
سۆيسەممۇ گەر سېنى چىن دىلدىن، كۆيسەممۇ ساڭا تا ئەزەلدىن، كەتسە كېلەر دەپ يىراق جايدىن، بەزلەش كۆڭۈلنى ماڭا تەس بولدى. 
دېرىزەمدىن كىرەر تولۇن ئاي، سەن كەتكىلى بولدى 12 ئاي، كەلمىدىڭغۇ بولدىڭمۇ يا باي، جانان سېنى سۆيۈش تەس بولدى. 
ئۆتتى كۈنلەر سېغنىش ئىلكىدە، ئۇيقۇ كەلمەس تىمتاس كېچىدە، ئولتۇرىمەن نىگار ۋەسلىدە، جانان سېنى كۈتۈش تەس بولدى. 
كۈتەر بولدۇم غەمكىن خانەمدە، ئەسلەپ سېنى نازۇك يۈرەكتە، كەلمىدىڭ نىگار قالدىم ئەلەمدە، ئەلەم بىلەن ياشاش تەس بولدى. 
ئوخشىتارمەن يۇلتۇزغا سېنى، ئايغا ئوخشات سەنمۇ ھەم مېنى، ئەسلەپ قويغىن يۇلتۇزۇم ئاينى، سەنسىز ماڭا ھەممە تەس بولدى. مەنبە: قەلب خاتىرەمدىن.
|