا، مەندەك ئاشقازاننى ھىچ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. مىنىڭ ھەرقانداق ئاشقازانلارغا ئوخشىمايدىغان يىرىم شۇكى ،مەن بولسام بىر ئەمەلدارنىڭ ئاش قازىنى. بولدى دىمەيلا قوياي ،مىنڭچە:<<ئاشقازان بولماق تەس ئىكەن،ئەمەلدارنىڭ ئاشقازىنى بولماق تىخىمۇ تەس ئىكەن>>
ھازىر مەن دائىم خوجايىنىمنىڭ ئۆستۈر لىشىدىن بۇرۇنقى كۈنلىرىنى سىغىنىپ قالىمەن. شۇۋاقىتلاردا ماڭاكىلىداغان يىمەكلىك لەرنىڭ كۆپىنچىسى دانلىق قارا ئاشلىق،ۋە ئاددى تاماقلارئىدى. مەن كۈنىگە ئۈچ قىتىم كەلگەن تاماقلارنى سالماقلىق بىلەن ئىنتايىن كىچىك ئىزىپ ئاندىن ھەزىم قىلاتتىم . ئاندىن كىيىن قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرىش بىلەن بىرگە يەنە يۈرەك ،ئۆپكە،تال قاتارلىق ئەزالارغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بىرەتتىم. شۇچاغلاردا ھەرقايسى ئەپەندىلەر ماڭا باش لىڭىشتىپ ،ماقوللاپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرشۈپ كىتىشكەن، ھەتتا مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ھەربىر كۈنىمنى شۇنداق مەنىلىك ئۆتكەندەك ھىس قىلاتتىم . پۈتۈن بەدىنىم ئانچە كۈچىمەيلا لۈمىلدەش ھەركىتىنى قانۇنيەتلىك ھالدا كۈچلۈك ئىلىپ بارالايتتى. بىكار قالغان چاغلىرىمدا باشقا ئەزالار بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇراتتىم . ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ، تۇرمۇش ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى ،يەنە تىخى خوجايىننىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ تەب ساغلاملىقىنىڭ گۈزەل كىلەچىكى ئۈستىدە غەم يىيىشەتتى.
ئەمما،خوجايىىنىڭ مەنسىپى ئۆسىشكە ئەگىشىپ ،ئۇنداق يەخشى كۈنلەر بىر كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. خوجايىن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن شۇ كۈندىن باشلاپ بىز بىرخىل قايغۇلۇق ھالەتكەن گىرىپتار بولدۇق. ئاشۇ نەچچەكۈن خوجايىننىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ،دوسلىرى،كەسپي ئىشلىرى بىلەن كىلىپ-كىتىپ تۇرغانلار ،ھەمدە ئۆزلىرىنى دەڭسەپ باقىدىغانلارنىڭ باردى-كەلدىسى بىسىقمىدى.خوجايىن كىچە-كۈندۈز ئۆزىنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئۈستەلدە رومكا كۆتۈرۈش بىلەن بەنىت بولۇپ كەتتى.چوڭ بىلىق،چوڭ گۆشلەرگە قوشۇلۇپ رەھەردەك ئاچچىق بىرخىل سۇيۇقلۇق ئۈزۈل مەستىن ئىچىمگە قۇيلۇشقا باشلىدى.چارچىغىنىمدىن كىچە-كۈندۈز ئىشلەپ ھالىمدىن كەتكىنىمنى دىمەيلا قوياي.
بارماق بىلەن ھىساپلاپ كۆرسەك،مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقلىقدىن باشقارما باشلىقىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە خوجايىنىمنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلدى دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما ماڭا نىسبەتەن بۇ جەريانلار قارا باسقاندەكلا ئىش بولدى. بۇخىل قورقۇنچلىق چۈش بىرباشلىنىپلا ھىچ ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلماتتى. نەچچە يىللاردىن بىرى خوجايىننىڭ مىھماندارچىلىقى ئۈزلىسىز كۆپىيىپ باردى. مەن ئىشلىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا سىمىنا قوشۇپ ئىشلەتتىم. ئاخىرى ھىرىپ ھالىمدىن كىتىپ ۋاي داد، دەپ كەتتىم. زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئاشقازان،ئۈچەيگە چۈشىشى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئىقتىداتى قالايمىقانلىشىپ چاتاق چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقا ئەزالارمۇ بەس-بەس بىلەن ماڭا ئۆز پىكىرلىرىنى ئىتىشتى. جىگەر مەندىن بىزار بولۇپ، ئۆزىگە كىلدىغان ماي مىقدارىنىڭ ئىشىپ كەتكەن لىكىدىن نارازى بولدى. تىرە ئاستى توقۇلمىسى مەن ئىشلەپ چىقارغان ئۇزۇقلۇقلاردىن ئىشىپ قالغانلىرىنىڭ جىگەرگە يىغىلىپ قالغانلىقىدىن خاپا بولدى ؛شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن لىكىدىن ، يۈز غۇتۇلداپ ئۆزىگە زادى كىمنىڭ زىيانكەشلىك قىلغان لىقىنى بىلەي يۈرەتتى. قاننىڭ يىپىشقاقلىقى خىلىلا ئىشىپ كەتكەن ئىدى!
مەن <<بۇدەردىمنى كىمگە ئىتاي>>. مەن يۇشۇرۇن ھالدا يۈرەك ،مىڭىلەرگە سىلەر نىمىشقا بىرلىشىپ خوجايىنغا نەسىيەت قىلمايسىلەر ،ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟
دىسەم. ئۇلار ماڭا قاراپ مۆرىللرىنى قىسىشىپ ، قوللىرىنى قويۋىتىشىپ ئامالسىزلىقىنى ئىپادىلەشتى. ئەكىسچە ئۇلار تىخى ماڭا تەسەللي بىرىپ، يەنىلا بەرداشلىق بىر شىمنى، خوجايىننىڭ ئارزوسى بويچە ، ئۆتۈرۈلدىغان ئىدارىگە شىرىك بولۇشىنى كۈرتۈپ تۇرشۇمنى ،ئانچە جان پىدالىق كۆرسىتىپ كەتمەسلىكىمنى ئىتىشتى .مەن ھەسرەت چىكەتتىم ، ھەي، ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئاخىرى نەگە بىرىپ توختىشىنى پەقەت ئالۋاستىلا بىلىدۇ!
شۇ كۈنى سەھەردە مەستلىكتىن ھۇشۇمغا كىلىپ ، پەقەت خوجايىننىڭ قورسىقىنى سىلىغىنىچە خانىمغا ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ:
----ئەمەلدار بولۇپ ياشىماق ئاسان ئەمەس ئىكەنغۇ ،مەن ئاشقازىنىمنى بۇزۇپ ،سالمەتلىكىمنى يامانلاشتۇر ۋالدىم !----دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم.
قانداقلىكى بولمىسۇن خوجايىننڭ مىنى ئىسىگە ئالمىقى ئاسان ئەمەس . تۇيۇقسىز بىر ۋاقىتتا مەن كۆز چانقىمنىڭ بىردىنلا قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، ھە، يامغۇر ياغىدىغان بولدى!
تەرجىمە ئەسەر مەنبە:سەلتەنەت تورى
ئىنكاس يىزىشنى ئۇنۇتماڭ !!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fastjs تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-25 13:29
|
|