ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق مىزاج ۋە خارەكتىر
كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 4
go

مىزاج ۋە خارەكتىر

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
84 
تېما
10 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
1. سەپرا مىجەزلىكلەرنىڭ خاراكتېرى: جۇشقۇن كەيپىياتلىق كېلىدۇ، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ، ئوچۇق - يورۇق، تۈز كۆڭۈل، قىزغىن، شىجائەتلىك،كەسكىن كېلىدۇ. كەيپىياتنىڭ تاشقى ئىپادىسى روشەن، ئىنكاسى تېز، لېكىن جانسىز كېلىدۇ، بۇ خىل تىپتىكىلەر يەنە كەسىپكە بېرىلىپ قىزغىن ئىشلەيدۇ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىدۇ، سۆز - ھەرىكىتى چۇس، ئاسانلىقچە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ، ئالدىرڭغۇ، چىقىلغاق كېلىدۇ. ئىچكى ھالىتى سىرتقا ئاسان بىلىنىپ قالىدۇ، ئاسان ئاچچىقى كېلىدۇ.


2. قان مىجەزلىكلەرنىڭ خاراكتېرى: ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، روھلۇق، كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ھەم ئۆزگىرىشچان، تىل بىلەن ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە باي، تەپەككۇرى، سۆز - ھەرىكىتى ئۆتكۈر، ئۈمىدۋار، يېقىملىق، قىزغىن كېلىدۇ، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسان ماسلىشالايدۇ، چىقىشقاق كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر كېلىدۇ، تاشقى ئىپادىسى روشەن كېلىدۇ، لېكىن ھېسسىياتى ئاسان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دىققىتى ئاسان يۆتكىلىدۇ، زېرەك، چېچەن كېلىدۇ. يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان ئۆزلەشتۈرىۋالىدۇ، غىدىقلاش توختىغاندىن كېيىن، ئاسانلا زېرىكىپ پاسسىپ كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ. چۇس، يەڭگىل كېلىدۇ. ھېسسىياتى ئاسان قوزغىلىدۇ، ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ.



3. بەلغەم مىجەزلىكلەرنىڭ خاراكتېرى: ئېغىربېسىق، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستا ھەم ئاجىز، كەيپىياتى ئاسان قوزغالمايدۇ، تەپەككۇرى، سۆز - ھەرىكىتى سۇس، ئىچكى مايىل كېلىدۇ، ئىچكى ھالىتى سىرتقا ئاسانلىقچە مەلۇم بولمايدۇ، خاتىرجەم تەمكىن كېلىدۇ، ھەر قانداق شارائىتتا ئۆزىنىڭ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ، ھاياجىنىنى بېسىۋالالايدۇ، باشقىلارغا بولغان ھېسسىياتى ناھايىتى سەمىمىي بولىدۇ، چىرايىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدۇ، لېكىن يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئانچە سېزىمچان ئەمەس، ئىنكاسى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، دىققىتى تۇراقلىق، ئاسانلىقچە يۆتكەلمەيدۇ، تەرسا، سوغۇق كېلىدۇ.



4.سەۋدا مىجەزلىكلەرنىڭ خاراكتېرى: تەن قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاسان ھېرىپ قالىدۇ، كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستا ھەم كۈچلۈك، قوزغۇلۇشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، سەزگۈر، ھەم ئۆز - ئۆزىنى چۈشىنىشكە باي كېلىدۇ، چىدامچانلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن، كۈچلۈك غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھېسسىياتى نازۈك بولۇپ ئىنچىكە كېلىدۇ، باشقىلاردىن ئاسانلا گۇمانلىنىدۇ، ئىنكاسى سۇس بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئاڭقىرىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز بولۇپ، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، ئىچكى مايىل بولۇپ، مىجەزى يوشۇرۇن كېلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل بولۇپ، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق ئويلىنىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر تەنقىدىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، لېكىن سۆز - ھەرىكىتى جانسىز، قورقۇنچاق، تارتىنچاق كېلىدۇ


مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xukri214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-25 04:40

Rank: 8Rank: 8

توردا
898سائەت 
نادىر تېما
دوست
82 
يازما
5247 
تېما
806 

تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن سەپرا مىجازىغا كىردىغاندەك قىلمەن.........

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
509 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزدىن ئۆزەمىنىڭ قانداق مىجەزىگە ماس كېلىدىغانلىقىمىنى ھېس قىلالمىدىم ..........

توردا
330سائەت 
نادىر تېما
دوست
29 
يازما
1212 
تېما
76 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بىلىۋالدىم ... رەھمەت سىزگە !

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
86 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزگە رەھمەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-5-28 16:43

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.