- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-28
- تىزىملاش
- 2010-7-20
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 371سائەت
- جۇغلانما
- 5766
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1080
- تېما
- 269
 
- توردا
- 371سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 22
- يازما
- 1080
- تېما
- 269
|
(غەيرەت ھۇشۇر)
بۇگۇن دەم ئېلىش كۇنى بولغاچقا كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىداباشلىق يوق بولۇپ چىقتى. پەقەت نوۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارلا باركەن. ئەرىزىمىزنى قىلالماي يېنىشقا مەجبۇر بولدۇق. مۇرات-
-سىلەر تويغا تەييارلىق قىلىمىز دەپ ئالدىراش بولۇپ كىتىسىلەر. ئادەتتە توي خېتى بىرىدىغانلار بەلگۇلەنگەن دوختۇرخانىنىڭلا ئىسپاتى بولغاندا توي خېتى كىسىدۇ. ئىسپات چىقىرىپ توي خېتى ئالىمىز دەيدىكەنمىز تويغا ئۇلگۇرمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا سىلەر خاتىرجەم ئىشىڭلارنى قىلىۋىرىڭلار. مېنىڭ ئۇ يەرلەردە تونۇشلىرىم بار. مەن ئامالىنى قىلىمەن سىلەرنىڭ ئاۋارە بولۇپ يۇرىشىڭلار ھاجەتسىز ، -دەپ لازىملىق ماتىرىيال، شەمسىيە بىلەن بىرگە چۇشكەن تويلۇق سۇرەتلەرنى ئېلىپ قالدى. بىز بىر غەمدىن قۇتۇلدۇق .
قىلماقچى بولغان ئەرىزنى تويدىن كېيىنگە قالدۇردۇق. چۇنكى ۋاختىمىز قىس، توي خېتىنىڭ ئىشى ھەل بولغان تۇرسا. ئاۋارىچىلىقلاردىن يىراق تۇرغىنىمىز ياخشى ئىدى. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى تەخسىملەپ ئوز ئىشىمىز ئۇچۇن ئايرىلىشتۇق.
پۇتۇن ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ توي كۇنىمۇ يىتىپ كەلدى. شەمسىيە قولداشلىققا روشەنگۇلنى تاللىدى. مەن بولسام مۇراتنى تاللىدىم.
بۇ يۇرتنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەتتىگەندە نىكاھ ئوقۇتۇش ئۇچۇن شەمسىيەلەرنىڭكىگە يىتىپ كەلدۇق. ئەپسۇس شەمسىيە سەھەردە نىكاھ ئوقۇتۇشقا قارشى چىقتى. شۇنچە نومۇسچان قىز بۇگۇن يولۋاسنىڭ يۇرىگىنى يەۋالغاندەك، -
-دادا نىكاھ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مېنى شاكىرغا قوشۇپ قويامسەن ياكى ئويۇمدە قېلىپ قالامدىمەن، -دەپ دادىسىغا سۇئال تاشلىدى. دادىسى-
-نىمە دەيسەن قىزىم، ھازىر دىگەن نىكاھ ئوقۇيمىز، شاكىر سېنى بىز توي چېيى بىرىپ بولغاندا ئېلىپ كىتىدۇ قىزىم. بۇ دىگەن يۇرتىمىزنىڭ قائىدىسى، - دىدى. شەمسىيە-
-ياق دادا، ھازىر نىكاھ ئوقۇسا مېنى ھازىرنىڭ ئوزىدە شاكىرغا قوشۇپ قوي، دىنىمىزدا قائىدە دەيدىغان نەرسە يوق. بەلكىم ھوكۇم دىگەن نەرسە بار. ئىسلام ھوكىمىدە مەن بىراۋنىڭ نىكاھىغا ئوتكەن ئىكەنمەن شۇنىڭ ئىلكىدە بولىشىم كىرەك، -دىدى ۋە نىكاھ ئۇقۇش ئۇچۇن كەلگەن قارىيغا بورۇلۇپ، -
-شۇنداققۇ قارىم دىدى، -بۇ گەپلەردىن ھۇدۇققان قارىي، -
-ئەمىلىيەتتىغۇ سىلە دىگەندەك بولىدۇ. ئەمما يۇرتىمىزدا نىكاھنى ئەتتىگىنى ئوقۇۋىتىدىغان ئىشلار ئومۇملاشقان. بۇنىڭمۇ ھېچ يامىنى يوق سىڭلىم ، - دىدى. شەمسىيە-
-ئۇنداقتا بۇنىڭ دەلىلى نىمىكىن، - دەپ قارىيدىن سورىدى. قارىي-
-نىكاھنى يىگىت قىز كوچۇرۇش ئۇچۇن كەلگەندە ئوقۇيلىڭ دىسەك. يىگىتلىرىمىز ئارلىقتا ئازراق ئىچىملىك ئىچىۋېلىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نىكاھ ۋاختىدا قالايمىقان گەپ-سوزلەر كورۇلۇپ قالىدىكەن. يەنە بىرى قىزلىرىمىز گىرىم قىلىمەن دەپ بەزەن گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ قويىدىكەن . بىز بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ھالال بولالماسلىغىدىن ئەنسىرەپ نىكاھنىڭ مۇستەھكەم بولىشىنى ئويلۇشۇپ شۇنداق قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە بەزەن كىتاپلاردا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتتىگىنى نىكاھ ئوقۇغانلىغى قەيت قىلىنغان سىڭلىم، -دىدى. شەمسىيە-
-ھاراق ئىچىپ مەس يۇرگەن ئادەمگە نىكاھنىڭ نىمە ئىشى قارىم. نىكاھ دىگەن پاك مۇسۇلمانغا ۋاجىپتۇر. بىزنىڭ بۇ تويدا ھاراق -شاراپ يوق. مەنمۇ گىرىم دىگەننى قىلمايمەن. شۇڭلاشقا شاكىرلار كەلگەندە نىكاھ ئوقۇغان بولسىلا، ئاللاھ سىلىدىن ۋە بىزدىن رازى بولماسمىدى، پەيغەمبىرىمىز ئەتتىگەندە نىكاھ ئوقۇغان بولسا ئۇ زاماندا يىگىت نىكاھ ئوقۇغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئوتكەن ئايالىدىن ئايرىلىپتىكەنمۇ ؟، -دەپ سورىدى. قارىي-
-ئاللاھنىڭ سىلىدەك ئىسىل پەزىلەتلىك قىز -جۇۋانلىرىمىزنى كوپرەك بىرىشىنى تىلەيمەن سىڭلىم. ھەق گەپنى قىلدىلا، بىزمۇ ئامالسىز شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرمىز. سىلىدەك بىر مومىنە سىڭلىمىزغا نىكاھ ئوقۇپ قويالىسام مەنمۇ پەخىرلىنىمەن. ھېلىغىچە ئاللاھقا ئامانەت، -دەپ گەپنى كىسىۋەتتى. بىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. يولدا مۇرات -ئازراق ئىشىم بار ئىدى. توگىتىۋېتىپلا كىلىمەن، - دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى.
توي پاكىزە بولاۋاتاتتى. بىراق- نىمە ئۇچۇنكىن مۇرات كەلمەي قويدى. كوڭلۇم بىر خىل يېرىم. ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كەلمۇگۇيدى دەپ ئەنسىرەش ئىچىدە قىز كوچۇرۇش ئۇچۇن شەمسىيەلەر چاي بىرىۋاتقان رىستۇرانغا كەلدۇق. كوڭلۇمنى شۇنچە خوششال تۇتاي دىسەممۇ يۇرۇگۇم بىر خىل ئەنسىز سوقاتتى. تويدا بىر ئىش يۇز بىرىدىغاندەك. . . ھالىتىمنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. . .
قورىققان ئىش ئاخىرى يۇز بەردى. قارىي نىكاھ ئۇچۇن تەرەتدۇت قىلىپ توي ئەھلىنى ئەتراپىغا يېغىپ ئازراق ئەمىر-مەرۇپ قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقىنىدا، سورۇنغا ئايگۇل پەيدا بولدى، ئۇ قارىيغا قاراپ-
-قارىم نىكاھ ئوقىۋەرسىلە، مەن بولسام بۇگۇن خوتۇن ئالماقچى بولغان يىگىتنىڭ چوڭ خوتۇنى بولىمەن، شەرىئەتتە بىر ئەرنىڭ كوپ خوتۇنلۇق بولىشىغا يول قويىدىغۇ دەيمەن، ئوقىۋەرسىلە، -دىمەسمۇ، بېشىمدىن تۇتۇن چىقتى. نەدىن پەيدا بولدى ما شەيتان، سورۇندىكىلەر نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي بىر -بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قېلىشتى. مەن-
-يوقال كوزۇمدىن قانجۇق، -دەپ تىل سالدىم. ئەتراپىمدىكى چوڭلار. ئاتا -ئانام، قېيىن ئاتام، قېيىن ئاناملار كوزۇمگە كورۇنمىدى. ئۇنى ئۇرۇش ئۇچۇن ئېتىلدىم، باشقىلار تۇتىۋالدى. ئايگۇل قېچىشتا يوق قولىغا توي خېتىغۇ دەيمەن بىر نىمىنى ئېلىپ، -
-تىللا شاكىر، ئوبدان تىللىدىڭ. قولۇمدىكى ئىككىمىزنىڭ توي خېتى. بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئالغانتۇققۇ. توي كۇنى دادام تۇيۇقسىز كىسەل بولۇپ قېلىپ نىكاھ ئوقۇتالمىغانلا يىرىمىز بار. بولسا ئوبدان بىرنى ئۇرىۋال، ھازىرلا قايسىمىزنىڭ سېنىڭ قانۇنلۇق خوتۇنىڭ ئىكەنلىگىنى ئايرىپ قويۇش ئۇچۇن قانۇن خادىملىرى كىلىدۇ. شۇلار ئايرىپ بەرسۇن، -دىدى ۋە بىشەملىك بىلەن دادامنىڭ ئالدىغا بېرىپ-
-سىلە گۇۋاھقۇ دادا، -دىدى. قارىسام دادام قارىداپ تۇرغان يىرىدە قېتىپ قاپتۇ.
