بىكەت باشلىقى sqlئەپەندىن بىلەن ئالىمجان ئەپەندىم.ئىز مۇنبىردىكلەرنىڭ ،مۇنبەرگە تىما يوللىغاندا !پايدىلىنىش قىممىتى بار ھەم ئىجادى تىيما يوللىشىنى،ئىنكاس يازغاندا ياخشى يېزىپسىز رەھمەت.دېگەندەك قۇرۇق ماختاشنىڭ ئورنىغا مېزىزلىق ئىنكاس يېزىپ تەكلىپ-پىكىرلىرنى بىرشىنى تەۋسىيە قىلىپ ئىز مۇنبىردىكىلەرگە يىغىن ئاچماقتا!!!! 
مۇنبەر باشقۇرغۇچى ۋوت.ئالامەت شاش بالا جۇمۇ؟قاراڭلار ئۇنىڭ موتو مىنشىگە؟ۋۇي ئۇكام يىقلىپ كىتىسىز دىققەت قىلىڭ جۇمۇ؟ھېلى بىكار ئاسماندا ئۇچتۇم دەپ يەردە يېتىپ قالماڭ. 
مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى مەمەتجانغا قاراڭلار!!!قايسى كۈنى تېخى ئەركىن ئابلاغا شاگىرىت كىردىم گىتتار چېلىشنى ئۈگۈنىمەن دەۋاتاتتى...ئەمدى بىردەمدە ئۆزگەىرىپ تەمبۇر چېلىشنى ... 
يان بۇلاق ئاكام قېرىسىمۇ شوخ قېرىغان ئادەم جۇمۇ!!!قاراڭلار ئۇسسۇل ئويناپ كەتكىننى...ۋاي يان بۇلاق ئاكا دىققەت قىلىپ ئويناڭ جۇمۇ؟بىكار بىلڭىزنى قايرىۋېلىپ يۈرمەڭ يەنە؟ئۇ چاغدا مۇنبەر چۆللىشىپ كىتىدۇ. 
مۇنبەر ئەزاسى يۈسۈپجان،قاچان ناننى سېتىپ بولسام مۇنبەر كۆرەرمەن دەپ كۆزلىرىنى تىكىپ،نان ساتىدېغانغا ئالدىراپ كىتۋاتىدۇ.ئۇكام نانلىرڭىز خېلى ئوخشىغاندەك تۇرىدۇ.ئالدىرماڭ بىردەمگىچە ئىز مۇنبىردىكلەر كىلىپ ھەممىنى تۈگتىۋېتىدۇ. 
ماۋۇ 520 نىمانداق بەخرامان ئاسمان ئۆرلۈپ كىتەي دېسە تېگىدە مانتا يەيمەن دەيدۇ...قارا-قارا ئۇنىڭ بىغەملىكنى... 
ۋوييۇ ،خەنجەر ئۇكام بالا بېقىشقا كارامەت ئىپىڭىز باركىنا!!!جاپا تاتمايلا سۈت بىردىكەنسىز،لېكىن زە بالا باقماق تەس كەلدىمۇ چاچ-ساقاللىرڭىز بەكلا ئۆسۈپ كىتىپتۇ.ھېيىتقىچە ئالدۇرۋېتىپ ئان بىزنىڭ ئۆيگە ھېيىتلاپ كىلىڭ جۇمۇ؟بولمىسا تۇنۇماي قالماي يەنە؟ 
قاپلانجان پۇت بولغا ئەجەپ ئامراقكىنە!!!ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەممىدىن ئېگىز ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى....ئارقىڭىزغىمۇ قاراپ قۇيۇپراق ئولتۇرارسىز جۇمۇ؟بىكار سۇمكىڭىزنى ئوغرى ئالمىسۇن....ماۋۇ ھېيتلىق پۇللارنى ئوغرى ئالسا چاتاق بۇلىدۇ. 
مۇنبەر ئەزاسى ئوسماننى قاراڭلار!!!ئۆيدىن قىيداپ چىقىپ ئۇبدان بىكارلىق ئۆيدىن بىرنى تېپىۋاپتۇ مانا!!!قارا-قارا بەخرامان ئۇخلاپ كەتكىنىنى....ۋۇي ئۇكام دىققەت قىلىڭ جۇمۇ بىكار ئاسماندىن ،قۇشقا ئۇخشاش چۈشىمەن دەپ جاننى سەپ بەرمەڭ. 
ئۆركىشى ئاپتۇماتنى تەييارلاپ قېنى... كىم مۇنبەردە ئۇرۇش قىلسا شۇنى بىرىنچى بۇپ ئېتىۋېتىمەن دەپ،قارغا ئېلىپ تۇردى. ئىزدەنجانمۇ ئۆز قاۋۇل بەدەنلىرى بىلەن ياردەملىشىپ قارغا ئېلىشىپ بەردى.مۇنبەر ئەزالىرى دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ؟ماۋۇ ئىككىسنىڭ ئاچچىقى ياماندەك قىلىدۇ. 
ئەرتىكىننى نەكەتتىكىن دەپتىمەن...ئەسلى ھېيىتتا پىدەي سېتىپ تازا پۇل تېپىۋالاي دەپتىكەن دە بۇ بالا؟ۋاي ئۇكام بەك باي بۇپ كەتتىڭىزمۇ نېمە؟خوشلۇقتا ئۇتتۇز ئىككى چىشىڭىز كۆرنۈپلا قاپتۇ؟ 
مۇنبىرمىزنىڭ كىچىك پادىشاسى ئوخىوغا قاراڭلار!!!نىم دېگەن ئەركىن ھە بۇ بالا؟زۇڭتۇڭنىمۇ كۆزگە ئىلماي سىيىپ قۇيۇشلىرنى... 
