ئەسسالامۇئەلەيكۈم ئەزىز دوسلار، سىلەرگە ئاللاھ نىڭ سالىمى بولسۇن ! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرگە بەخىت، خاتىرجەملىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

يۇرتۇمدا ھېيىت بۈگۈن 
ئۈرۈمچى، ئىلىخو، ، قەشقەر ھەم خوتەن.... ياڭرىتار كۈي-سازلار ،قىلىشىپ بەزمە. شۇ ئۇلۇق ئايەمنى مەدىھلەپ، كۈيلەپ، بەختىدىن شادلىنىپ ئېيتىشار نەزمە. 
يۇرتۇمدا ھېيىت بۈگۈن بارچىگە ئوخشاش، قېرى –ياش،،،ھەممىنىڭ چىھرىدە كۈلكە. پەتىلەش ھەم يوقلاش يېتىم-يىسىرنى، كېيىنكى ئەۋلادقا بوپ قالسۇن ئۈلگە. 
شاتلىققا تولغان بۇ خوشاللىق كۇندە، شادلىناربوۋايمۇ ساماغاچۈشۈپ.
قىز –ئوغۇل ھەم كىلىن ئالدىراش ئەنە، قوي سويوپ ،چاي تاتىپ مىھماننى كۈتۈپ. 
ئەجداتلار مىراسى، ئادىتى ئايەم، ئۇ بىلەن تۈگەيدۇ ئاداۋەت، قىيداش. ياد ئىتىپ كەتكەننى،ئامانلىق تىلەپ، ئاتا ھەم ئانىغا بولىدۇ مۇڭداش. 
مۇبارەك دوسلۇرۇم، بايرىمىڭ-ھېيتىڭ،
گۈل تۇتۇپ چىقايمەن ئىقبالغا سېنىڭ. ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلاشسۇن كۈلكە، ئەل-يۇرتۇم ئامان بول- تىلىكىم مىنىڭ. 

مەنبە:ئۆزەم
|