-نىكاھتىن ئاجرىشىپ بولغان تۇرساق، -ئارانلا شۇنداق دىيەلىدىم.
-قەنى شۇ نىكاھتىن ئاجرىشىش خېتى، -نومۇسسىزنىڭ يۇزى قىزارمايدىكەن. ئۇ دىگەندەك نىكاھتىن ئاجراشقانلىق ئىسپاتى قولۇمدا يوق. يۇرىتتا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئىسپاتنىمۇ ئايگۇل بىجەرگۇزگەن. دادم بىجىرىپ قويۇپتۇ دەپ ئەكىلىپ بەرگەن . ئۇنىڭ راس-يالغانلىغىمۇ نامەلۇم.
يەرگە كىرىپ كەتكىلى بولسىچۇ، ئەتراپتا كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭلار ئاۋۇپ كەتتى. دىگەندەك خەلىق ئىشلار تارمىغىدىكىلەر پەيدا بولدى. توي بۇزۇلدى. ئۇلارنىڭ ئەيتىشىچە شەمسىيە بىلەن ئىككىمىزنىڭ توي خېتى ساختا ئىكەن. راس بولغان تەقدىردىمۇ ئايگۇل بىلەن بولغان توي خېتى راس بولغىنى ئۇچۇن مەن قوش نىكاھلانغانلىق جىنايىتى ئوتكۇزگەن بولىدىكەنمەن. ئولمۇدۇم باشقا بېرى بولدۇم. تۇيۇقسىز قايسى كۇنكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى مەن بىلەن پاراڭلاشقان خادىم ئىككى ساقچى بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئەتراپقا ئوبدان سەپ-سېلىپ گۇل قىسپ تويلۇق كىيىم كەيگەن مېنى ناھايىتى تىز تونىۋالدى ۋە ئالدىمغا كېلىپ-
-شاكىر دىگەن سەنمۇ، بىز سېنى ساختا ئىسپات ياسىغان. ساختا توي خېتى بىلەن قوش نىكاھلانغان دىگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرىمىز، بۇنىڭغا قول قوي، -ئالدىمغا سونۇلغان قاغەزگە قاراپ گۇپپىدە يېقىلدىم.
ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە دوختۇردا ئىكەنلىگىمنى بىلدىم. بېشىمدا ئانام يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. كوزۇمنى ئاچقىنىمنى كورۇپ باغرىغا باستى. يىغلاي دىسەممۇ ياش چىقمىدى. ئانامنىڭ يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس. دادامنىڭ تويدىكى ھالىتى كوز ئالدىمغا كىلىپ سورىدىم-
-دادامچۇ، -ئانامنىڭ يادىغا بىر ئىش يەتكەندەك ئورنىدىن تىز تۇردى ۋە-
-ياخشىمۇ ھۇشىڭغا كەلدىڭ ئوغلۇم، داداڭغا خوش -خەۋەر يەتكۇزەي، ئۇمۇ قان بېسىمى ئورلەپ كەتتىمۇ يېتىپ قالدى ئوغلۇم ، ئەمما ئېغىر ئەمەس ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ، -دىدى، سىرىتقا ماڭدى. مەن يەنە سورىدىم-
-شەمسىيەچۇ ؟، -ئانام ھودۇقۇپ قالدى، تىزلا ئوزىنى ئوڭشىۋېلىپ-
-شەمسىيە قىزىممۇ ساق- سالامەت، -دىدىيۇ كوزلىرىدىن مارجاندەك ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى مەندىن يۇشۇرۇش ئۇچۇن ياتاق سىرتىغا تىز چىقىپ كەتتى. قارىغاندا شەمسىيەنىڭمۇ ھالى خاراپ ئىدى. يېنىمنى ئاقتۇرسام تېلىفۇنۇم يېنىمدا بار ئىكەن. روشەنگۇلگە تىلىفۇن قىلدىم.
-ئەسسالام، -روشەنگۇل تىچلىق سورىدى، جاۋاپنىڭ ئورىنىغا-
-شەمسىيەگە نىمە بولدى، -دەپ سورىدىم.
-ئەنسىرىمە ، ھۇشىڭغا كەلگەن بولساڭ ياخشى بوپتۇ مەن ھازىرلا قېشىڭغا كىرىمەن، - دەپ تىلىفۇننى قويىۋەتتى. دىگىنىدەك تىزلام كىرىپ كەلدى.
-سەن بولساڭمۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىپ تۇردۇڭ، -روشەنگۇلنىڭ بۇ گېپىدىن شەمسىيەنىڭ ھۇشسىزلىغىنى بىلدىم.
-خاتىرجەم بول شاكىر، شەمسىيەمۇ ياخشى بوپ كىتىدۇ. ئەنە ئۇمۇ قېشىڭدىكى ياتاقتا ياتىدۇ، -دەپ ياندىكى ياتاقنى كورسەتتى، ئۇنى كورۇپ كېلىش ئۇچۇن قوپماق بولدۇم . ئەپسۇس پۇت-قولۇمدا ماغدۇر يوق. قولۇمدا ئاسما. ئامال بولمىدى.
-ياتقىنىمىزغا قانچە ئۇزۇن بولدى، -سورۇدۇم.
-بىر سوتكىدىن ئاشتى، -روشەنگۇل سائىتىگە قاراپ قويۇپ جاۋاپ بەردى. مەن-
-شۇنچە ئۇزۇن ياتتىممۇ ؟ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى، - دەپ سورىدىم. روشەنگۇل-
-بولدى ، ئوبدان ئەسلىڭگە كىلىۋال. شۇ چاغدا ئاڭلىساڭمۇ كىچىكمەيسەن، - دىدى. مەن-
-تەقەززا قىلماي دەپ بەرسەڭچۇ ؟ئۇ ئىشلارنى ئۇقماي قانداقمۇ ياخشى بولالايمەن، -دەپ روشەنگۇلگە تەلمۇرىدىم. ئۇ-
-ئەمىسە قىسقىچە دەپ بىرەي، سەن ھۇشسىزلانغاندىن كېيىن شەمسىيەنىڭ دادىسى كېپىلنامە يېزىپ بىرىپ ساقچىلارنى يولغا سالدى. ئۇ ئادەمگىمۇ ئاسان چۇشمىدى. مۇناسىۋەت دائىرىسىدىكىلەرگە دەپ يۇرۇپ ھەل بولدىغۇ دەيمەن. داداڭنىڭ قان بېسىمى يۇقۇرىلىغىنى سەنمۇ بىلىسەن. ھازىر ياخشى بوپ قالدى. شەمسىيەنىمۇ سەن بىلەن بىرگە دوختۇرغا ئەكەلگەن . ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ، -دىدى. مەن ھېلىقى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىكى خادىمنىڭ ساقچىلار بىلەن بىرگە پەيدا بولىشىدىن غەيرىلىك ھىس قىلىپ روشەنگۇلدىن سورىدىم-
-ساقچىلار بىلەن بىرگە كەلگەن ھېلىقى يولداش نىمە دەپ كىلىپتۇ، -روشەنگۇل نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. مەن-
-سەندىن ئوتۇنگەن بولاي، راس گەپ قىل، -دەپ تۇرىۋالدىم.
-مۇرات دىگەن نەرسە ئادەم ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ بىزگە بەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا ئىكەن، نىمىگە ئۇنداق قىلغانلىغىنى ئۇقۇپ باقاي دىسەم تىلىفۇنى ئىتىك، ئوزىنىڭ قارىسىنىمۇ كورسەتمەيۋاتىدۇ. ساقچىلارمۇ ئىزدەۋاتىدىغۇ دەيمەن، -مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا روشەنگۇلنىڭ كوزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى. مەن ھەممىنى چۇشەندىم. شەمسىيەنىڭ كىسىلىنىڭ ساق چىققىنىمۇ يالغان . بېشىم قېيىپ كەتتى. تىلىفۇنۇم سايرىدى. تەسلىكتە ئالدىم.
