ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار شۇنداق بىر قىز بار،سىز قايسى قىز؟

      

كۆرۈش: 1138|ئىنكاس: 26
go

شۇنداق بىر قىز بار،سىز قايسى قىز؟    

توردا
133سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
588 
تېما
40 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 22:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

شۇنداق بىر قىز بار،سىز قايسى قىز؟




شۇنداق بىر قىز بار:


پاك -دىيانەتلىك،ئەقىللىق،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشنى بىلىدۇ،ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئۈزىدىن يۇقۇرى ئۇرۇندا كۆرىدۇ،ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ھۆرمەتلەشكە ئىرىشىدۇ.



شۇنداق بىر قىز بار:


بارچە مۇھەببىتىنى بىر ئاللاھقىلا ئاتىۋەتكەن،مۇسۇلمانلارنىلا دوست تۇتىدۇ،شەرمى-ھايا بىلەن ياشايدۇ،ئاللاھنىڭ قىز-ئاياللارغا بۇيرىغان ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشنىلا ئويلايدۇ.



شۇنداق بىر قىز بار:


بارلىقىنى ئائىلىسىگە،يولدىشىغا،پەرزەنتىگە بېغىشلىغان،يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى،بالىسىنى قانداق تەربىيەلەشنى ئوبدان بىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن بەخىتلىق،ئىللىق ئائىلە قۇرالىغان.
شۇنداق بىر قىز بار: كىسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقان ئاپىسىنىڭ كىسىلىنى بېقىش ئۈچۈن(ئاپىسىنى بېقىشىغا نارازى بولغان)يولدىشىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىپ ئاپىسىنى بېقىشقا،رازىلىقىنى ئېلىشقا ئۈزىنى ئاتىۋەتكەن.



شۇنداق بىر قىز بار:


ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم دەپ ھىساپلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ، بىر ئۆمۈر بەخىتنى ھىس قىلالمايدۇ،نۇرغۇن قېتىم ئۈنسىز ياش تۆكسىمۇ ،بۇ دەرىتلىرىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەيدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا يالغاندىن بەخىتلىك بۇلىۋالىدۇ،چۈنكى ئۇلارغا قىزىنىڭ بەخىتسىز بوپ قالغىنىنى بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى مەڭگۈلۈك ئازاپقا تاشلىغۇسى يوق.



شۇنداق بىر قىز بار:


خۇددى ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان قەپەسكە مەجبۇرى سولانغان ئاجىز بىر قۇش،ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق،قەپەزدىن چىقىپ كىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنچە بىچارە.



شۇنداق بىر قىز بار:


دائىملا مۇھەببەتتىن ئازار يەپ ئۈتىدۇ،ھاياتىدا ئۈزى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ئۇچرىتالايدىيۇ ئەمما ئۇنىڭ سۈيىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ،خىياللىرى شۇنچە رومانتىك ، دائىم بىر نىمىلەرنى يېزىپ دەردىنى قەغەز يۈزىگىلا تۈكىدۇ.


شۇنداق بىر قىز بار:


شۇنچە دەرىتمەن، شۇنچە مىسكىن، قاچانلا قارىسىڭىز كۆڭلى يېرىملا يۈرۈيدۇ،شۇنداق ۋاقىتتا بىرەرسىگە دەردىنى تۈكۈپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىۋالغۇسى كىلىدۇ،ئەمما ئۇنچىلىك ئىشەنچىلىك سىرداش دوستى يوق،ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم ئىشەنچىلىك سىرداشلارنى ئۇچرىتىدىيۇ ئەمما يەنە تىزلا سىردىشىنى يۇقۇتۇپ قۇيىدۇ،پەقەت ۋە پەقەت كۆز يېشىلا ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك ھەمراھ .



شۇنداق بىر قىز بار:


ئۈزى ياخشى كۈرۈشۈپ مۇھەببەتلەشكەن يىگىت بىلەن توي قىلىدۇ،ئەمما بۇ شېرىن ھىسياتلار ۋاقىتلىق بۇلىدۇ،نەچچە يىلدىن كىيىن بىر تەرەپنىڭ ھىسياتىنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ،ئۇنىڭغا قالغىنى پەقەت ،مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان يۈرەك ۋە يىتىم بولغان ئۇماق بالىسى.



شۇنداق بىر قىز بار:


ئۈزى ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئۈچۈن ،تويغا قۇشۇلمىغان ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىسىدىن كىچىپ يىگىت بىلەن يىراقلارغا كىتىدۇ.



شۇنداق بىر قىز بار:


ئۈزى سۆيگەن يىگىتىگە بەخىت تىلىگەن،ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشىدىن ئۈنتسىز غايىپ بولغان،گەرچە يىگىتنىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما يۈرەكلىرى ئەخمەقلەرچە يىگىتنى سېغىنىپ ئۆتكەن.



