ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۈرىك تىلىغا ئائىت تۈركچىدىن تەييارلىق دەرىسى
كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 0
go

تۈركچىدىن تەييارلىق دەرىسى

توردا
114سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
284 
تېما
177 

شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-6-14 23:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالدىنقى دەرسىمىزدە تۈرك تىلى ئىلىپبەسى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق،دەرسنى تەكرارلاپ كەلگەنسىلەر ھە!! دەرسىمنى ئاڭلاپلا قاچىدىغان ئىش يوق،تەكرارلاپ،ئۆگىنىپ مېڭىڭ،ئانچە-مۇنچە ئۆگەەتكىنىمنىڭ سورىقىنى ئەپ تۇراي ھا ھا ھا.
ھەرىپلەرنى ئىلىپبە تەرتىپى بويىچە يادىلىۋىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،پەقەت تونۇپ ئوقۇيالىسىڭىز،يازالىسىڭىزلا بولدى،باشقىلار بىلەن تۈركچە پاراڭلىشاي دىسىڭىز ،تۈركچە يېزىقنى كىرگۈزەلمىسىڭىز مۇشۇنداق يېزىۋىرىسىز،مەسىلەن : türkçeدىگەن خەتنى turkce دەپ يېزىۋىرىڭ،چۈنكى ھەر قانداق تۈركچە بىلگەن ئادەم يەنىلا گىپىڭىزنى بىلەلەيدۇ.
خوش ئەمسە بۈگۈن دەرسىمىزنى رەسمى باشلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىلەرنى بىلىۋىلىڭ.


تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىسقىچە سىلىشتۇرما
تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى گەرچە بىر-بىرىگە يېقىن بولسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنىلا بەزى پەرق بار.
مەسىلەن: eski دىگەن سۆزنى بىز ئەسكى دەپ چۈشەنسەك،تۈرك تىلىدا كونا دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
sebze دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدە مەلۇم بىر كۆكتاتنىڭلا ئىسمىنى بىلدۈرسە،تۈرك تىلىدا بارلىق كۆكتاتلارنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاي تۈرك ھەدەم ئېيتقاندەك bekar دىگەن سۆزنى بىز بىكار دەپ چۈشەنسەك،تۈركچىدە ئۇ بويتاق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇڭا تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرسىدىكى بەزى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىپ ئۆتەيلى.

1- تۈرك تىلىدا ،ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى يوق،مەسىلەن:çanta(سومكا) دىگەن بۇ سۆزنى،سومكىسى دىيىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ،ئاجىزلاشتۇرۇپçantisi دىمەيمىز،ئاجىزلاشتۇرمايلاçantasi دەيمىز.

2- ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ت تاۋۇشى تۈركچىدە د بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:dilek,dil,dağ,duman( تىلەك،تىل،تاغ،تۇمان)....

3-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ك تاۋۇشى تۈركچىدە گ بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:göz,gün,gönül,gömür(كۆز،كۈن،كۆڭۈل،كۆمۈر)....

4-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن م تاۋۇشى،تۈرك تىلىدا ب بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:ben,buz,bin( مەن،مۇز،مېڭ)...

5-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن پ تاۋۇشىمۇ،تۈركچىدە ب بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن: batak,butak,bacak,but ( پاتقاق،پۇتاق،پاچاق،پۇت)....

6-يۇقىردىكىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ب تاۋۇشى،تۈركچىدە پ بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:pazar,parmak( بازار،بارماق .قول-پۇت بارماقلىرى>)....

7-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن چ تاۋۇشى،تۈركچىدە س بولۇپ كىلىدۇ.مەسىلەن:saç,siçmak(چاچ،چىچىماق) ھى ھى ھى كەچۈرۈڭلار باشقا سۆز كاللامغا كەلمىدى.

8-يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن چ تاۋۇشى،تۈركچىدە د بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:düşünce,düşmek,diş (چۈشەنچە،چۈشمەك،چىش).......