-قانداق ئوغلۇم . توي كۇنى توينى بۇزسا قانداق بولىدىكەن. ھا ھا ھا، -ئايگۇلنىڭ دادىسى، بىزنىڭ شەھەر باشلىغىنىڭ ئاۋازى ئىدى. تىلىفۇن قولۇمدىن سىرغىپ چۇشتى، بېشىم يانغا ئاستا قىيسايدى. . .
14
چوڭلار، شەمسىيە، روشەنگۇللەر دىگۇدەك بېشىمدا قاراپ ئولتۇرۇشۇپتۇ، بېشىم تاشتەك چىڭقىلىپ ئاغرىپ كوزۇمنى بەك تەستە ئاچتىم. زۇۋانىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك گەپ قىلالمىدىم. ئۇلارمۇ مېنى باشتا گەپ قىلسىكەن دىدىمۇ ياكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدا مېنىڭ كەيپىياتىمنى ئوزگۇرۇپ قالمىسۇن دىدىمۇ گەپ قىلىشماي ماڭا قاراپلا ئولتۇرىشاتتى. قارىسام ھەممىسى جۇدەپ قالغاندەك. بولۇپمۇ شەمسىيەنىڭ كوزلىرى ئولتۇرۇشۇپ ئۇرۇقلاپ قالغاندەك كورۇنۇپ كوزۇمگە يىغا كەلدى.
-ھوشۇڭغا كەلگىنىڭدىن بىز خوش ئوغلۇم. ئىچىڭنى پۇشۇرما، ياراتقان ئىگەم ئاللاھ دىگەن بەندىسىنى خارلىقتا قويمايدۇ. بەلكىم بۇلار ئاللاھنىڭ بىزلەرنى سىنىشىدۇ، -ئانام شۇنداق دىگەن بولسىمۇ ماڭا كورسەتمەي دەپ يۇشۇرۇن يىغلىغىنىنى مەندىن يۇشۇرالمىدى. كوزلۇرۇمنى يۇمىۋالدىم. مۇشۇ كوزلەرنىڭ يۇمۇلىشى بىلەن تەڭ ئازاپلىرىم. ئەسلىمىلىرىم تەڭ يوقالسىكەن ئىلاھىم. . . .
بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۇرماي يوقلاپ كىرگەنلەر، ماڭا قاراۋاتقانلارغا قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي ياتقىنىمغا توت كۇن بولغىنىدا ئانامنىڭ يىغلىشى ، شەمسىيەنىڭ ئوتكۇر كوزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ، -ئانا مېنى كەچۇرۇڭلار، -دىگەن گەپنى قىلىپ ئانامنىڭ باغرىغا ئوزۇمنى تاشلاپ راسا يىغلىۋالدىم. يىغامغا ھەممە جۇر بولدى. ئىچىم ئازراق بوشىغاندەك قىلىپ تاماققىمۇ كىرىشىۋالدىم. مېنىڭ بۇ ھالىتىم ھەممىنى خوش ئەتتى. شۇندىلا ئۇلارنىڭ قولى بوشىغاندەك قىلىپ ماڭا بىرلىكتە قاراشتىن بىردىن قاراشقا باشلىدى. بۇگۇن چۇشتە شەمسىيەنىڭ ئويىدىكىلەر ئانام-داداملارغا ھاردۇق چېيى بىرىمىز دەپ ئېلىپ كىتىشتى. يېنىمدا روشەنگۇل قالدى. ئۇ چىرايىمغا راسا بىر سەپ-سېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن-
-شاكىر تەقدىرنىڭ چاخچىغى بۇنچىلىك قاتتىق بولا دىمەپتىمەن. سىلەرنىڭ پاسپورت ، ئوقۇش ئىشىڭلارنى توغرىلاپ قويدۇم، ئازراق ياخشى بولىۋېلىپ چەتئەلگە شەمسىيە بىلەن چىقىپ كېتىڭلار، -دىدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنىڭ ئارقىسىدا سېنىڭ ئىشىڭ چاتاق دىگەن مەنا بار ئىدى. مەن-
-نىمىدىن قاچىمەن روشەنگۇل. قاچقان تەقدىردىمۇ نەگە بارالايمەن. قېچىپ بىر ئومۇر سەرگەردان بولسام، ئاتا-ئانام نىمە قىلىدۇ. مەن يالغۇز ئوغۇل، -دىدىم. كوزلۇرۇمگە ياش كېلىپ باشقا گەپ قىلالمىدىم. كوزلۇرۇمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ سىرتقا قارىدىم. سىرىتتا بۇ يىلقى تۇنجى قار چۇشىۋاتاتتى. . .
-ۋاھ، ئەجەپ پەيزىغۇ، يېغىۋاتقان قارغا قاراپ كىمنى ئەسلەۋاتقانسەن شاكىر، -ھوقۇشنىڭ سايرىشىمۇ بۇنچە سەت ئاڭلانماس، نەدىن كىردى ماۋۇ ناكەس، قولىدا بىر سىۋەت گۇل كوتۇرگەن ئايگۇل ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋېتىپ شۇنداق دىدى. غەزەپ كۇچى بەدىنىمگە ماغدۇر بېغىشلاپ ئۇنىڭ كارنىيىدىن ئېلىش ئۇچۇن تۇرۇپ كەتتىم. ئەپسۇس ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىۋاتقان شەھەر باشلىغىنى كورۇپ ئوزۇمگە ھاي بەردىم. ئادەم دىگەن شۇنچە قېلىن بولىدىكەن. ئۇلار بەلكىم مېنىڭ تاماشايىمنى كورۇش ئۇچۇن كەلگەن بولسا كىرەك.
-قۇدۇللىرىمىز كورۇنمەيدىغۇ ئوغلۇم، -شەھەر باشلىغى "قۇدىلىرىمىز"دىگەن گەپنى خېلى قاملاشتۇرۇپ ئۇرغۇلۇق قىلدى. ئۇنىڭ مېنىڭ كىسىلىمدىن ئەھۋال سورىماي ئويۇمدىكىلەرنى قۇدىلىمىز دەپ ئاتىشى مېنى ئوسال قىلىش ئۇچۇن كەلگەنلىگەنى كورسىتەتتى. مەنمۇ بوش كەلمەي-
-قېيىن ئاتاملار مېھمان قىلىمىز دەپ ئېلىپ كەتكەن، -دىدىم. ئايگۇل كولۇپ كىتىپ،
-قېيىن ئاتام دىدىڭمۇ شاكىر، بىلىپ قويغىنقى سېنىڭ قانۇنلۇق قېيىن ئاتاڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ، -دەپ دادىسىنى كورسەتتى. بۇ چاغدا بىر چەتتە قاراپ تۇرغان روشەنگۇل،
-بولدى قىلساڭ بولارمىكى ئايگۇل. بۇ يەرگە كېلىشكە قانداقمۇ يۇزۇڭ چىدىغاندۇ ؟، -دەپ شەھەر باشلىغىغىمۇ بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئايگۇل،
-روشەنگۇل ، بۇ يەردە ساڭا نىمە بار. بۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشى. ياتلارنىڭ ئارلىشىشىغا بولمايدۇ، -دەپ ئازاپ ئىچىدە بۇزۇلغان نىرۋىلىرىمنى قوزغاپ قويدى. غەزىۋىم تۇتتى. ئويۇن كورۇش ئۇچۇن پەيت تاللاپ چوڭلارنىڭ يوقلىغىدىن پايدىلانغان مۇنۇ شەھەر باشلىغىنى قىزى بىلەن قوغلىدىم. ئۇلار ئەكىرگەن گۇلنى يۇلۇپ ئېلىپ،
-يوقال ئىپلاس، -دەپ ئايگۇلگە قارىتىپ ئاتتىم. شەھەر باشلىغىنىڭ چىرايى قارىداپ كەتكەن بولۇپ، ئاران تىنىپ تۇرۇپ،
-شاكىرجان بالام ئوزىڭىزگە ئازراق ھاي بىرىۋېلىشنى ئۇگۇنىۋېلىڭ. نىكالاپ ئالمىغان بولسىڭىزمۇ قانۇنلۇق ئالغان خوتۇنىڭىز تۇرۇپ باشقىلارنى ئۇستىلەپ ئالغىلىۋاتقان سىز ئىپلاسمۇ ياكى ئوز ئىرىنىڭ باشقىلارغا بۇزۇلىشىنى كورۇپ ئوزىنى قوغدىغان قىزىم ئىپلاسمۇ ؟، -دەپ سورىدى.
-ھەر ئىككىلىڭ ئىپلاس، -دىدىم مەن.
-بولىدۇ ئەمىسە ، كىمنىڭ ئىپلاسلىغىنى قانۇن ئايرىسۇن، -شەھەر باشلىغى ماڭا قانۇن ئارقىلىق قورقاق سېلىۋاتاتتى. مەن بولسام ئاللا بۇرۇن كەلمەكچى بولغان مۇدھىش كۇنلەرگە تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدىم. ئوزىنىڭ ھەيۋىسىنى كورسىتىمەن دەپ ئوزى لەت بولغان باشلىق قىزىنىڭ رەسۋالىقىغا خىجىل بولۇشتا يوق پەخىرلەنسە كىرەك. ئەپسۇس ئۇنىڭ رەسۋالىغىدىن مەن جېنىمدا ئۇنىڭ بىلەن تونۇش بولغانلىغىمدىن نومۇس قىلاتتىم. . .