شۇنداق بىر قىز بار:


جەمىئەتتە كۆزگە كۈرۈنسەم،خىزمەتتە ئۇتۇق قازانساملا دەيدۇ،مۇھەببەت،ئائىلە،تۇرمۇش دىگەنلەرگە ئەسلا قىززىقمايدۇ،توي قىلغان تەقدىردىمۇ خىزمىتىنى ئائىلىدىن مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيىدۇ.



شۇنداق بىر قىز بار:


كۈڭۈل خوش قىلىشنىلا ئويلايدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،دوستلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ،يىگىتلەرنى ئالداپ ئۇلاردىن نەپ ئېلىشنىلا ئويلايدۇ،ھىس قىلمايدۇكى ئۈزىنىڭ بەختىنى ئالداۋاتقىنىنى.



شۇنداق بىر قىز بار:


پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلغان،ھەتتا تىنىنى سېتىشقىمۇ رازى بولغان، بۇ قىلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئەيدىز كىسىلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەن،ئەمدىلىكتە مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلىپ ،قان ياش تۈكۈپ ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئىڭراپ ياتماقتا.



شۇنداق بىر قىز بار:


پەقەت تور دۇنياسىدىنلا خۇشاللىق تاپالايدۇ، توردا دوست تۇتۇشقا ئامراق،رىئاللىقتا بىرمۇ دوستى يوق،بىر كۈن تورغا چىقالماي قېلىشقا ، مۇنبەر كۆرمەسلىككە چىدىمايدۇ.
قېنى قىزچاق! بۇ پەقەت مىنىڭ ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىن مىسال ئالغانلىرى، بەلكىم بەزىلىرى سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئوخشاش بوپ چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر سىزگە ماس كىلىدىغىنى بولمىسا قېنى سىزمۇ دەپ بېقىڭ! سىز قايسى قىز؟
تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىسمەتلەر بۇلىۋاتقان قىزلار باركىن ئورتاقلىشىپ باقايلى!
ياراتقان ئىگەم بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىنى بەرسۇن! ئامىن!


مەنبەسى:ئاق كەپتەر بىلوگى



توردا
56سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئەسما311 ...ھەي قىزلار قىنى بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭلاردىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىڭلارنى تىپىپ بىقىڭلار.
ئوغۇللارغا يوقما؟

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
93 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 10:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرگە كىردىكەنمەن.........

توردا
759سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
4404 
تېما
419 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 11:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ، مەن بۇلارنىڭ بىر قانچە خىلىغا چۈشىدىكەنمەن،بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈم ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش قارارىغا كەلدىم

توردا
614سائەت 
نادىر تېما
دوست
63 
يازما
3749 
تېما
509 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 13:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپىسز . مەن بۇ تىمىڭىزنى كۆرۇپ سىزىدىن شۇنداق سۆيۇنىدىم . رەخىمەت سىزىگە ئوماق سىڭىلىم . مۇشۇنداق تىملار بولسا كۆزۇم سىزدە .......

توردا
111سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
710 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 13:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

توردا
133سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
588 
تېما
40 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 14:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tapakkur38 نىڭ يازمىسى

رەخمەت سىزگە ..ئاللا ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن .....ئالدىرىماڭ ،ئوغۇللارغىمۇ بولۇپ قالا .....

توردا
102سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
331 
تېما
43 
يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 15:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن............مىڭ مەرتىبە رەھمەت قىرىندىشىم.

توردا
295سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1532 
تېما
57 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 17:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنڭچە توۋەندىكىگە چۈشۈدىغان قىزلار كوپ:

خۇددى ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان قەپەسكە مەجبۇرى سولانغان ئاجىز بىر قۇش،ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق،قەپەزدىن چىقىپ كىتىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ لېكىن مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنچە بىچارە.




ئۈزى ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئۈچۈن ،تويغا قۇشۇلمىغان ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئىللىق ئائىلىسىدىن كىچىپ يىگىت بىلەن يىراقلارغا كىتىدۇ.




ئۈزى سۆيگەن يىگىتىگە بەخىت تىلىگەن،ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشىدىن ئۈنتسىز غايىپ بولغان،گەرچە يىگىتنىڭ ئەمدى باشقا بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما يۈرەكلىرى ئەخمەقلەرچە يىگىتنى سېغىنىپ ئۆتكەن.

كۈڭۈل خوش قىلىشنىلا ئويلايدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،دوستلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ،يىگىتلەرنى ئالداپ ئۇلاردىن نەپ ئېلىشنىلا ئويلايدۇ،ھىس قىلمايدۇكى ئۈزىنىڭ بەختىنى ئالداۋاتقىنىنى.



پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلغان،ھەتتا تىنىنى سېتىشقىمۇ رازى بولغان، بۇ قىلىقلىرىنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئەيدىز كىسىلى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بەرگەن،ئەمدىلىكتە مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلىپ ،قان ياش تۈكۈپ ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئىڭراپ ياتماقتا.









توردا
295سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1532 
تېما
57 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-11-17 17:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش imannuri نىڭ يازمىسى

قايسىسىغا ئىنىق دىمەمسىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-20 20:08

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.