ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار مۇنبەردىكىلەرگە يۇمۇر
كۆرۈش: 701|ئىنكاس: 29
go

مۇنبەردىكىلەرگە يۇمۇر    

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
56 
يازما
1532 
تېما
37 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 20:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


world سەھەردىلا بۆلۈم باشلىقىغا تېلېفون بەردى:
_ بۆلۈم باشلىقى، بۈگۈن مەن ئىشقا كېچىكىپرەك بارىدىغان بولدۇم، ئۆيۈمدە ئازراق ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇم.
_ نېمە ئاۋارىچىلىق؟
_ ئايالىم 100 كوي پۇلىنى يىتتۈرۈپ قويغانىدى، ھازىر ئىزدەۋاتىدۇ.
_ ئۇنداقتا شەن ئۇ يەردە چوقۇم تۇرۇشۇڭ كېرەكمۇ؟
_ مەن ھازىر شۇ پۇلنى دەسسەپ تۇرۇۋاتىمەن.


دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مۇئەللىم ohoغا «بوۋاڭ مەكتەپكە بىر كېلىپ كەتسۇن»
_ مۇئەللىم، دادامنى چاقىرمىساممۇ بولامدۇ؟_
مۇئەللىم: ياق، بوۋاڭنى چاقىرساڭلار بولدى. مەن ئۇنىڭغا «ئوغلىڭىز نەۋرىڭىزنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ بەزى يەرلىرىنى خاتا ئىشلەپتۇ» دەپ قويماقچىمەن.



abida مال دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ:
_ مېنىڭ بىر ئېتىم تۇرۇپ بىر ئوبدان ماڭىدۇ، تۇرۇپ ئاقساپ قالىدۇ، سىزچە قانداق قىلسام بولار؟
مال دوختۇرى: كېلەر قېتىم ساق ماڭغان چاغدا ئۇنى سېتىۋېتىڭ.


barna ئانىسى بەكلا تەلەپچان بولۇپ، ھەمىشە ئۇنى قائىدە- يۇسۇنلۇق بولۇشقا ئۈندەيدىكەن، ئەمما ئۇ تېخى 3يېرىم ياشتا ئىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئائىلىدىكىلەر بىر كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپتۇ. بىر چاغدا بەرنا :« ئانا سىيگۈم كەپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئانىسى بالىنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەكلا ئۇڭايسىزلىنىپتۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئانىسى بالىنىڭ ھەر قانداق چاغدا سىيگۈسى كەلسە «ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دېيىش لازىملىقىن تاپىلاپتۇ.
بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ چوڭ دادىسى ئۇلارنى يوقلاپ كەپتۇ. بالا چوڭ دادىسىغا بەكلا ئامراق ئىكەن. كەچتە بالا بوۋىسىدىن چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئويغىنىپ :«بوۋا، ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ» دەپتۇ. بوۋاي بۇ يېرىم كېچىدە باشقىلارنى ئويغىتىۋەتمىسۇن دەپ، نەۋرىسىگە :«ئوبدان بالام، ناخشا ئېيتقۇڭ كەلگەن بولسا مېنىڭ قۇلىقىمغا ئېيتقىن» دەپ پىچىرلاپتۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ بىر قوپال سېرژانتى abdulkorax قول ئاستىدىكى بىر ئەسكەرنىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. ئۇ ئەسكەرلەرنى يوقلىما قىلىۋېتىپ :« ھەي guy! سېنىڭ بوۋاڭ ئۆلۈپتۇ!» دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېلىقى ئەسكەر شۇ ھامان ھۇشىدىن كېتىپتۇ.
بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر ئەسكەرنىڭ مومىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. سېرژانت يەنە شۇ قوپاللىقى بويىچە «tirixkin! سېنىڭ موماڭ تۈنۈگۈن كەچ ئۆلۈپتۇ!» دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېلىقى ئەسكەر ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
سېرژانتنىڭ بۇ خىل ئادىمگەرچىلىكتىن چىقىپ كەتكەن گەپلىرى باشلىقنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ. ھەم ئۇنى راسا تەنقىتلەپتۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەرلەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا بۇنداق قوپاللىق بىلەن بىۋاسىتە دېمەسلىكنى تاپىلاپتۇ.
يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن، سېرژانت تېخى يەنە بىر ئەسكەرنىڭ مومىسىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. ۋە باشلىقنىڭ گەپلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆپچىلىكنى رەتكە تىزغاندىن كېيىن: «بوۋا-مومىلىرى ھاياتلار ئالدىغا بىر قەدەم چىقىڭلار. orkax، سەن چىقمىساڭمۇ بولىدۇ» دەپتۇ.



توردا
225سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
496 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 23:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق قاملاشتۇرۇپ ئەتكەنسىز بۇ يۇمۇرلارنى ئادەمنى كۈلدۈرۈپ

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
30 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 02:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

نىمانداق قىزقارلىق يۇمۇرلار بۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
478سائەت 
نادىر تېما
11 
دوست
38 
يازما
1314 
تېما
396 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 02:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چارچىغاندا بىر كۈلىۋالدىمدە. رەخمەت.

توردا
620سائەت 
نادىر تېما
دوست
63 
يازما
3781 
تېما
512 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 10:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلكە ئاتا قىلىغىنىڭىزغا تەشەككۇر ،داۋاملىق سىزىگىمۇ خۇشاللىق يار بولسۇن .

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
4450 
تېما
421 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 11:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھا ھا ھا ....بەكمۇ قىزىقارلىقكەن،ھەنىم بولسا مېنى كەلتۈرمەپسىز.....

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
56 
يازما
1532 
تېما
37 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 12:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

ئوۋ ... كۆڭلىڭىزنى بىلىۋاپتىمەندە ..........
يازغانلارغا ياقمىدىمۇ نىمە ...... بىرەرسىمۇ يوقيا ..

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
4450 
تېما
421 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 12:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
intizar0998 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 12:09
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

ئوۋ ... كۆڭلىڭىزنى بىلى ...

ئۇلار بۈگۈن ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ،ئويغۇنۇپلا يۈزىنى يۇيماي كىرىدۇ ھەقچان مۇنبەرگە....

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
253 
تېما
31 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 15:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزىقكەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
344سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
480 
تېما
85 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 16:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەردە يۇمۇرچىلارنىڭ ئۇۋۇسى چۇۋۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟



intizar0998 دادىسنىڭ ئالدىغا بىر قاچا پولۇ ئەكەپتۇ .
_ پولو ئوخشىغاندەك قىلىدىغۇ ؟ _ دەپتۇ دادىسى .
_ مەن ئەتكەن. - دەپتۇ intizar0998 خۇرسەنلىك بىلەن .
_ ۋوي ، تاش چىشلىۋالدىمغۇ .
_ گۈرۈچنى مومام ئىلغىغان ، ئۇ تاشنى كۆرمەي قالغان ئوخشايدۇ
_ ئاشقا ئىس ئۆتۈپ كەتتىمۇ _ نېمە ؟
ئاشنى ئاپام دۈملىگەن ، ئىس ئۆتكۈزىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپتۇ intizar0998 .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-23 11:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.