قانۇنى ئاساستا ئوزۇمنى ئاقلاشقا تەسلىك قىلىدىكەن. ئادۇكاتنىڭ ئەيتىشىچە مۇراتنى تاپقان تەقدىردىمۇ ئايگۇل بىلەن ئاجراشقانلىق ئىسپاتى يالغان چىقىدىكەن ئوزۇمنى قوش نىكاھلىق بولغان جاۋاپكارلىغىمدىن قاچۇرالمايدىكەنمەن. شۇڭلاشقا مۇراتنى ئىزلەشنى قويۇپ تۇرۇپ ئاجراشقانلىق ئىسپاتىنىڭ ئىشى بىلەن دادام يۇرتقا بېرىپ كەلدى. ئەپسۇس ئىسپات قولىمىزدا بولسىمۇ خەلىق ئىشلار ئورنىدىن كوتىگى چىقمىدى. ئۇلارنىڭ ئەيتىشىچە ئايگۇل بىلەن ئىككىمىز ھازىرمۇ قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن ئىكەنمىز. ئالدىمدا ئىككى يول تۇراتتى بىرى ئايگۇل بىلەن يارىشىۋېلىش. پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى قويىۋېتىپ ئازاتلىققا چىقىش. يەنە بىرى سوتنىڭ ھوكۇمىنى كۇتۇش. بەلكىم تۇرمە ئازاۋىنى تارتىش بولسا كىرەك.
شۇنداق ئازاپلىق كۇنلەردە بىر خوش خەۋەر كەلدى. شەمسىيەدە ھەقىقەتەن ھېلىقى كىسەل يوق بولۇپ چىقتى. بىچچارە شەمسىيە مېنىڭ ھۇشۇمغا كەلمىگىنىمنى كورۇپ ئوزىنىڭ شۇنچە ئازاۋىنى يېڭىپ ماڭا قارىغان ئىكەنتۇق. توي كۇنى ئۇنىڭ بۇ مەخپىيىتى باشقىلارغا ئاشكارىلىنىپ ئۇنىڭ ئازاۋى تېخىمۇ ئاشقان بولسىمۇ ئوزىگە بولغان ئىشەنچى ئوزىنىڭ پاك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۇ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن چوڭلارنىڭ ھەمرالىغىدا مەخسۇس بەلگۇلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ ئوزىنىڭ كىسىلىنى تەكشۇرۇتكەن. تەكشۇرۇش نەتىجىسى ئۇنىڭ پاكلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىم تېخىمۇ ئاشتى، ئۇنىڭ ئۇچۇن پاكلىغىمنى ساقلاپ تۇرمىدە يېتىشقىمۇ رازى بولدۇم.
ئايگۇل پات-پات تىلىفۇن ئۇرۇپ پىسخىكامغا ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە مەن بىلەن توي قىلسىلام بارلىق ئەيىپلەش ماتىرىيالىنى قايتۇرىۋالىدىكەن. ھاتتاكى توينىڭ ئەرتىسى نىكاھدىن ئاجراشساممۇ رازى ئىكەن. ئەمما بۇنىڭغا كونمىسەم بارىدىغان جايىم تۇرمە بولىمىش.
ئادۇكاتىم ئوزىنىڭ سوتتا يىڭىشىنىڭ بەكمۇ تەسلىگىنى ئەيتىپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە مەن ئايگۇللەرنىڭ تەلىۋىگە كونمىسەم بىر يىل ئەتتىراپىدا تۇرمىگە قامالغۇدەكمەن. بەلكىم بىر يىلدىنمۇ ئۇزۇن بولىشى مۇمكىنمىش.
مېنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە كونمەسلىگىم قارشى تەرەپنى جىلە قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر ساقچىلار مېنى ئاۋارە قىلىشقا باشلىدى. كىسىلىم ساقايغان ئىكەن مەن تۇتۇپ تۇرۇلىشىم كىرەك ئىكەن. شەمسىيەنىڭ دادىسىنىڭ يۇزىمۇ چوڭ ئىكەن . ئۇلار قانچە قىلسىمۇ سوت ئېچىلغۇچە بولغان ئارلىقتا مېنى كېپىللىككە ئېلىۋالدى. قارىشىمچە ئايگۇلنىڭ ئويىدىكىلەر بىلەن بۇ باشلىقنىڭ زىدىيىتى بەك كەسكىن بولسا كىرەك. ئۇ مېنى بەزلەپ،
-خاتىرجەم بول ئوغلۇم . مەن ھايات ئىكەنمەن سېنى باشقىلارغا بۇزەك قىلدۇرمايمەن، - دەيتتى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە سوت ئېچىلغان تەقدىردىمۇ مېنىڭ ئىشىمنى توغرىلاپ قويغانمىش. بۇ گەپلەردىن كوڭلۇم ئازراق خاتىرجەم ئىدى. بىراق ئادۇكاتىمنىڭ ئەيتىشىچە قۇتۇلۇپ كىتىشىم تەسكە توختايمىش. بەزىدە ئانام يىغلاپ تۇرۇپ،
-تۇرمىگە كىرىدىغان ئىشىڭ بولسا مېنىمۇ بىرگە ئەكىر، بولمايدىكەن ئايگۇلنى بىر كۇنلۇك خوتۇن قىلساڭ نىمە يامىنى، كىيىن ئاجرىشىپ كەتسەڭ بولىدىغۇ، -دەيتتى. بەزىدە تۇرمىگە كىرىشتىن ئوزۇممۇ قورقۇپ قالاتتىم. شەمسىيەنى ئويلىسام ئىرادەم چىڭىپ قالاتتى. . . . . بەلكىم مەن شەمسىيە بىلەن ئايگۇلدىن ئىبارەت ئىككى ئائىلىنىڭ زىدىيەت چەمبىرىگى ئۇتتۇرسىغا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن. ھەر ئىككىلام تەرەپ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ ئوزى تەرەپكە چاقىرىپ ھېچ ھالىمنى قويمايتتى. سوت ئېچىلىشقىمۇ بىر كۇن قالدى. كۇتۇپ باقاي ئەتە نىمە ئىش بولىدۇ. . . . .
ھەيۋەتلىك سوت مەيدانىدا سوتقا قاتنىشىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇس ياندىكى كىچىك زال ئىكەن. كىنولاردا كورگەن سوت مەيدانىدىن ئەسەرمۇ يوق. بۇ ھالەت كوڭلۇمگە ئازراق تەسەللى بولدى. چۇنكى جىددىلىك پەسەيدى.
شەمسىيەنىڭ دادىسى ۋە ئايگۇلنىڭ دادىسى سوتقا قاتناشمىدى. شەمسىيە بىلەن روشەنگۇل گۇۋاھچى بولغىنى ئۇچۇن سوت مەيدانىغا كىرگۇزۇلمىدى. جاۋاپكار ئورنىدا مەن ئادۇكاتىم بىلەن قارشى تەرەپتە ئايگۇل ئادۇكاتى بىلەن تۇراتتى. پەستە بولسا ئانام، شەمسىيەنىڭ ئاپىسى ۋە بىر قانچە ئۇرۇق -تۇققان، دوس -بۇرادەرلەر بولۇپ ئايگۇل تەرەپتىن بىرەسى كورۇنمەيتتى.
سوت باشلانغانلىغىنى سوتچى ئىلان قىلىپ ئوتكەندىن كېيىن سوت تەرتىۋىنى چۇشەندۇرۇپ قويدى. ئالدى بىلەن ئايگۇلنىڭ ئادۇكاتى ئەرىزنامىنى ئوقۇپ ئوتكەندىن كېيىن سوتچىغا تەلىۋىنى ئەيتىپ ئوتتى،
-سوتچى ئەپەندىم بۇگۇنكى سوت ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئاددى ھەق -تەلەپ ئەنزىسى بولماستىن بەلكىم جىنايى جازا ئولچۇنىشكە لايىق قوش نىكالىق بولۇش، يالغان ئىسپات ياساش دىلوسى. مەن سوتتىن ھازىرچە سوتنى توختۇتۇپ ھازىرقىدەك كېڭەشمە سوت ئېچىشنى جىنايى ئىشلار سوتى ئېچىشقا ئوزگەرتىشنى تەلەپ قىلىمەن. بولمايدىكەن مەن خەلىق قۇرۇلتىيىغا سۇنىمەن، -دەپ ئەرىزنامىسىنى سوتچىغا يەتكۇزدى. سوتچى،
-ھازىرقى تەلەپنى مەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەردىن يوليۇرۇق ئېلىپ جاۋاپ بىرەي، - دەپ سوتنى قىسقا مۇددەت توختۇتۇپ چىقىپ كەتتى. ئادۇكاتىمنىڭ ئەيتىشىچە قارشى تەرەپنىڭ تەلىۋى يوللۇق ئىكەن. شەمسىيەنىڭ دادىسى يول مېڭىپ سوتنى مۇشۇنداق ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇغان بولۇپ، قارشى تەرەپ نارازىلىق بىلدۇرمىگەن بولسا بىزگە پايدىلىق بولاتتىكەن. ئەپسۇس قارشى تەرەپ مېنىڭ جازالىنىشىمدا چىڭ تۇرسا كىرەك.
