ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 3
go

ھەي...نادانلىق

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
22 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 18:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بوۋاي بىلەن موماينىڭ تۇرمۇشى تىنچ ۋە بەختلىك ئۆتىدىكەن، بالىلىرى، نەۋرىلىرىمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشپ، بوۋاي خىيالچان بولۇپ قاپتۇ، نېمىدۇر بىر نېمىسى كەمدەك تۇيۇلۇپتۇ. دائىم دېڭىز بويىغا چىقىپ پايانسىز دېڭىزغا قارىغىنىچە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن خىيالغا پېتىپ تۇرۇپ كېتدىكەن. بىر كۈنى بوۋاينىڭ بىر دوستى ئۇنى دېڭىز بويىدا ئۇچرىتىپ:
– بۇرادەر، نېمانچە جۈدەپ كەتتىڭ؟ غەمكىن كۆرۈنىسەنغۇ؟ – دەپ سوراپتۇ. بوۋاي ئېغىر ئۇھسىنىپ:
– خەۋىرىڭ بار، ياشلىقىمدا بىر گۈزەل قىز بىلەن ئاجايىپ شېرىن مۇھەببىتىمىز بار ئىدى، كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توي قىلالماي ھەسرەتتە قالغانىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى شۇ قىز خىيالىمدىن چىقماي، ئىچىم ئۆرتىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام، قانچىلىك بەختلىك بولۇپ كېتەر ئىدىم، دەپ ئويلاپ قېلىۋاتىمەن، – دەپتۇ.
ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتمەي ھېلىقى ئادەم بوۋاينىڭ يەنە ھېلىقى دېڭىز بويدا ياپيالغۇز ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
– ۋاي بۇرادىرىم، ساڭا يەنە نېمە دەرد كەلدى؟ ياداپ بىر تىرە، بىر ئۇستىخانلا بولۇپ قاپسەنغۇ؟ كۆزلىرىڭ ھېلىلا ئۆچۈپ قالىدىغان جىنچىراغدەك....
– ھەي...ي! دوستۇم، – دەپ زەئىپ ئاۋازدا سۆز باشلاپتۇ بوۋاي، – ئۆتكەندە ساڭا ھېلىقى تۇنجى سۆيگۈنۈمنىڭ گېپىنى قىلغانىدىم، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنى ئېسىمدىن چىقىرالماي، يېگىنىم ئوغا، ئىچكىنىم زەھەر بولدى. ئاخىر ئۇنى ئىزدەپ تاپتىم. دەرۋەقە، ئۇمۇ مېنى ئۇنتۇيالمىغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇزۇن يىللىق ئايالىمنى – نەۋرىلىرىمنىڭ مۇمىسىنى تالاق قىلىپ، ئۇنى ئەمرىمگە ئالدىم. ھەي...ي! دوستۇم، نېمىسىنى ئېيتاي، ئەسلىدە ئىشلار ئۇنچىۋالا غايىۋى ۋە بۈيۈك ئەمەسكەن. مانا ئەمدى پۇشايمانغا قاچا يوق، بىر ئوبدان بەختلىك، تىنچ ئائىلەمنى بۇزغىنىمغا، تېپىلماس قەدىناس كەمپىرىمنى ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلىغىنىمغا ئۆكىنىمەن، ئۇنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ....
بوۋاينىڭ يىغىسى ئۇنىڭ نەپسىنى كېسىپ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇپتۇ. ھېكايىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


قايسى بىر چۆچەكتىن ئوقۇغانلىرىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
1011سائەت 
نادىر تېما
دوست
106 
يازما
2520 
تېما
96 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 22:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنچە ياشتىمۇ شۇنداق قىپتۇدە . ھى ھى ھى...
ھەممە نەرسە ياندا بار چاغدا قەدرىنى بىلەلمەيدىكەنمىز، مەنمۇ ھەم...
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
344سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
480 
تېما
85 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 22:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنداق بىر ئەقلىيە يادىمدىن كەچتى'' ياخشى كۆرىش ئېرىشىش دېگەنلىك ئەمەس شۇنداقلا ئېرىشكىنىڭىز سىزنىڭ ياخشى كۆرگىنىڭىز بولىشى ناتايىن.ئېرىشكەنكەنسىز چوقۇم قەدىرلەڭ''.

ئادەم شۇنداق قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالغاندا، بىكارچىلىقتىن شۇنداق ئايىغى چىقماس چىگىش خىياللارنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىدۇ.توختىماستىن تىپىرلاپ،ھەركەت قىلىپ تۇرغان ئادەم بۇنىڭ سىرتىدا.

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
4450 
تېما
421 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 12:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەلەن بوپتۇ ئۇ بوۋايغا، قېرىغاندا خىيالچان بوپ قالغىنىدىن كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ،تېخى ياشلىقىدىكى قىز دوستىنى ئەسلەپ،ئىزدەپ يۈرگىننى،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىم ماڭا ھەمراھ بولۋاتىدۇ،بۇ ئائىلەمنى كىم ياراتتى دېگەننى ئويلىمايدىغان قېرى نامەرت......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-23 11:55

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.