ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەد ...
كۆرۈش: 404|ئىنكاس: 11
go

ئەرلەردىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئالتە تەدبىرى

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1384 
تېما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 17:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
 ئەرلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان پىسخىك بېسىمغا ئۇچرايدۇ، پىسخىك بېسىمنى يېنىكلىتىشتە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ:
  1. دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارغا بۇراڭ. رەسىم سىزىش، ھۆسىن خەت يېزىش، شاھمات ئويناش، چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار كىشىگە تۇرمۇشتا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، كۆڭۈلنى ئازادە قىلىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى، مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆڭلىنى ئەركىن - ئازادە تۇتىدىغان ئەرلەر ئىجاد قىلغان.
  2. دەردىڭىزنى تۆكۈۋېلىڭ. كىشىنى بۇرۇختۇرۇم قىلىدىغان ئىشلارنى كۆڭۈلگە سىغدۇرۇۋەرسە، ئادەمنى جىمغۇرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. دائىم باشقىلارغا دەرد تۆكۈش، بەلكىم تەبىئىتىڭىزگە يات بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما يېقىن دوستىڭىزغا دەردلىرىڭىزنى تۆكۈپ، ئىچىڭىزنى بوشىتىپ، پىسخىك بېسىمىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
  3. خىزمەت جىددىيلىكىنى پەسەيتىڭ. ئەگەر جىددىي خىزمەت تۈپەيلىدىن بېسىم ھېس قىلغان بولسىڭىز، قولىڭىزدىكى ئىشنى بىر دەم تاشلاپ قويۇپ، بەش-ئون مىنۇت جىمجىت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېلىڭ. جىمجىت ئولتۇرغىنىڭىزدا، يۈرەك سوقۇشىڭىز ئاستىلاپ، قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەپ، روھىي ھالىتىڭىزدىكى جىددىيلىك روشەن ياخشىلىنىدۇ.
  4. قاقاقلاپ كۈلۈڭ. يۇمۇرلار توپلىمى ياكى كۈلدۈرگە فىلىملىرى قاتارلىق سىزنى كۈلدۈرەلەيدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك كۆرۈڭ. ئىچىڭىزدىن قاقاقلاپ كۈلگەن ۋاقتىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىكى جىددىي كەيپىياتنى قوزغايدىغان بۆرەك ئۈستى بېزى ماددىسىنىڭ ئاجرىلىشى تېزلىكتە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
  5. چېنىقىڭ. بەلگىلىك سىجىللىقتىكى چېنىقىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلەتكىلى، پۈتۈن بەدەننى بوشاتقىلى بولىدۇ. بەلكىم، چېنىقىشتىن كېيىنكى جانلىق تەپەككۇرنىڭ تۈرتكىسىدە «كۆڭلىڭىز يورۇپ كەتكەندەك» بولۇپ، سىز يولۇققان قىيىن مەسىلىلەر بىر يولىلا ھەل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، قارىسىغا چېنىقسىڭىز ئۈنۈمى بولمايدۇ.
  6. ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەممە ئىشتا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاياللاردىن قىسقا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆزىگە زورمۇزور بېسىم يۈكلەش ئاقىۋەتتە كىشىنى زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئەرلىك غۇرۇرغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولمايدۇ. گەرچە رېئال تۇرمۇشتا، ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى دەڭسەشتە ئۇلارنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىش - قازىنالماسلىقى ئۆلچەم قىلىنسىمۇ، لېكىن ھەر ۋاقىت ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەندە ۋاز كېچىش كېرەك. ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ ئىقتىدارسىزلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى تۇرمۇشتا نۇرغۇن تاللاشلار بولىدۇ.

   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

توردا
776سائەت 
نادىر تېما
دوست
88 
يازما
4544 
تېما
427 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-19 18:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز قىزلارمۇ دىققەت قىلىساق بولىدىغان ئىشلاركەنغۇ بۇ

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1384 
تېما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 10:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى


شۇنداق، ئەمىليەتتە بىز قىزلارمۇ دىققەت قىلساق بولىدىغان ئىشلار بۇ! لېكىن، ھەممىزگە ئايان، بۇرۇندىن تارتىپ بىزنىڭ ئېڭىمىزدا ئەرلەرنىڭ بېسىمى ئاياللارنىڭكىدىن ئېغىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە ياكى كۆڭلى يېرىم بولسا كۆپىنچە ھاللاردا دوستلىرىغا، سىرداشلىرىغا دەپ بىرىپ، ۋە ياكى يىغلاپ دەردىنى چىقىرۋالالايدۇ، بىراق ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئىچىگە يۇتۇپ باشقىلارغا دەپ بىرىشتىن ئىرىندۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭ بېسىمى تىخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدۇ، شۇڭا ......

توردا
624سائەت 
نادىر تېما
دوست
64 
يازما
3809 
تېما
512 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-20 11:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن .داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ

Rank: 8Rank: 8

توردا
328سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
630 
تېما
43 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 22:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماقۇل

Rank: 8Rank: 8

توردا
328سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
630 
تېما
43 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-21 22:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماقۇل

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1384 
تېما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 09:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش abdukorax نىڭ يازمىسى

ھەجەپ قايتا - قايتا ماقۇل دېۋىتىپسىز، قاتتىق ئەمەل قىلاي دېدىڭىزمۇ يە~ ھې ھې ھې !

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1384 
تېما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 09:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 138 نىڭ يازمىسى

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىمەن~

توردا
130سائەت 
نادىر تېما
دوست
46 
يازما
411 
تېما
15 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 09:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما ئىكەن .

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1384 
تېما
212 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 10:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش parezat نىڭ يازمىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-12-29 10:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.