خېلى ۋاقىت ئوتكەندىن كېيىن سوتچى قايتىپ كىرىپ نارازىلىق ئەرىزىنىڭ كۇچكە ئىگە ئىكەنلىگىنى، شۇڭلاشقا سوتنىڭ توختاپ كېيىن باشقىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىغىنى ئۇختاردى. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن ئاساستا سوت ئېچىلغۇدەك. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانام سوتنى بېشىغا كەيدى.
-ئوزىنى ئالىجاناپ كورسەتسە ئالۋاستىلىقىنى بىلمىگەن بالام. ئىسىل تونغا ئورۇنىۋالسا يالماۋۇزلىغىنى بىلمىگەن بالام. جىننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۇشكەن بالام، -ئىچىمدە كۇلگۇم كەلدى. ئانامنىڭ يىغىسىمۇ ئادەمنى كۇلدۇرىدىكەن دىسە. ئايگۇلگە قارىدىم. ئانامنى بېرىپ چېچىدىن ئالمىسۇن دىدىمۇ قېچىپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى. تويۇقسىز شەمسىيەلەر سوت مەيدانىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ .
-ئالدىراپ قاچىمەن دىمە ئايگۇل، ئوزۇڭ ئويۇننى باشلاپ قويدۇڭ. مەن ئويۇنغا پۇتۇن ئىشتىياقىم بىلەن كىرىشىپ كەتتىم. مېنى ئويۇندىن تارتىپ چىقىرىمەن دىگۇچى بولما. ئويۇن ئىككىمىز بىرىمىزنىڭ ھالاكىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. داداڭغا ئەيتىپ قويۇشنى ئۇنتىما، ئاكاڭنىڭ سوتىدا مەنمۇ بار، -دىدى. شەمسىيەنىڭ بۇنچە يامانلىشىشىنى كورۇپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇ ئايگۇلگە قورقاق سېلىۋاتاتتى. ئايگۇل شەمسىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تاتىرىپ كەتتى ۋە،
-ھېلىغۇ ئۇ ئىشلاركەن. ئولسەممۇ سىلەرنى مەخسىدىڭلەرگە يەتكۇزمەي ئولىمەن، -دەپ شەمسىيەنى ئىتتەرگىنىچە ، چىقىپ كىتىشكە ئورۇندى. شەمسىيە ئورنىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ،
-سەنغۇ ئوزۇڭنىڭ ئىت مىجەزى ئۇچۇن ھەممىنى قۇربان قىلىشقا رازىسەن. ئەمما داداڭدىن سوراپ باق. سوتقا چىقىشقا پېتىنالامدىكەن. مەن گۇۋاھچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن بىلگەنلىرىمنى سوتتا ئەيتىش ھوقۇقۇم بار. بۇگۇن سوتنى بۇزۇپ ئوزۇڭنىڭ يۇزىنى ساقلاپ قالدىڭ، ئەپسۇس كېيىنكى سوتتا يۇز كىرەك بولمايدىغان ئوزۇڭگە يۇز-ئابروينى دەپ بالىلىرىنى ساتالايدىغان داداڭنى بىرگە ئېلىپ كىلەرسەن، -دىدى ۋە ئايگۇلنى ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ دىگەندەك يول بىكارلىدى. ئايگۇل تۇنجى قېتىم قورىققاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ مىجەزىچە بولدى قىلىش دىگەننى ، يول قويۇش دىگەننى بىلمەيتتى. شەمسىيە يول بەرگىنىدىن كېيىن بېشىنى يوگىگىنىچە سوت زالىدىن يۇگرۇپ چىقىپ كەتتى.
شەمسىيەگە بولغان قىزىقىشىم ئاشتى. ئۇنىڭ ئايگۇلنى قورقاتقۇدەك بىلىدىغان ئىشلىرى نىمىدۇ ؟
شەمسيەنىڭ ئويىگە قايتىپ كەلدۇق. ئۇنىڭ دادىسى ئويىدە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. سوتتا بولغان ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە شەمسىيەگە قاراپ،
-قىزىم ئوزۇڭنى تۇتىۋال، باشقىلارنىڭ ئەيىۋېنى ئېچىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئوزۇڭگىمۇ سەت بولىدۇ. چۇشەنمىگەنلەر سېنىمۇ خاتا چۇشىنىدۇ. ئىشلارنى ماڭا قويۇپ بەر. ئوزۇم ھەل قىلىمەن، -دەپ ماڭا بۇرۇلدى ۋە،
-ئوغلۇم سەۋىر قىلغىن، ئىشلىرىڭنى چوقۇم ئوڭشايمەن. سوتنىڭ بوزىلغىنىمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولۇپتۇ. بەلكىم مۇشۇ جەرياندا بىرە ئىسپات تېپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپ تۇراتتى ئويگە ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى. بەرىمىز قاراپلا تۇرۇپ قېلىپتۇق. ئۇلاردىن بىرى،
-شاكىر دىگىنىڭلار قايسىڭلار، -دەپ سورىدى.
-مەن، -دىدىم ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئوتتۇم.
-قانۇن بويىچە سېنى تۇتۇپ تۇرىمىز، مانا بۇ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش تەستىغى. قول قوي، -سونۇلغان قەغەزنى تەسلىكتە ئالدىم. تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن قول قويدۇم. ئويدىن يىغا ئاۋازى كوتۇرۇلدى.
قىشتىكى سوغۇقنى كورىمەن دەيدىكەنسەن تۇتۇپ تورۇش ئورنىغا كىرسەڭ بولىدىكەن. جاننى ئالغۇدەك سوغۇق پۇتۇن بەدىنىمنى ئورىۋالدى. ھازىر دىگەن 10- ئاي. 1- ئاي كىرسە قانداق بولىدىغاندۇ. سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئوزۇمنىڭ ھالىنى ئويلاشقىمۇ چولام يوق. مەندەك جەنۇپتا ئىسسىق ئويدە ئارزۇلۇق چوڭ بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. بۇ جەرياندا بىر قانچە قېتىم سوراققا ئەچىقىلدىم. قارىسام ساقچىلارنىڭ مەخسىدى قوش نىكالانغانلىغىمنى ئىسپاتلاش بولسا كىرەك. ئۇلار سورايتتى، -نىمە دەپ ئايگۇل بىلەن ئاجراشماي تۇرۇپ شەمسىيە بىلەن توي قىلدىڭ، سېنىڭ ئايگۇل بىلەن ئاجراشمىغانلىغىڭنى شەمسىيە بىلەمدۇ ، -دىگەندەك گەپلەرنى. مەن ، -ئايگۇل بىلەن ئاجراشقان ، ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئايگۇل ئوزى بىجىرىپتىكەن، -دەيتتىم. ساقچىلارنىڭ ئەيتىشىچە ئايگۇل ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرمەپتۇدەك. مېنىڭ ئاجرىشىش تەلىۋېنى قويغۇنۇممۇ يالغانمىش. ئاجراشماقچى بولغان ئادەم نىمە ئۇچۇن بىرگە بېرىپ رەسمىيەت بىجىرمىگەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئەرىز قىلىپتۇدەك. بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولۇپ شەھەر باشلىغىمۇ ئىسپات يېزىپ بەرگەنمىش. شۇڭلاشقا جىنايىتىمنى يىنىكلىتىش ئۇچۇن ئىقرار قىلىشىم كىرەككەن. چۇنكى جىنايىتىمنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق. ئاجرىشىش خېتىنى مېنىڭ يالغاندىن ياسىغانلىغىم، يالغاندىن دوختۇرنىڭ تەكشۇرۇش ئىسپاتىنى ياسىغانلىغىم. يالغان توي خېتى بىلەن قوش نىكاھلىق بولماقچى بولغانلىغىم. ئىشقىلىپ جىنايىتىم كوپ ئىكەن. كېيىنچە سوراقتا گەپ قىلماي ئولتۇرىۋالدىم. ئۇلارنىڭ سۇئالىغا ئادۇكاتىم جاۋاپ بەرسۇن دەپ سۇكۇت قىلدىم. كۇنلەر ئوتمەكتە. ساقچىلار ئىسپات ئېلىشنى توختاتمىدى. بىراق سوراق جاۋاپسىز. . . .
دۇگدۇيۇپ سوغۇقتىن ساقلىنىۋاتقان بىر كۇنى مەن ياتقان كامىرغا بىرى ئەكىرىلدى. ئۇنىڭ تەلەتى شۇنچە قورقۇنۇشلۇق بولۇپ ئېھتىمال جاھان كەزدىلەردىن بولسا كىرەك. تەلەتىدىن ياخشى ئادەم ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ياتاققا كىرىپ ياتاقتىكىلەرگە ئوبدان بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ،
-شاكىر دىگەن سەنغۇ دەيمەن، -دەپ سورىدى. مەن،
-شۇنداق. بىرە ئىشىڭ بارمىتتى، -دەپ سورىدىم. ئۇ،
-ئىشىم بار. ئىشىم بولمىسا مەن بۇ يەردە بولمايتتىم، كىچىچە بىلىپ قالىسەن، -دەپ جاۋاپمۇ كۇتمەي ئوز ئورنىغا چۇمكەلدى. كوڭلۇمنى ئازراق قورقۇنۇچ باستى.
