ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر ئالاھىدە خۇشخەۋەر (چۇقۇم كۆرۇڭ)
كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 7
go

ئالاھىدە خۇشخەۋەر (چۇقۇم كۆرۇڭ)

توردا
306سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1460 
تېما
79 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 22:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەكرەم بارى قاتارلىق پۇتبول ئەزىمەتلەرى بىلەن ئۇرۇمچىدە سۆھبەت

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ،باش قىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئازراق سوغۇق بولۇپ قالغان ئىدى .بۈگۈن شىنجاڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ھەمدە پۇتبول سۆيەر شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولۇپ ،يېقىندىن بۇيانقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئويناۋاتقان ھەمدە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەكرەم ،بارى ،يەھيا ،ئاراپات ،ۋەلى ،دىلمۇرات ،ئېرشات ،ئىلھام قاتارلىق پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز دىيارىمىز شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ بارلىق قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياغلاشقان بولغاچقا ،ھەرقايسى كۇلۇبلار كوماندا ئەزالىرىنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن ئىدى.مۇشۇنداق ئالتۇن پۇرسەتتە، دىيارىمىز پۇتبول ئىشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ، پۇتبول سۆيەر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ئىمىن ئاكىنىڭ باش بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىزگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى نازىنا رېستورانىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئەزىمەتلەر يېتىپ كەلگۈچە پۈتكۈل رېستوران ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى,نۇر تور بېكىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بالدۇرلا مەرىكە زالىغا كېلىپ ،پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە ئىدى .ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقى پەخىرلىنىشكە ھەقلىق بولغان بارلىق كىشىلەر نەق مەيدانغا كېلىپ ،بۇ مەرىكىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئاخبارات ئۇزۇنلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش ئىدى .
مانا بىز كۈتكەن بۇ گۈزەل مىنۇتلارمۇ يېتىپ كەلدى .توپ چولپانلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كىرىشى بىلەن بارلىق سورۇن ئەھلى، شۇنداقلا شۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىگە شاھىت بولغان شىنجاڭ خەلقى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن توپ چولپانلىرىنى كۈتۈۋالدى .گەرچە توپ چولپانلىرىمىز يەتكۈچە يول ئازابى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما بارلىق شىنجاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلارغا بېغىشلانغان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە بارىكاللا سۆزلىرى ئۇلارنىڭ ھارغىنلىقلىرىنى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .بۇ سورۇندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ،ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمۇ پۈتكۈل شەھەر خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭلىق توپ چولپانلىرىمىزنى كۈتۈۋالدى .


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توپ چولپانلىرىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىك كۈچ چىقارغان ئۇستاز تېرنىرلىرىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى .ھەمدە ئۆز ئەمگىكى ۋە قان-تەرىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ بالىلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىش بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭنى پۈتكۈل جۇڭگوغا ،شۇنىڭدەك دۇنياغا تونۇتۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى . شىنجاڭنىڭ پۇتبول تەنھەرىكىتى ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ،ھەمدە شىنجاڭ پۇتبول ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلىدىغان بۇ ئەزىمەتلەرگە تون كىيدۈردى .






پائالىيەتكە قاتناشقا ئادەملەر بۇ ئەزىمەتلىرىمىزگە دىلى سۆيۈنگەن ھالدا قاراپ تويمايتتى .شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان پۇتبول سۆيەر خەلق ئاممىسى ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشۈپ بۇ ئۇنتۇلماس كۈننى مەڭگۈلۈك ئەسلىمە قىلىپ ساقلاپ قويدى .پائالىيەتتىن كېيىن، ئۇلىنىش تور بېكىتىمىز مەخسۇس زىيارەت ئورۇنلاشتۇردى . بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان پۇتبول چولپانلىرىمىزدىن باشقا، يەنە جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم داڭلىق تېرنىرلار ھەمدە پۇتبول سۆيەر تىجارەتچى زاتلار قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى .بۇ قېتىملىق پائالىيەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. زىيارەت جەريانىدا بارلىق شىنجاڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى، مۇسابىقە ئەھۋالى ، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى نىشانى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى .پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر خەلقنىڭ ئورتاق بىر نىيەت ،ئورتاق بىر كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى تەنتەربىيە تۈرىگە بولغان قىزغىنلىقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
ئاخىرىدا ھەممەيلەن بۇ توپ چولپانلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ،پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى
.

ھەي ، مەن شۇ كۇنى بىكار تۇرۇپ بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ . بىلگەن بولسام مەنمۇ كۆرۇشىۋالاكەنمەن .
مەنبە : نۇر تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
336سائەت 
نادىر تېما
دوست
29 
يازما
817 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-23 23:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىللىتىمىزدىن مۇشۇنداق پەخرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ چىققىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم،‹اللە›بۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن،باسقان ئىزلىرىدىن گۈل ئۈنسۇن~!
بىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت~!

Rank: 8Rank: 8

توردا
480سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1328 
تېما
398 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 00:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خوشاللىنارلىق خوش خەۋەركەن. ئەشۇ ئوغلانلارغا ئۇتۇق، ئامەت، سالامەتلىك تىلەيمەن.

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 02:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشىمۇ دوسلار .. بەك ياخشى بولاپ تۇ ....

توردا
67سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
420 
تېما
190 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 13:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكلا كەمتەردەك قىلىدۇ بۇلار، ئۇيغۇرۇمنى تونۇتقان ئوغلانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن

توردا
44سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
272 
تېما
119 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 19:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممە كىشىنى خۇش قىلىدىغان خوش خەۋەركەن بۇ.... رەخمەت

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
217 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-25 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن پۇتبۇلغابەك قىزقىمەن .شۇڭلاشقىمىكىن بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ قەۋەتلا خۇش بولدۇم .ئاللادىن سىلەرنىڭ بەختىڭلارنڭ تىلەيمەن يىگىتلەر .............تىما يوللىغان دوستۇم سىزگىمۇ رەھمەت.

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
60 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-26 02:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى ئىش ئىكەن ...داڭلىق پۇتبۇلچىلارنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالدىم...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-28 12:02

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.