- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-20
- تىزىملاش
- 2010-10-9
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 614سائەت
- جۇغلانما
- 15347
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 3749
- تېما
- 509
- توردا
- 614سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 63
- يازما
- 3749
- تېما
- 509
|
قىزلار جەلپ قىلىش كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك
جەلب قىلىش كۈچى ئىنسانلاردا بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە تەبىئي خۇسۇلسىيەت بولۇپ ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ يۇرەك تارنى تىتىرتىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان سېھېىرىي كۈچتۇر .مۇھەببەتلىشۋاتقان قىز -يىگىتلەر تۇنجى قىتىم ئۇچراشقاندا ، ئالىدبىلەن نامايان بولىدىغىنى ئۇلاردىكى جەلب قىلىش كۈچىدۇر . جەلب قىلىشنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇچىرشىشىنىڭ داۋاملىشىشدا ھەل قىلغۇچ رول ئۇنايىدۇ . شۇڭا قانداق قىلىغانىدا مۇھەببەتلىشىش جەرياندا ئۆزنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ ۋى ئۇنى ئۆزلۇكىسز كۈچەيىتىپ ، مۇھەببەتىنى چەكىسز كۈچ -قۇدىرەتكە ئىگە قىلىغىلى بولىدۇ ؟ بۇ مەسلە مۇھەببەتلىشۋاتقان قىزلارنىڭ كۆڭۇل بۆلۇشگە تېگشىلىك مۇھىم مەسلىدۇر .
1. قانداق قىلىغاندا قىزلار ئۆزنىڭ جەلب قىلىش كۇچىنى ساقلاپ قالالايدۇ ؟ ئالدى بىلەن ، ئۆزنىڭ ئىديىۋى پەزىلىتىنى يېتىلدۇرۇرشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم . قىزلارنىڭ تاشىقى گۈزەلىكى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور جەلب قىلىش كۈچگە ئىگە بولىدۇ ،كېلىشكەن رەتلىك كىيىنگەن قىزلار ھەر قانداق كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلالايدۇ .ئەمما چىرايلىق بولۇشنىڭ ئۆزلا كۈپايە قىلمايدۇ . مۇھىمى ئىدىيىۋىي پەزىلەتىنى يېتىلدۇرۇشتە .ئۆزى چىرايلىق ئەمما سۆزلىرى قوپال ، يۇرۇش -تۇرشى يېقىمىسز قىزلار يىگتلەر قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالمايدۇ .قارشى تەرەپنى جەلب قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئاملى <<ئىچىكى گۈزەللىك >>تۇر .
2. مۇھەببەتلىشش جەريانىدا قىزلار ئاقلانىلىق بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى تىزگىنلىشى ،يىگىت بىلەن بەك قويۇق ئارلاشماستىن ،ئوتتۇردا مۇۋاپىق<<ئارىلىق >> ساقلاپ قېلىش لازىم .<<ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ .>> مۇھەببەتكە قەدەم قويغان قىزلار بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشى لازىم مۇھەبەتلىشىشنىڭ دەسلەپىكى مەزگىلىدە يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچىرشىشقا ھەر قانچە تاشنا بولسىڭىزمۇ ، يەنلا ئېتىياتچانلىق بىلەن ھېسىسياتىڭىزنى كۈنتۇرۇل قىلىپ ،مۇۋاپىق << ئارىلىق >>ساقلاپ قىلىڭ .ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدىن گۇمانلىنىشى ۋە سىزنى كۆزىگەئىلماي قويىشى مۇمىكىن .گەرچە مۇھەببىتىڭىز ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىپ .بىر -بىرىڭىلاردىن ئايىرلالماسلىققا قەسەم ئىچىپ ، ۋەدىلەرنى بىرىشكەن بولساڭلارمۇ ئالدىراپ ئۆزۇڭلارنى يىگىتڭىزىگە بېغىشلىۋەتمەڭ .
3. قائىدە -يۇسۇنلۇق ، سالاپەتلىك بولشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . يىگىتلەرنىڭ كۆپۇنچىسى قىز دوستىنىڭ ھەر قانداق سورۇندا ئۆزنى ئەركىن -ئازادە تۇتۇپ ، قائىدە -يۇسۇنلۇق بولۇپ ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلدۇ .شۇڭلاشقا ، يىگىتڭىز بىلەن ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا بارغاندا ياكى يىگىتڭىزنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنى يوقلىغاندا سۆز -ھەركىتىڭىز سىيلىق بولشى كىرەك .شۇنى ئوچۇق ئېيىتش كېرەك . شۇنى ئوچۇق ئېيىتش كېرەككى ، قىزلارنىڭ يۇرۇش -تۇرۇشىنىڭ نازاكەتلىك ، سىپايە بولشىمۇ يىگىتلەر قەلبىدە مۇھەببەت تۇيغۇسىنى پەيىدا قىلدىغان مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدۇ .
4. ئۆزنىڭ خاراكىتىرى ۋە مىجەزىگە خاس ياسنىشى لازىم .
ھازىرىقى كىشلەر جېنىنىڭ بارىچە مودا قوغلىشدىغان ، راسچىلىق ، ياسانچۇقلۇق قىلىپ ئۆز خاراكىترنى يوقىتىپ قويىدىغان قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ .بەزى قىزلار يىگتىنى تېخىمۇ جەلب قىلىش مەخسىتىدە ،ھېچ نەرسىگە قارماستىن مودا قوغلىشدۇ ،ئاقىۋەتتە يىگتىنى بىزار قىلىپ قويىدۇ .ياسنىپ ، گىرىم قىلىشتا ئۆزنىڭ ئەملىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش ، ،ھەم دەۋىرىگە ماسلىشىش ، ھەم ئۆزدىكى تەبئىي گۇزەللىك ۋە خاراكتىرنى ساقلاپ قىلىش لازىم .
ئومۇمەن ئالىيىجاناپ ئەخلاقىي پەزىلەتنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن ، مۇھەببەتلىشىش جەرياندا ئاقىلانلىق بىلەن ئىش كۆرۇش ، سالاپىتى ۋە خاراكتېردىن ھالىقپ كەتمەسلىك كىرەك . مانا بۇ جەلب قىلىش كۈچىنى مەڭگۇ ساقلاپ قېلىشتىكى ئاچقۇچ .
مەنبە :قىزلار دەستۇرى دىگەن كىتاپىتىن ئېلىنىدى ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-11 16:19
|
|