كىچە، سوغۇقتىن ئۇخلىيالماي ئۇيان -بۇيان ئورىلىپ ياتاتتىم. بىرى كاسامغا قاتتىق بىرنى تەپتى. چوچۇپ قوپۇپ كىتىپتىمەن. قارىسام يېڭى كىرگەن جىنايەتچىكەن.
-نىمە قىلىۋاتىسەن، -ئۇنىڭغا گولەيدىم.
-نىمە قىلاتتىم. پۇل ئۇچۇن سېنىڭ جاجاڭنى بىرىۋاتىمەن، -يۇزۇمگە تەككەن مۇشنىڭ تەسىرىدىن ئۇچۇپ چۇشتۇم. كەينى-كەينىدىن تېپىك مۇشلارغا كومۇلۇپ كەتتىم. يۇز-كوزۇمدىن قان قۇيۇلۇشقا باشلىدى. تىنىم ئاجىز بولغاچقا ھۇشسىزلانغىنىمنى بىلمەي قېلىپتىمەن.
تاياق يەپ خوش بولغاننى كورگەنمۇ ؟. مانا مەن تاياق يەپ خوش بولدۇم. سوغۇقتىن قۇتۇلدۇم. كېپىللىك بىلەن دوختۇرغا كورىنىشكە قايتۇرۇلدۇم. ئوزۇم كورۇشنى ئىزلىگەن شەمسىيە، ئانام -دادام، روشەنگۇل ۋە باشقىلار بىلەن كورۇشتۇم. تاياقتىن بىر قانچە يېرىم يېرىلغان بولسىمۇ بۇ يېرىلغان جايلار ساقايمىسا شۇنچە خوشمەن.
كۇنلەرنىڭ ئوتىشى بىلەن ئانامنىڭ يىغىسى، شەمسىيەنىڭ يۇشۇرۇن يىغىسى، باشقىلارنىڭ تەسەللىسى مېنى ھارغۇزىۋەتتى. ھەددىدىن ئۇشۇق كويۇنىشمۇ ئەكىس تەسىر بىرىدىكەن. تۇرمىدىكى ئازاپتىن قۇتۇلغان بولساممۇ ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ ئازاپلىنىشى مېنى ئازاپلاپ دوختۇرغا دەسلەپ كىرگەن چېغىمدىكى خوشلۇقنى يوق قىلدى. يەنە خىيالچان بولۇپ قالدىم. ھالەت ئوزگۇرىشى شەمسىيەنىڭ سىزىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپتۇ. ئۇ بىر كۇنى،
-شاكىر چۇشكۇنلىشىپ كىتىۋاتامسەن. ئوزۇڭنى تۇتىۋال. سېنىڭ ئازاۋىڭ مېنىڭ ئازاۋىم. سەن بىلمەكچى بولغان نۇرغۇن سىرلار بار. بۇ سىرلارنى ساڭا ئەيتىشقا شۇنچە ئالدىرىساممۇ ئەيتىشقا ئامالسىزمەن. بۇنى ساڭا دىدىممۇ بۇ ئىشلار سىر بولماي قالىدۇدە-شەھەر باشلىغىغا سالىدىغان بېسىمىم يوقايدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا ساڭا قارا قولىنى سالغىنى سالغان. شۇڭلاشقا توي كۇنىگىچە سەۋىر قىل. مېنىڭ مۇشۇ تەھدىدىم بولىدىكەن. ئۇلار ساڭا زىيانكەشلىك قىللالمايدۇ. سوتتىن ئەرىزىنى قايتۇرىۋېلىشقا مەجبۇردۇر، -دىدى. مەن ئۇنسىز ئاڭلاپ بوي سۇندۇم.
پات -پات ساقچىلار دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىسپات ئالاتتى. ئۇلارنىڭ ئەيتىشىچە مېنى ئۇرغان ھېلىقى گۇي بىرە نەرسە ئىقرار قىلماپتۇ. مېنىڭ ئالدىمدا پۇل ئۇچۇن دىگەن بولسا ساقچىلارغا توڭۇپ كېتىپ ئىسىنىش ئۇچۇن چېنىقتىم دىگۇدەك. توۋۋە، توڭلاپ كەتسە ئادەم ئۇرۇپ ئىسسىنىدىغان ئىشنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. ئۇ پۇل ئېلىپ مېنى ئۇرۇش ئۇچۇن تۇرمىگە كىرگەن تەقدىردىمۇ، مېنىڭچە ئايگۇل ياكى دادىسى بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئىقرارىنىڭ مېنىڭ ئەنزەمگە پايدىسى تەكمىكى تەس. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقماس بولدۇم.
ئانام ئارلىقتا ئايگۇلنى ئىزلەپ بېرىپ مېنى قويىۋېتىشنى ئوتۇنگەن چېغى. ئايگۇل يىغلاپ ئوزىنى ئاقلاپتۇدەك. ئۇنىڭ دىيىشىچە مېنى بەكلام ياخشى كورگەچكە شۇنداق قىلغانمىش. پۇتۇن ئەس-يادى مېنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشمىش. مەن بىلەن توي قىلاللىسىلام خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ئانام-داداملارنىڭ خىزمىتىدە بولارمىش. ئانام ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىرىپ كىتىپتۇ. ئۇ ياش توكۇپ تۇرۇپ ماڭا،
-جېنىم پارەم . سېنىڭ بۇنچە ئازاپ تارتىشىڭغا چىدىمىدىم. ئايگۇل بىلەن كورۇشتۇم، -دىيىشىگە،
-ئانا مەيدانىڭ بارمۇ سېنىڭ. ئوغلۇڭنىڭ شۇنچە ئازاپ چىكىشىگە سەۋەپچى بولغان ئاشۇ ناكەس بىلەن نىمە دەپ كورىشىسەن، -دىدىم. ئانام
-مەن چىدىمىدىم بالام. ئايگۇلمۇ بىر مۇھاببەت قۇربانى. ياخشى كورۇش ئادەمنى شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىمۇ كەچۇرىۋەتسەڭ نىم بولار. توي قىلىپ بولۇپ يېنىشىۋالساڭ بولىدىغۇ، بىر قېتىم نىكالانغان دەپ يۇزۇڭ توكۇلگىلى سەن يا بىر قىز بالا بولمىساڭ، -دەپ ئوزىنى ماڭا ئېتىپ يىغلاپ كەتتى، نىمۇمۇ دىيەلەيمەن. ئۇ بىر ئانىغۇ ، ئوز يۇرەك باغرىنىڭ ئازاۋىغا قانداقمۇ چىدىسۇن. ئۇنى توغرا چۇشەندىم.
تۇرمىدىن چىقىپ ئەتىسىلا روشەنگۇل يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ نەلەرگە كەتكىنىنى شەمسىيەمۇ بىلمەيدىكەن. شەمسىيەنىڭ ئەيتىشىچە ، ئۇ-مېنى قۇتقۇزىشنىڭ يولىنى ئىزلەپ كىتىپ قالغانمىش. يارام ساقىيىپ قېلىۋاتاتتى. ئەگەرچەندە يەنە يېڭى ئىسپات تاپالمىساق مېنى يەنە ئەكىرىپ كىتىمىش. كۇتۇش باشلاندى. ئوزۇمنىڭ نەگە بېرىپ نەلەردە توختايدىغىنىمنى بىلمەي كۇتۇشكە مەجبۇر بولماقتا ئىدىم، تۇيۇقسىز بىر كۇنى روشەنگۇلدىن تىلىفۇن كىلىپ قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
-بارمۇيا سەن جىن، ئادەمنى تولا تەقەززا قىلما، -سالام سائەتتىن كېيىن ئۇنى سېغىنغىنىمنى شۇنداقلا ئىپادىلىدىم.
-يەنە بىر تىللىغىنە، -روشەنگۇل ئەركىلىدى.
-بولدى قىلە، نەگە يوقالدىڭ، -ئۇنىڭ جاۋابىغا تەقەززا ئىدىم.
-يوقالمىدىم. ئوزلىرى ئۇچۇن، ۋىسالىغا يىتەلمەيدىغان سويگۇ ئۇچۇن سەرسانلىقتا گوھەر تاپتىم، -روشەنگۇلنىڭ سويگۇ توغرىلىق گەپلەرنى قىلغىنىدا يۇرىگىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشتى. ئەپسۇس ئېچىشقان يۇرەكنى بىرگىلەم بەرگىلى بولاتتى. ئىككىنجى بىرى سىغمايتتى.
-رەخمەت. نەتىجىنىلا دىگىن، -دىدىم.
