شىنجاڭ — مېۋە-چېۋە ماكانى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مېۋە-چېۋە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ‹‹باققال›› دەپ ئاتايدۇ . باققاللىق كەسپى ھۆل مېۋىچىلىك ، قۇرۇق مېۋىچىلىكتىن دەپ ئىككى خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ھۆل مېۋە باققاللىرى، ئۆرۈك، شاپتۇل، توغاچ، ئەنجۈر، ئالما، ئانار، ئامۇت،نەشپۈت، بېھى، ئالىگرات، ئالۇچا، ئەينۇلا، ئۈزۈم، ئۈجمە، گىلاس قاتارلىق كۆپ خىللىق مېۋە، قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئېلىپ ساتىدۇ. بۇ خىل مېۋىلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، 5 -ئايدىن 12-ئايغىچە، بەزىلىرى يىل بويى سېتىلىدۇ. باققاللار كۈندىلىك توپ سېتىۋېلىش ياكى باغ كۆتۈرە ئېلىشتەك ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن توپ ئېلىپ پارچە ساتىدۇ.
باققاللارنىڭ ھۆل مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىشىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. ھەر قانداق باققال ۋە مېۋە ساتقاندا، توۋلاپ خېرىدار چاقىرىپ مېۋىنى سۈپەتلەيدىغان ئىدىيوملۇق سۆزلەر بىلەن ساتىدۇ، شۇنداقلا مېۋە دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە ‹‹پۇل ئالمايمەن، بىر تال يەپ باقسىلا›› دەپ يېگۈزۈپ تەمىنى تېتىتىپ ساتىدۇ.
قۇرۇق مېۋە باققاللىرى قۇرۇتۇلغان مېۋىلەرنى توپ ئېلىپ پارچە ياكى توپ ساتىدۇ. بۇ مېۋىلەر قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، جىگدە، ياڭاق، پىستە، بادام، قاق، چىلان، قارىئۆرۈك قاتارلىق خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇلار يەنە قوشۇمچە قەنت، ناۋات، پاتازا قاتارلىقلارنىمۇ ساتىدۇ. قۇرۇق يېمىش ساتىدىغان باققاللار، مېۋىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش باققاللارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ، باققاللار كەڭ قورساق بولۇپ خېرىدارلار بىلەن بىھۇدە باھا تالاشمايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللاردا جىڭلاپ سېتىش ئادىتى بولمىغان. بازار ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مېۋە سودىسىدا جىڭ ئىشلىتىشتەك ئۆلچەملىك سودا ئادىتى ئومۇملاشماقتا.
مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 17:22
|