- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-24
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 65سائەت
- جۇغلانما
- 2880
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 404
- تېما
- 185
- توردا
- 65سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 10
- يازما
- 404
- تېما
- 185
|
پاك دوستلۇق كىشىلىك تۇرمۇشقا شاد-خۇراملىق،ئۈمىد،كۈچ-قۇدرەت،ئاجايىپ گۈزەللىك،تەڭداشسىزمەنە ئېلىپ كىلىىدۇ.دۇنيادا يېگانە نەرسە مەۋجۈت بولمىغىندەك،دوستسىز ئۆتىدىغان ئادەممۇ بولمىسا كېرەك.ناۋادا ئۆزىڭىزنى دوستىسىز يىگانە ياشاشقا زورلىماقچى بولسىڭىز،تەبئىيكى تۇرمۇشڭىزنىڭ زېرىكىشلىك.مەنىسىز بولۇشى مۇقەررەر.ئۆگىنىشىڭىزنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە،خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇققا ئىگە بولۇشىمۇ ناتايىن،دېمەك ياخشى دوست ھەر بىر نورمال ئادەم ئۈچۈن ئېيىتقاندا تۈگمەس بايلىقتۇر.ياخشى دوستقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىكى بىر قاتار ئەقەللىي ساۋاتلارنى ئېسىڭىزدە ساقلىشىڭىز زۆرۈر.
باراۋەرلىك دوستلۇق گۈلزارىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، سىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز يۇقىرى بولۇپ،دوستىڭىزنىڭ ئورنى تۆۋەن بولسا،ئۆزىڭىزنى دوستىڭىزدىن چوڭ تۇتامسىز؟روشەنكى.ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن دوستلۇق بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدۇ.
دوستلار بىلەن ئۇچراشقاندا سۈنئىيلىك قىلىپ قىلىپ قېتىۋېلىش،ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش،دوستىنىڭ سۆزىگە لوقما سېلىش،دوستىنىڭ سۆزىنى تارتېۋېلىش،ئۆزىنىڭ قارىشىنى دوستىغا تېڭىش قاتارلىقلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشىقا كىرىدۇ.شۇنى بىلىش مۇھىمكى،دوستلۇق ئالدى بىلەن باراۋەرلىك زېمىنغا قۇرۇلمايدىغان،ئۇ ھالدا دوستلۇق دەرىخىنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشى ناتايىن،ئۆز ائرا قوللاش،يول قويۇش،ئەپۇ قىلشمۇ مۇشۇ جۈملىدىندۇر.
دوستلىشىشىتىكى مەقسەت-مۇددىئا توغرا بولسۇن.دۇنيادا مەقسەتسىز ئىش بولمىغاندەك،دوستىلىشىشىتىمۇ مەقسەت-مۇددىئا بولماي قالىدۇ.بۈيۈك ئىشلار ئۈچۈن قول تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان دوستلۇق ھامان قۇدرەت تاپىدۇ.
دوستلىششىتىكى مەقسەت-مۇددىئا ناۋادا قارشى تەرەپتىن نوقۇل ھالدا نەپ ئېلىش،پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالسا،بۇنداق دوستلۇقنىڭ ئۆمىرى ئۇزاققا بارمايدۇ.سىز شەخسىي ئىشڭىزنى دەپ دوستىڭىزنى دائىم ئاۋارە قىلامسىز؟دوستىڭىزغا ۋەزىپە تاپىلامسىز؟دائىم مۇشۇنداق قىلسىڭىز مەلۇم مەنىدىن ئېيتىقاندا،قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۋالغان بولىسىز.ھەر جەھەتتىن مۇستەقىل ئادەم بولۇڭكى،دوستىڭىزغا يۆلىنۋېلىشتىن ساقلىنىڭ،كەلسە-كەلمەس ئىشلاردا دوستىڭىزنى ياردەم چاقىرىڭ،ئىشلىرىڭىزنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلشقا ئادەتلىنىڭ.دوستىڭىزغا(يۈك)بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ۋەدىگە ۋاپا قىلىش نورمال ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساۋات،سىزنىڭ ھە دېسىلا ۋەدە بىرش،ۋەدىگە يېنىكلىك بىلەن قاراش،(خۇدا ھەققى!....)دەپ قەسەم بېرىشتەك ئادىتىڭىز بارمۇ؟مانا مۇشۇنداق ئادەت چاكىنلىق بولىدۇ.ئىشلاردا ئىمكانىقەدەر ۋەدە بېرىشكە ئالدىرىماڭ.ۋەدە بېرىشكە توغرا كەلگەندە ۋەدىڭىزدە تۇرشىڭىزنى مۆلچەرلەپ،ئاندىن ۋەدە بېرىڭ،دوستىڭىز بىلەن مەلۇم يەردە ئۇچرىشىشنى قارار قىلىپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالسىڭىز ئەدەپسىزلىك قىلغان بولىسىز.بارىمەن دېگەن يەرگە چوقۇم بېرىڭ.كېچىكمەڭ،ۋاقىت قارشى تۆۋەن ئادەمدە ھەر كىم بىزار بولىدۇ.