9-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ب تاۋۇشى،تۈركچىدە ۋ بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:vermek,varmak( بەرمەك،بارماق).....
10-ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم بېشىدا كەلگەن ي تاۋۇشى،تۈركچىدە ئى،ياكى ئې بولۇپ كىلىدۇ،مەسىلەن:ip,irin,ırak( يىپ،يىرىڭ،يىراق)....
مانا بۇئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ تۈركچە ئىپادىلەنگەن چاغدىكى ئۆزگىرىشى، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەممە سۆزنى مۇشۇنداقلا ئۆزگەرتىپ قويساق تۈركچە بولىدۇ،دىگەنلىك ئەمەس جۇما،بۇ پەقەت باغلىنىشى بار بولغان سۆزلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قارىتىلغان.
ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئازراق قىلىپ ئەمىلى پاراڭلىشىشنى ئۆگىنەيلى،ھە راسىت پىقىر بىلوگ بىلىملىرىگە يىڭى كەلداخۇن بولغاچ تازا پىششىق ئەمەس،ماۋۇ بىلوگ تۈركچىنى تازا تونۇپ بولالمايۋاتامدۇ يا،بەزىلەرنىڭكىدە تۈركچە ھەرپلەر كاتەكچىگە ئايلىنىپ كۆرىنىدىكەن،بۇ مەسىلىمۇ ئالدىرماي ھەل بولار.



سالاملىشىش،تونۇشۇش

merhaba،selam=ياخشمۇسەن؟؟
günaydın، iyi gunler =خەيىرلىك سەھەر،gün=كۈن،aydın=ئايدىڭ، خەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلساق كۈنۈڭ ئايدىڭ بولسۇن،ئايدىڭ دىگەن سۆزنىڭ يەنە زىيالى دەپمۇ مەنىسى بار،مەسىلەن:uygur aydinlari!

tünaydınياكىiyi ö-glenler =چۈشلىكىڭ خەيىرلىك بولسۇن.
iyi akşamlar ،iyi geceler!=خەيىرلىك كەچ!
Hoş geldiniz=خۇش كەپسىز.
Hoş bulduk=يۇقىرقى سۇئالغا جاۋابەن قوللىنىلىدۇ،bulmak=تاپماق،يەنى بۇ يەرگە كېلىپ خۇشاللىق تاپتىم دىگەن مەنىدە

Nasılsınياكى iyi misin =ئەھۋالىڭ قانداق؟Nasıl=قانداق،iyi =ياخشى،بۇلارنى سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىما قىلساق،Nasılsın=سەن قانداق،iyi misin =ياخشىمۇسەن؟
بۇنىڭغا جاۋابەن iyiyim,fena değilim ،مەن ياخشى،يامان ئەمەس دىگەندەك جاۋاپلارنى بەرسەك بولىدۇ.fena =يامان
ne oldu =نىمە بولدى؟
evet=ھەئە،hayir=ياق،tamam=بولىدۇ،ماقۇل
uzun zamandır görüşmedik=كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ.
neyle meşgul oluyorsun =نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈردۈڭ؟
Çok güzel =بەك ياخشى،بەك چىرايلىق

adin ne?=ئىسمىڭ نىمە؟
benim adim melek,ben uygurum.=مېنىڭ ئىسمىم،مەلەك،مەن ئۇيغۇر.
senin ne?=سىنىڭچۇ؟سىنىڭ نىمە؟
tanıştığımıza memnun oldum=تونۇشقىنىمىزغا خۇشالمەن.
Ben de memnun oldum=مەنمۇ خۇشال بولدۇم.
Teşekkür ederim= رەھمەت ئىيتىمەن.
rica ederim!=ھېچقىسى يوق.
çok yorgunum =تولىمۇ ھېرىپ قالدىم.
bıraz bekle=بىردەم ساقلاپ تۇرغىن.
çok şaşırdım =ھەيران قالدىم.


VEDALAŞMA خوشلۇشۇش


Allahaismarladik=ئاللاغا ئامانەت
Hoşça kal=خوش
Güle Güle خوش،بۇ ئۈستىدىكىگە جاۋاپ بولۇپ كىلىدۇ،ھەرگىز ئىككىلى تەرەپ ئوخشاشنى قوللانمايدۇ،بىرسى بىرنى دىسە يەنە بىرى چوقۇم يەنە بىر خوشلىشىش سۆزىنى دەيدۇ.
Görüşürüz =يەنە كۆرىشەرمىز.
artık geç oldu =ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ.
Ne yazık ki gitmek zorundayım=ئەپسۇس،كەتمىسەك بولمايدۇ.
hala erken =تېخى بالدۇر
şimdi gidebilir miyim=ئەمدى كەتسەم بولامدۇ؟
kendinize iyi bakın =ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-5-12 01:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.