پاكزاتقا قاراڭلار!!!چاچ پاسۇنى ئۆزشگەرتىشتە،دۇنيا جىنىس رىكوتى يارتىمەن دەپ سۈپۈركىگە ئوخشاش ياسۋالغىنىنى...چېچى تاملاردىكى تورلارنىمۇ سۈپۈرۈپ مېڭىپتۇ مانا؟ئەمدى ھېيتلىق تازا بىر چوڭ تازىلىق قىلمىسڭىز بولمىدى... 
تىرىشقىننىڭ ئاچچىقى خېلى يامانمۇ نېمە؟دادۈيجاڭدەك مۇنبەر ئەزالىرغا ،شېئىر يازماڭلار مەن مۇخەببەتكە بەك ئۆچ دەپ قۇلىنى ئارقىغا تۇتۇپ ۋاقىراپ كىتىشلىرنى...ئۇنام-ئۇنام ئۇكام ئاچچىقنى يامان قىلماڭ تۆت كۈن ئۆتمەيلا سىزمۇ ئاشىق بولغاندا شائىر بۇپ قالىسىز. 
ئەمدى مۇنبىرمىزنىڭ گۈزەل نازىنىن چىرايلىق خانقىزلىرغا يازاي،بىكار ئۇلار مەندىن رەنجىپ فاتىمە ئاچام ،يىگىتلەرگە يېزىپ بىزگە يازمىدى دەپ قېيداپ قالمىسۇن...ۋاي ئۇماق تاتلىقلار ئالدىرماي تۇرۇڭلار مانا-مانا سىلەرگىمۇ بار. ئۇنام-ئۇنام ماۋۇ رىشتىخاننىڭ رومانتىكلىكنى....مۇخەببەتلىشىشكە مەن بەك ئۆچ دەپ قۇيۇپ.ھەيكەلنى سۈيۈپ كەتكىننى.... 
138-قاراڭلار!!!ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان بالىسنى...چىداملىق تەربىيلەيمەن دەپ پىۋا ئۈچۈرۋاتقىننى...ۋاي ئاپپاق جانىم،قۇزىڭىز ھېلى بىكار مەس بۇپ قالمىسۇن يەنە!تەلەپچانلىقنى بۇنداق قىلمايمىز دەيمەن.ئۇنام-ئۇنام ئۇماقلىقنى ... 
تەشنا قىزغا قارا كىچىك بولسىمۇ پوچىلىق بىلەن،يىگىتلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويمايمەن دەپ تەڭ ئېچىپ كەتكىنىنى...ئاچچىق مىكەن جانىم.چىرايلىرڭىز تۈرلۈپ كەتتىيا؟بولدى-بولدى يىگ ىتلەر بىلەن بەسلەشمەڭ بىكار يەنە؟مەس بۇپ قالىسىز. 
نازۇك214-نىڭ يامانلىقىنى...ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان يىگىتلەرنىڭ ئەدىپىنى مۇشۇنداق بىرىمەن دەپ.ماۋۇ بىچچارە بالىنى بىر بارمىقىدا پىقىرتىۋاتقىننى...بولدى قۇيۋېتىڭ جېننى باقسۇن.ئەمدى قىزلارغا نوچىلىق قىلمايدېغان بۇلىدۇ.بەك يامان قىزدە سىز مەن شۇڭا سىزگە بەك-بەك ئامراك جۇمۇ؟ 
شاتئاينىڭ تەبىئەتكە ئامراقلىقىنى...يىگىتى بىلەن ئۇرشۇپ قېلىپ ،كەڭ تەبىئەتتە ۋاقىراپ ،كۆپكۆك ئاسمان كەڭ تەبىئەت مەن سېنى سۈيىمەن.ۋاپاسىز باغرى تاشلار يۈتسۇن كۈزۈمدىن دەپ ،ۋاقىراۋاتىدۇ.ۋوي شاتئاي ھەممە ئادەم ۋاپاسىز ئەمەس جۇمۇ؟ئۈمۈتۋار بۇلۇڭ،ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز سىزنى ئىشىك ئالدىڭىزدا ساقلاپ تۇرۋاتامدۇ !تېخى... 
ماۋۇ بەرنانىڭ يامانلىقىنى قاراڭلار!!!كىت بىلەن شۇنداقمۇ ئويناشقان بارمۇ؟ۋاي بەرنا دىققەت قىلىڭ،بىكار ھېلى ئاغزىنى بىرلا ئېچىپ سىزنى بىر ۋاخلىق تامىقى قىلۋېتىدۇ. 
ھەممىڭلارنى مۇنداقلا ئوخشىتىپ باقتىم ،ئەگەر رەنجىسەڭلار ئىنكاس قايتۇرۇڭلار مەن دەرھال ئۈچۈرۋېتىمەن....ئىسمى چۈشۈپ قالغانلار.بۇ بۇلار چاخچاقنىڭ بىر قىسمى خالاس. قالغانلارغا داۋاملىق يېزىلىدۇ.شۇڭا ئاغرىنماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.بىراقلا يېزىپ يوللاي دېسەم.رەسىم چوڭ بولغاندىكىن پاتماي قالدىكەن. مەنبە :ئۇ يەر بۇ يەردىن تەرگەنلىرىم
|