-بولىدۇ غۇجام. نەتىجىنى دەي. تۇرمىگە چۇشمەيدىغان بولدۇڭ، -سوزىنىڭ داۋامىغا تەقەززا بولۇپ ساقلىدىم. سادا يوق. يەنە سورىدىم،
-ئادەمنى تولا ساراڭ تاپماي، نىمە قىلغانلىغىڭنى ئەيتە.
-ھى ھى ھى قانداق. تەقەززا قىلسا قانداق بولىدىكەن. مەن ھازىر چەتئەلدەت. مۇرات بىلەن بىرگە تۇرۇپ تىلىفۇن قىلىۋاتىمەن. ئىشلىرىڭنى پۇتتى دىسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرقى مۇھىم مەسىلە يۇرتقا بىر بېرىشقا توغرا كىلىدۇ، -روشەنگۇل جىددى بىر ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئوخشايدۇ، يەنە قوشۇپ،
-بۇ بەك مۇھىم ئىش، چوقۇم تىز بولمىساق بولمايدۇ، -دىدى.
-بولىدۇ . مەن باراي دىسەم نازارەت ئاستىدا تۇرىۋاتىمەن. دادام بارسا قانداق، -دىدىم.
-بولمايدۇ، داداڭنى يۇرتتىكىلەرنىڭ بەرى تونىيدۇ. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويىدۇ. شەمسىيەنى ئەۋەرتسەڭ بولارمىكى، ئۇنىڭ يۇرتتا تۇرغان ۋاختى قىسقا، تونىيدىغانلارمۇ ئاز، -روشەنگۇل شەمسىيەنىڭ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن بوي سۇنماق ماڭا ئەۋزەل.
-بولىدۇ. بېرىپ نىمە قىلىدۇ، -دىدىم.
-مەخپى بارسۇن. بېرىپ مۇراتنىڭ ئانىسى بىلەن كورۇشۇپ مۇرات ساقلاشقا بىرىپ قويغان ئامانەتنى قايتۇرۇپ ئەكەلسە بولىدۇ، مۇرات ئانىسىغا تىلىفۇندا ئەيتىپ قويدى ، بەك دىققەت قىلسۇن. ئايگۇللەردىن ئېھتىيات قىلغىنى ياخشى. تىلىفۇندا كوپ گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. شەمسىيە يۇرتتتىن قايتىپ بولغىچە مەنمۇ يېنىڭدا ئۇنۇپ بولىمەن، خوش ئاللاغا ئامانەت.
-ۋەي تىلىفۇننى قويىۋەتمە، -نىمە ئىشلىغىنى سوراي دىسەم ئۇ تىلىفۇننى قويىۋەتتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئايگۇللەرنىڭ قۇيرىغىدىن تۇتىۋالىدىغان بىرە ئىسپات تاپقاندەك قىلاتتى. ئىشلارنىڭ جىددىلىگىنى كوزدە تۇتۇپ شەمسىيەنى بۇگۇن كەچكى ئايروپىلان بىلەن يۇرىتقا يولغا سالدىم. بىراق شەمسىيەنىڭ بىخەتەرلىگىدىن ئەنسىرەپ كىچىچە تونەپ چىقتىم. ئەتىسى ئەتتىگەن شەمسىيەدىن تىلىفۇن كەلدى.
-ئەسسالام.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ساق-سالامەتتۇرسەن، -ئەنسىرگىنىمنى ئۇدۇللۇق دىدىم.
-ۋاي ساق. خاتىرجەم بول. ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. چۇشتىن كېيىنگىچە يىتىپ بارىمەن، شەمسىيە ساق تۇرسىلا مەن خاتىرجەم ئىدىم.
-بولىدۇ ئۇنداقتا، ئوزۇڭنى كوپ ئاسرا، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، -شۇنداق دىدىميۇ كوزلىرىمدىن ياش تامچىلىدى.
-يىغلاۋاتامسەن شاكىر، بولدى ئۇنداق قىلما، ئىشلار چوقۇم ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ، -شەمسىيەنىڭ يۇرىگى يىغامنى سەزگەن ئىدى. كوزلىرىمدىن ئاققان ياش ئۇنىڭ يۇرىگىگە تامچىلاپتۇ. بەلكىم ئۇمۇ يىغلاۋاتقان بوسا كىرەك.
-سېنىمۇ ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ئوزۇڭنى ئاسرا، ھېلى كورىشەيلى، -تىلىفۇن قويىۋېتىلدى. كوزلىرىمدە ياش توختايدىغاندەك ئەمەس. ئانام يىغلاۋاتقانلىغىمنى كورۇپ شەمسىيەدىن ئەنسىرگەن چېغى،
-ئوغلۇم ئادەمنى ئەنسىرەتمەي دىگىنە شەمسىيەگە بىر ئىش بولمىغاندۇ، -دەپ سورىدى.
-ياق ئانا . ئۇ ساق-سالامەتكەن، سىلەرنى بۇنچە ئاۋارە قىلغىنىمدىن كوڭلۇم بۇزۇلۇپ يىغلۇغۇم كەلدى، -ياشلىرىمنى سۇرتۇش ئۇچۇن قول ئۇزاتقان ئانامنىڭ باغرىغا ئوزۇمنى ئاتتىم. ئىللىق بىر ماكان ياشلىرىمنى ئوزىگە سىڭدۇرۇپ كەتمەكتە. مەن ئۇچۇن ئىزتىراپ چىكىۋاتقان ئانام، دادام، شەمسىيە، روشەنگۇل، شەمسىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى كوڭۇل ئىكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئوتمەكتە. . . .
شەمسىيە بىلەن روشەنگۇلنى بىرگە كىلىدۇ دەپ خىيال قىلمىغان ئىكەنمەن. ئىككىسىنىڭ ئىشىكتىن بىرگە كىرىۋاتقانلىغىنى كورۇپ كوزلىرىمگە ئىشەنمەيلام قالدىم. كوزلىرىمنى ئۇۋلاپ باقتىم راسلا ئۇ ئىككىسى ئالدىمدا قاراپ تۇراتتى.
-ئاللا ئاللا ئادەمنى بۇنچە خوش ئىتىشنى نەدىن ئوگەنگەنسىلەر، -سالام سائەتنى ئۇنتۇدۇم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېھمان بىلەن مۇنداق كورىشىدۇ، -ئىككىسى تەڭلام سالام قىلدى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، -تەقەززالىقتا ئۇنتىغان سالامنى قايتۇردۇم. ۋە،
-نەلەردە تېپىشىپ قالغانسىلە، ئادەمنى زەپمۇ خوش قىلدىڭلارغۇ، - دىدىم.
-دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا ئىككىمىز تەڭلا تاكسىدىن چۇشۇپتۇق. بىر ئايدىرومدىن ئىككى تاكسى بىلەن كىرىپتۇق دىسە، -شەمسىيە شۇنداق دىگەن ئىدى روشەنگۇل ئۇلاپلا ،
-شۇنى دىسە، مەن خەلىقارا ئايرىپورت، شەمسىيە دولەت ئىچى بولمىغان بولسا ئايدىرومدىلا ئۇچراشقان بولاتكەنمىز، -دىدى.
-ئاللاغا شۇكرى ئىككىڭلارنى كورۇپ بەك خۇرسەن بولدۇم. سەن روشەنگۇل ئالدى بىلەن دىگىنە . نىمە خوش -خەۋىرىڭ بار ، -دىدىم.
-ئالدى بىلەن ئى يەل- يىمىشلىرىڭدىن ئالە ئازراق يەۋالاي. يۇرتۇمنىڭ بۇ يىمىشلىرىنى ھېچ نىمىگە تەڭ قىلمايمەن دىسە، -روشەنگۇل ئادەمنى تەقەززا قىلىشنى نەدىن ئوگەنگەندۇ، چىنىگەن يامانمۇ؟، سالغانمۇ؟ دىگەندەك ئىش قىلىۋاتاتتى.
-يەپ ئۇلگۇرىسەن جانىم، بۇ نەرسىلەر بىر يەرگە قېچىپ كىتەمتى. بىر دىگىنە. زادى نىمە ئىشلارنى قىلىپ كەلدىڭ، -دىدىم.
-جانىم دەپ شەمسىيەنىڭ دۇشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويما كىشىنى. شەمسىيەنىڭ يۇرىگى پارتلاپ كەتمىسۇن ھېلى، -روشەنگۇل چېقىشىپ شەمسىيەنىڭ بېقىنىنى قىچىقلاپ قويدى. شەمسىيە كۇلۇپ كىتىپ،
-نىمىگە ئاچچىغىم كىلەتتى، بۇ بىر يىغلاڭغۇ تۇرسا. قولىدىن نىمە كىلىدۇ. بولمىسا ئىككىمىزنى بىرگە ئەمرىگە ئېلىۋالغان بولماسمىدى، -دىدى. ئۇنىڭ چاقچىغىغا ھەيران قالدىم. بەلكىم كوڭلۇمنى خوش ئىتىشنى ئىزلەۋاتقان بولسا كىرەك.
