- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-27
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 67سائەت
- جۇغلانما
- 2967
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 420
- تېما
- 190
- توردا
- 67سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 10
- يازما
- 420
- تېما
- 190
|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئەل رايى قۇرلۇشىنىڭ يەنە بىر تىپىك نامايەندىسى سۈپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى باغچىلارنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئارام كۈنلىرىگە قۇلايلىقلار ئېلىپ كېلىندى.كىشىلەرنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچىپ خۇشاللىققا تولدى.بۇ ئەلۋەتتە مەمنين بولۇشقا،خۇشاللىنىشقا تېگىشلىك ئىش،ئەمما ،مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ كۆرمەي بولمايدۇ.ئۇ بولسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەردىكى باغچىلارنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە بولغان تونۇش مەسلىسى.
ئۈرۈمچىدىكى باغچىلار ھەقسىز ئېچىۋېتىلىگەندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ باغچىلارنىڭ رەڭگى-رۇخسارىدىن قانغۇچە-تاماشا قىلىدى.ھوزۇرلاندى.بولۇپمۇ ياز پەسلىدە ئىسىسىق شەھەر ھاۋاسىنىڭ ھارارەتلىك دىمىق تەپتىدىن بۇ باغچىلار شەھەر ئاھالىلىرىگە كۆڭۈلدىكىدەك سايىدايدىغان،سالقىندايدىغان ياخشى سورۇن،ئارامگاھقا ئايلاندى.يازدىكى بايرام مەزگىللىرىدىمۇ ئادەملەر مىغىلداپ كېتىپتۇ،نېمىشىقىكىن،مەن ئەنە شۇنداق چاغلاردا باغچا ئىچىدىكى يول بويى ۋە چىمىلىقلاغا تۈرلۈك مېنىرال سۇ بوتۇلكىلرىنىڭ،سۇلياۋ(يالتىراق)خالتىلارنىڭ،مېۋە شۆپەكلىرىنىڭ،گېزىت پارچىلىرىنىڭ....تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ قالىمەن،تېخى،(چىملىقىنى دەسىسىمەڭ،ئوت چۆپلەرنى چەيلىمەڭ)دېگەن خەتلەر يېزىلغان تەشۋىقات-ئاگاھلاندۇرۇش تاختايلىرى تىكلەپ قويۇلسىمۇ،بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ چىملىقتا ئوپچە ئولتۇرۇپ قارتا ئويناۋاتقانلىقىنى،سورۇن تۈزگەنلىكىنى،سۇنايلىنىپ يېتىۋالغانلىقىنى،سورۇن تۈزگەنلىكىنى،سۇنايلىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى،ئاستىغا گېزىتنى قويۇپ، ئايقىنى سېلىۋېتىپ،بەخىرامان پۇتنى سۇنۇپ ئولتۇرغانلىقىنى...كۆپ كۆردۈم.يەنە ئۇشىشاق بالىلار چىملىقتا يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتقان،بەزى گۈللەرنىڭ بەرگىلىرىنى ئۈزۈۋېلىۋاتقان.ئۇلارنى (ھاي)دەيدىغان ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ،دەپمۇ ئويلاپ قالىدۇ كىشى.(بۇ شارقىراتمىنىڭ يېنىغا كەلمەڭ،خەتەرلىك)دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىيىغا پەرۋا قىلماي،شارقىراتمىنىڭ يېنىدا سۇغا چۈشۈپ،سالقىندايدىغانلار ۋە سۇ چېچىشىپ ئوينايدىغانلارمۇ ھەم بار.بۇ زادى نېمە قىلىق؟باغچىلاردا ھەقسىز ئېچىۋېتىش خالىغانچە دەسىسەپ-سايراپ يايرىۋال،دېگەنلىكمۇ؟ھەق ئالمىغاننىڭ قەدرى يوقمۇ-يا؟خەلق باغچىسى خەلقىنىڭ باغچىسى،سىز بىردەملىك ئۆز راھىتىڭىز،كۆڭۈل خۇشلۇقىڭىزنى دەپ،خەلق باغچىسىنڭ مۇھىتغا دەخلى يەتكۈزسىڭىز،باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسىز؟
چۈنكى،ئۇلارمۇ ھوزۇرلىنشى،دەم ئېلىشى كېرەك-تە!شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر(كۆك ئاسمان قورۇلۇش)نى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇۋاتىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى،ئەمىنلىكى ئۈچۈن،بۇنداق ئەھۋالدا بىز شەھەر ئاھالىسى بولۇش سۈپتىمىز بىلەن بۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىز،يېشىللىقلارنى ۋەيران قىلىساق قانداق بولغىنى؟ئويلايلى،مۇھىتنى قوغداش،ئاسراش،گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
مەنبە؛پەن ۋە تۇمۇش
|
|