دوستلۇقنىڭ تەرەققىياتى پاك بولسۇنكى،يامان سۈپەت ئالمىسۇن.يىگىت-قىزلار ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق كۈچىيىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە،دوستلۇقنىڭ ئورنىنى چىن مۇھەببەت ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن،دۇنيادا باشقىلارنى تەلتۆكۈس چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ھەتتا ئۆزىنىمۇ تولۇق چۈشىنەلمەيدىغان ئادەم ئاز بولمىسا كېرەك.شۇڭا يىگىت قىزلار-دوستلىشىشتا ئېھتىياتچان بولغىنى تۈزۈك.ئەگەر مۇھەببەتلەشكەن بولسىڭىز، ئۇنى باشقىلاردا ئالدىدا كەمسىتمەڭ،بولمىغۇر چاقچاق قىلىماڭ،كەمچىلىكىنى تىلغا ئالماڭ،كەمچىللىك ھەققىدە ئايرىم پاراڭلاشقاندا،جورىڭىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ سۆزلىمەڭ.ئاشۇ كەمچىلىك ئۈستىدىلا سۆزلىسىڭىز كۇپايە،جورىڭىز بار چاغدا يات جىنىستىكى دوسىتىڭىزنى تو ئۆيگە باشلاپ كەلمەڭ.سىزنىڭ جورىڭىز بار تۇرۇقلۇق يات جىنىستىكى دوسىتىڭىزغا ئادەتتىن تاشقىرى ئامراقلىق قىلماڭ.توي قىلغان يىگىت ياكى قىز بولۇڭ،ئائىلىڭىزدىكى گەپ-سۆزلەرنى.ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئىشلارنى دوستىڭىزغا دەپ يۈرمەڭ.
يۈرۈش-تۇرشىڭىز،گەپ سۆزىڭىز گۈزەل بولسۇن،دوستىڭىز بىلەن كۆرۈشكەندە مۇشت ئېتىپ ياكى تىللاپ كۆرۈشدىغان ئادىتىڭىز بولسا ئۆزگەرتىڭ.
دوپپىنى باشقا،ئۆتۈكنى پۇتقا كىيگەنگە ئوخشاش چاقچاق ئۆز جايىدا بولۇشى كېرەك.
دوستىڭىزغا سەت لەقەم قويماڭ،دوستىڭىزنىڭ جىسمانىي ئەيبىنى ئاتاپ چاقچاق قىلماڭ.ئۆيىڭىزدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە دوسىتىڭىز كېلىپ قالسا،كەيپىياتىڭىزنى نورمال تۇتۇشقا تىرىشىپ،كۆڭۈلسىزلىكنى چاندۇرماڭ.دوستىڭىزنى قولىڭىزدىن كېلىشچا كۈتۈڭ.كونىلاردا(بۇغداي نېنىڭ بولمىسا،بۇغدا سۆزۈڭ يوقمىدى؟)دەيدىغان گەپ بار.مېھىمان ئالدىدا داستىخاننى سىلكىپ قاقماڭ.دوستىڭىز ئۆيىڭىزدىكى چاغدا ئۆي سۈپۈردىغان.نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى رەتلەيدىغان،ئاياغ مايلايدىغان،كىر يۇيىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.
ئەگەر سىز دەم ئالغان بولسىڭىز.ئىشلەۋاتقان دوسىڭىزنىڭ ئىش ئورنىغا مەقسەتسىز بارماڭ.ئىشىڭىز بولسا مەقسىتىڭىزنى ئېيتىپلا قايتىڭ.دوستىڭىز بىلەن كېتىۋاتقىنىڭىزدا يەنە بىر دوسىتىڭىز ئۇچراپ قالسا،ئۇ دوسىتىڭىز بىلەن ئۇزۇدىن-ئۇزۇن مڭدىشىپ كەتمەڭ.
سىز دوستىلىرىڭىز ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىغاندا مەزمەن ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشىڭىز.سۆزىڭىزنىڭ ئۇرغۇسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا چىقىشى كېرەك.شۇنداق قىلىغىنىڭىزدىلا ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايسىز.دوستىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزمۇ تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزدە كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلسىز.ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىقاندا.سىز كىشىلەرگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا ئۇ مەيلى يېقىن دوستىڭىز.ساۋاقدېشىڭىز.ئوقۇتقۇچىڭىز ۋە باشقا كىشىلەر بولسۇن،ئۇالرنىڭ ھەممىسىگە ئەدەپ-قائىدىلىك مۇئامىلە قىلشىڭىز،سۆز قىلغاندا سۆزنىڭ ئۇرانى،مەنىسى.ئىشلىتىش ئورنى قارشى تەرەپكە لايىق كېلىش-كەلمەسلىكى بىلەنمۇ ھېسابلىشىشىڭىز كېرەك.ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز،باشقىلارنى رەنجىتىپ قويسىز.شۇڭا،تىلى جايىدا ئىشلىتىشىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز،تىل بايلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك.
مەنبە؛ئائىلە ۋە تۇرمۇش
|
|