-شەمسىيە ئەكەلگەن نەرسەڭنى چىقار، -روشەنگۇل ئەسلى مەخسەتكە يوتكەلدى. شەمسىيە سومكىسىدىن تېلىفۇنغا چۇشىدىغان ئۇزەكتىن بىرنى چىقىرىپ،
-مانا مۇشۇنى بەردى، -دەپ روشەنگۇلگە سۇندى. روشەنگۇل ئوزەكنى قولىغا ئېلىپ،
-مانا مۇشۇ بولسا مۇراتنىڭ شەھەر باشلىغىنىڭ قىستىشى بىلەن سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ، -دەپ ئوزەكنى ئوز تىلىفۇنىغا سالدى. تېلىفۇندىن ئىككى كىشىنىڭ سوزلەشكەنلىك ئاۋازى ياندى.
-قانداق مۇراتجان، تۇرمىدە ياتقۇڭلار يوقتۇ، -تەھدىد سوزى قىلىۋاتقىنى شەھەر باشلىغىنىڭ ئاۋازىدەك قىلاتتى.
-مېنى قۇتقۇزىۋالسىلا ، بىر ئومۇر سىلىنىڭ ئات-ئىشەكلىرى بولىشقا رازىمەن، -بۇ مۇراتنىڭ سوزىدەك قىلاتتى.
-ئات ئىشەك ئورنىدا ئىشلىمىسەڭلىمۇ بولار، بىراق مەن دىگەن ئىشلارنى چوقۇم قىلمىساڭلار بولمايدۇ. ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرىڭلارنى مەن تولىۋەتەي. ج خ ئورنىدىكىلەرگە دەپ قىلمىشىڭلارنى سۇرۇشتە قىلماسلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئۇرۇمچىگە بېرىپ ئىش پۇتكەندە چەتئەلگە چىقىپ كېتىڭلار، پاسپورتىڭلارنى، چەتئەلدە خەجلەيدىغان پۇللىرىڭلارنى تەقلەپ قويدۇم، خاتىرجەم ئوقۇپ كىرىڭلار، -روشەنگۇل ئاۋازنى ئوچەردى.
-مانا بۇلار شەھەر باشلىغى بىلەن مۇراتنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرىنىڭ بىر قىسمى. بۇ ئاۋازلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئىپلاسلىغىنى ئىسپاتلاشنىڭ دەلىلى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ مۇراتنىڭ چەتئەلدىن كىرگىلى ئونىمىغىنى يامان بولدى. ئۇ شەھەر باشلىغىدىن بەك قورقىدىكەن. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە ئۇ قىمارغا كونۇپ قېلىپ ئومۇمنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى ئۇتتۇرىۋاتقان چېغى. دوختۇردا ئومۇمنىڭ پۇلى نىمە قىلىدۇ دەپ ھەيران قالماڭلار، ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىسى شوبە دوختۇرخانا ئېچىپ مۇرات مەسئۇل بولۇپ ئىككى ئاي تۇرغان ئىكەن . شۇ جەرياندا ئۇتتۇرۇپتۇ. شوبىدە چۇشكەن پۇلنى چوڭ دوختۇرخانا مالىيەسىگە تاپشۇرغىچە قىسمەن پۇلنى ئايرىۋېلىپ ئويناپتۇ. ئوينىغانسىرى ئۇتتۇرۇپتۇ. ئۇتتۇرغانسىرى ئويناپتۇ. دورىلارنى ئامباردىن ئۇتتۇرلۇق ئەكەلگەچكە بۇ ئىش بايقالغاندا نۇرغۇن دورا پۇلى كام. مۇراتتا تولىگۇدەك ئقتىدار بولمىغاچقا قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلنىپتۇ. بايا ئاڭلىغىنىڭلىدەك باشلىق پۇلنى تولىۋېتىپ مۇراتنى سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۇچۇن ئەۋەتكەن ئىكەن. مۇرات نىمىنى ئويلىدى بىلمەيدىكەن . باشلىق بىلەن قىلىشقان گەپلىرىنى تىلىفۇنىغا كىرگۇزىۋېلىپ ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالسام ئەسقاتا دىگەن ئىدىم دەيدۇ، -روشەنگۇل شۇنچىلىك دىدى. مەن،
-مۇراتنى قانداق تېپىپ، بۇ گەپلەرنى قانداق دىگۇزدۇڭ، -دەپ سورىدىم.
-تۇيىقسىز مۇرات ئوزى تىلىفۇن قىلىپ قالدى. ئۇ قىلغانلىرىدىن كوپ پۇشايمان قىلىپتۇ. سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى بىلمەكچى ئىكەن. راسا تىللىدىم. ئۇ تىلىفۇننى قويىۋەتتى. تىلىفۇن قىلغان ئورۇننى سۇرۇشتە قىلسام. مەلۇم دولەت بولۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن دادامنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ سودا شىرىكلىرى ئارقىلىق ئورنىنى ئىنىقلاپ ئىزلەپ باردىم. باشتا ئەيتقىلى ئۇنىمىدى. كېيىن ئەركىلەپ ، قورقۇتۇپ دىگەندەك ئېغزىدىن گەپ ئالدىم، -روشەنگۇلگە مەسلىگۇم كېلىپ،
-قانداق ئەركىلەپ، قانداق قورقۇتتۇڭ، -دەپ سورىدىم.
-قانداق بولاتتى، ئىزلەپ بارغىنىمدا دادامنىڭ تونىشلىرىدىن بىر قانچىنى ئېلىۋالدىم . ئۇلارنىڭ كاتتىلىغىنى، نوچىلىغىنى مۇراتقا كورسۇتۇپ قويدۇم. گېپىمگە كىرمىسە بۇ دولەتتە تۇرىشىنىڭ تەسلىگىنى بىلسۇن دىدىم. ئەركىلەشكە كەلسەڭ قانداق بولاتتى. بەزىدە ساڭا ئەركىلىگەندەك. خۇددى مۇراتنى ياخشى كورۇپ قالغاندەك ئوزۇمنى كورسەتتىم شۇ، -ئەپسۇس بۇ قىز رازۋىتچىك بولاپ قالماپتۇ، بولمىسا ئىش باركەنتۇق.
-مۇنۇ تىلىفۇنغا ئېلىنغان نەرسىلەر بىلەن شەھەر باشلىغىنى يېقىتقىلى بولارمۇ، -خاتىرجەم بولالماي سورىدىم.
-بۇنىڭدا ئىسپاتلاش تەس. مۇرات ئىسپاتمۇ يېزىپ بەردى. ئۇ ئىسپاتلاردىمۇ تەس. ئەمما شەھەر باشلىغىنىڭ يېقىلاي دەپ قالغان پور كوتەكلىگىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. دادم نۇرغۇن ئىسپاتلارنى كورسەتتى. دادامنىڭ ئەيتىشىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئورنىدىكىلەر بۇ باشلىقنىڭ پارىخورلۇق، ئىستىلىنىڭ بۇزىلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى ئىنىقلاپ بولاپتۇدەك، دادام قولىدىكى ئىسپاتلارنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ. بۇگۇن-ئەتە ئىچىدە ئۇنىڭ يېقىلغانلىغىنى كورگىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق چاغدا قولىمىزدىكى ئىسپاتنى يۇقۇرىغا تاپشۇرساق قانداق بولار، -روشەنگۇلنىڭ گېپىدىن قەلبىم يۇرۇپ كەتتى. ھەر نىمە بولسا شۇ سوغۇق كامىرغا كىرمەسلىگىم مۇمكىن . . .
-روشەنگۇل سېنىڭ مۇشۇ قىلغانلىرىڭ ئۇچۇن قانداق رەھمەت ئەيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، -شەمسىيە روشەنگۇلگە شۇنداق دىدى، روشەنگۇل،
-نىمە دەپ رەھمەت ئەيتاتتىڭ، شاكىرغا مېنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرساڭلا بولدى، ھى ھى ھى، -ئۇنىڭ كۇلكىسى شۇنچە تەبىئى ئاڭلانماقتا، شەمسىيە ئۇنىڭ كۇلكىسىگە قىزىرىپ تۇرۇپ جور بولدى ۋە،
-بۇنى مەندىن ئەمەس شاكىردىن سورا، جۇرئىتى بارمىكىن، -دىدى. روشەنگۇل ئەركىلەپ ئالدىمغا كەلدى كولۇپ تورۇپ،
-شاكىرجااااااااااااااااااااااان، -دەپ شىتىلە قىلىپ تۇرىۋالدى، مەن،
-بولدى قىلە جىن ، جىنلىغىڭنى شەمسىيەگىمۇ يۇقتۇرۇپ بولۇپسەن، -دىسەم ئىككىلىسى تەڭلا،
-شۇنداقمۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ ؟، ھى ھى ھى. . ، -دەپ كولۇشۇپ كەتتى. خاپىلىقنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇدۇق. تۇگىدى
تەستىقلاش -تەستىقلىماس ئىشى باشقۇرغۇچىلاردا قالدى
ئەسلى ئاپتۇرى توردۇنياسىدىن سادا 0903
مەنبە: باس باس تورى
تەستىقلاش -تەستىقلىماس ئىشى باشقۇرغۇچىلاردا قالدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-17 18:42
|
|