ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟(چوغلۇق)
كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 9
go

يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
490سائەت 
نادىر تېما
12 
دوست
38 
يازما
1373 
تېما
403 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

بىلىملىكمەن دەيسەن ئەممادىلدا زەررە ئىمان يوق،

ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەجدادىدەكسەندە قىلچە ۋىجدان يوق.

كۆرەڭلىكىڭ تۈپەيلىدىن سەن سىققىدەك جاھان يوق،

تاتمىدىڭ سەن ھېچبىر جاپا چۈنكى ئۇنداق زامان يوق،

خۇي مىجەزىڭ تاتتى كىمنى ئۆزگۈرەمسەن مۇنداقمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

جان بېقىشلا سېنىڭ غايەڭ ئۇندىن باشقا غېمىڭ يوق،

جان باقساڭغۇ مەيلى ئىدى يۆلىمىسە جېنىڭ يوق.

ئىش قىلىشقا بارماس رايىڭ، تۇتاي دېسە سېپىڭ يوق،

ئاتا-ئانام باقار مېنى دەردىن باشقا گېپىڭ يوق،

نېسىۋەڭنى خەققە بېرىپ يۈرگەن بارمۇ مۇنداقمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

"كىملەر ئىدۇق، كىم بولدۇم" دەرگە قىلچە ئەقلىڭ يوق،

بوۋاڭ سالغان ئىزنى بويلاپ دەش-باياۋان ئاشقىڭ يوق.

ساختا سۆيگۈ،كەيپى-ساپا... ئىشىگىنى ياپقىڭ يوق،

ئىتقادسىز ئۆتتى ئۆمۈرۈڭ ئوغۇل بالا داڭقىڭ يوق،

ئەۋلادىڭمۇ دەيدۇ:ئاتام ئۆتەمدۇ ھەي...شۇنداقمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

قېنى سۆلكەت، سالاپىتىڭ؟ ئۇيغۇر ئوغلى دىگىم يوق،

چىمەن دوپپاڭ نەدە قالدى، ھازىر كىمسەن بىلگىم يوق.

ئۇيغۇر دىسەم سۆزۈڭ چانار تىلماچ ئىزدەپ يۈرگۈم يوق،

قىلىقلىرىڭ چوكان مىجەز يېنىڭدا ھەم تۇرغۇم يوق،

ۋارىسىمىز مانا مۇشۇ دەيمەن ئەمدى قانداقمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

ئەل بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەل ئارسىدا سايەڭ يوق،

پوق-سۈدۈكتە ئېغناپ يۈردۈڭ قىلچىلىكمۇ غايەڭ يوق.

بەلكى سېتىپ ئىمانىڭنى خەق ئۇرسىمۇ نالەڭ يوق،

تولا ماختاپ رەقىبىڭنى قوشاق قوشۇپ ھالىڭ يوق،

ئۆسۈمەن دەپ ئۆسەلمەي چىققان يېرىڭ قونداقمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

ئەمەس بولساڭ تۇزكوردىن سەندە قىلچە ئىۋەن يوق،

يۈرمەس ئىدىڭ شۇ كەمگىچە بىرە خوتۇن-لىۋەن يوق.

ئاغرىنىسەن ھەر كىمدىن سەندىن ئۆزگى تىمەن يوق،

باغۋەنلەردىن رەنجىمىگىن ئۆزەڭ شۇنداق مىۋەڭ يوق،

تۆۋبە قىلغىن ،خەق دىمىسۇن: ساراڭ باركەن مۇنداقمۇ!

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

ئۇيغۇرۇمنىڭ ۋارىسىسەن،بىزدە ئەمدى نادان يوق،

ئىلىم –پەننى قۇرال قىلماي ھەر ئىشىڭدا راۋان يوق.

بۇغرا باسقان ئىزنى بويلا،سەن ئاشالماس داۋان يوق،

جۈرئەت قىلساڭ سەپىرىڭنى توسايدىغان قاۋان يوق،

ئىززەت-ھۆرمەت ،شانۇ-شەرەپ شۇندا قۇچاق ئاچماسمۇ؟

ئېيتىپ باققىن قېرىندىشىم يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟

مەنبە:يازمام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 23:56


توردا
842سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
1037 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇقۇپ ئۆزىمىزگە سوئال قۇيۇپ باقساق بولغۇدەك...قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن........................

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
100 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىگىتلىرىمىز كۆپرەك ئوقۇڭلار جۇمۇ .

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
531 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ئۇقۋاتىمز

توردا
241سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
1121 
تېما
91 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاجايىپ دۇنيا.ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىگە ئىنساپ بەرگەي.

توردا
173سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
761 
تېما
45 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شىئىر ئىكەن ...رەھمەت سىزگە ...! ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ...!

Rank: 8Rank: 8

توردا
1018سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
85 
يازما
2215 
تېما
304 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل ئىجادىيتىڭىزدىن بەك سۈيۈندىم يان بۇلاق ئاكا!
يىگىتلىرمىز يىگىتتەك ،قىزلىرمىز شەرمى-ھايالىق قىز بۇلۇپ،ھەممىسنىڭ جەميەت ئائىيلىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا،نۇرغۇن كەمچىلىكلەر ئىللەتلەر تۈزىلىپ كىتەتتى.

توردا
651سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
3964 
تېما
550 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
yanbulak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-9 23:54
يىگىت شۇنداق بولامدۇ؟بىلىملىكمەن دەيسەن ئەممادىلدا ز ...



ئەسسالام يانبۇلاق ئاكا . بىزنى ئېسل تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك تىملىرى بىلە ن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغانلىرغا كۆپ رەخىمەت . ئاللاھ ئەجىرلىرنى بەرسۇن . تەنلىرى سالامەت بولسۇن .....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 17:11

توردا
228سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
371 
تېما
25 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسېز .... ........ .............

توردا
131سائەت 
نادىر تېما
دوست
60 
يازما
1013 
تېما
21 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى شىئېركەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-12 13:51

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.