ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز
كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 9
go

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز!
تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدا چوڭ بولغان بىزدەك قارا سەھرالىقلار ھەرقانچە باي بولساقمۇ شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز:
بىز نامراتلىقتا ئىشتىنىمىز تىزدىن ئاشماي يۈرگەن چاغلاردا، شەھەرلىكلەر پۈتۈن كىيىنىپ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك يېپىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز پۈتۈن كىيىنىپ، ھەممە يېرىمىز يېپىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە، شەھەرلىكلەر تىزىدىن ئاشمايدىغان تار ئىشتان، يوتىسىدىن ئاشمايدىغان تار يوپكىلارنى كىيىپ، يەنە بەزىلەر كۆڭلەك - يوپكا كىيمەي ئامالىنىڭ بارىچە بەدىنىنى ئوچۇق قويۇشقا تىرىشىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىز زاغرا ناندىن قۇتۇلالماي چىرايىمىز تاتىرىپ يۈرگەندە، شەھەرلىكلەر ئاق نان يەپ چىرايىنى پارقىرىتىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز ئاق نان يەيدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر ئاق ناندىن قېچىپ، زاغرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنى كاكۇل سۇۋاق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى سىرلاپ ئولتۇراتتى. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى سىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ ھاكلاش، سىرلاش دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، خانىم - قىزلارنىڭ چىرايىغا يېتىپ، توختىماي چېچىغا يامىشىپ يەنە ئاسمانغا شوتا قويغۇدەك ئەلپازى بىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ!
بىز بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن ئەۋرىتىمىزنى سۈرتۈشكە چالما ئىشلىتىدىغان چاغدا، شەھەرلىكلەر قەغەز بىلەن سۈرتىدىغان ئىشنى چىقاردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆگىنىپ، ئاران دېگەندە كۆنۈۋاتساق، ئۇلار ئەمدى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر تام قوشنا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ: «تام قوشنا ئولتۇرسا قېرىنداشلىق مېھرى قانچە كۈچلۈك بولىدىغاندۇ- ھە؟» دەپ قالاتتۇق. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى تام قوشنا قىلىپ رەتلىك سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەندە، شەھەرلىكلەر ئۆينى يانداش سېلىشتىن ھالقىپ چاقماق قەنتتەك تۆپە - تۆپىلەپ سالىدىغان، ئەمما قوشنىلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ھەتتا تونۇشمايدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىزنىڭ ئۆي ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ ھويلىسىدىن شور توپا ئۆرلەپ قاقاس تۇرغاندا، شەھەردىكى ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇلۇپ، چۆرىسىدە رەتلىك سۇۋادان، تال باراڭلار سايە تاشلاپ باغچىدەك چىرايلىق تۇراتتى. ئەمدى بىز ھويلىمىزغا خىش بېسىپ، مېۋىلىك دەرەخ قويۇپ، تال باراڭلىق ھويلا بەرپا قىلغاندا، شەھەردىكى ئورگانلار ھويلىسىدىكى دەل - دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، تۇپراق يۈزىگە سېمونت ياتقۇزۇپ، بۇرۇنقى ئەتىر گۈللەرنى قومۇرۇۋېتىپ، بەزى ھويلىلارنىڭ يېرىمىغا چەت ئەلنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى تېرىپ، چارۋىسى يوق يايلاق ياسىۋاپتۇ. قالغان يەرنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان قاقاسلىق» دېسە بولغۇدەككەن!
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيە ۋاقتىدا، كېچىلىرى ئۇخلىماي كەتمەن چېپىپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ كەتكەندە، شەھەرلىكلەر كېچىسى ئۆيىدە بەخىرامان ئۇخلاپ بوتىلاقتەك سېمىز تۇراتتى. ئەمدى بىز كېچىسى ئىشلەيدىغان ئوپچە ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمىزگە ئەت قونغاندا، شەھەرلىكلەر «ئورۇقلايمىز» دەپ كېچىدە قوپۇپ كوچىدا يۈگۈرىدىغان، ھەتتا نەچچە قوينىڭ پۇلىغا ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىپ يەيدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېھقان بولغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرى شەھەردە كادىر بولاتتى. بىزمۇ ئەمدى ئويغىنىپ پۇل تېپىپ، شەھەردە ئوقۇسا كادىر بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بالىلىرىمىزنى شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزگە كادىر بولۇپ كەلسۇن دېسەك، ئوننىڭ بىرسى بولالىدىمىكىن، قالغانلىرى تاۋىنازۇك دېھقان بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ساۋاقداشلىرى بىزگە كادىر بولۇپ كېلىدىغان بولۇۋالدى.
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيىنىڭ دولقۇنىدا، قۇچاقتىكى بالىمىزنى نائىلاج ئەترەت بەلگىلىگەن بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاران كۆرەتتۇق. بۇ چاغدا شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمدى بىزمۇ بالىلىرىمىزنى باغرىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دولقۇنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كېچە - كېچىلەپ باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيدە ئوماچ، يوبداندىن يېڭى قۇتۇلۇپ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە تويغۇدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر بازارنىڭ ئاشخانىلىرىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېيىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەمدى بىزمۇ ھاللىنىپ ھەپتىدە بىر ۋاخ بازاردا پولۇ، كاۋاپ يەپ روھلۇق يۈرىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دەپ ئۆگزىدەك بىر يەرگە چىقىپ، قىزىق سەي دەپ سىلوسقا ئوخشايدىغان، سوغۇق سەي دەپ ھەلەپكە ئوخشايدىغان بىرنېمىلەرنى ھەلەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆمۈرچى بازغان سوققاندەك غەلىتە ئاۋازلارغا تەڭكەش قىلىپ يېرىم كېچىگىچە يەپ - ئىچىپ، 4 - 5 تاغار بۇغداينىڭ پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىپ، يەنە ئاتتەك روھلۇق چىقماي، لەڭپۇڭدەك ساقىپ لىڭتاسما بولۇپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كارغا كەلمەي كېسەل توخۇدەك مۈگۈدەپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ساپال چىراغ يېقىپ قاپاقتا سۇ ئىچكەندە، شەھەرلىكلەر توك چىراغ يېقىپ، چىلەكتە سۇ ئىچەتتى. ئەمدى بىز توك چىراغ يېقىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر قاپاقتا چاي ساقلاپ ئىچىدىغان، ھەتتا بىز تاشلىۋەتكەن ساپال چىراغ، كوزا، ياغاچ ھارۋىنىڭ چاقى، كونا چەكمەن قاتارلىقلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، يادىكارلىق دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇۋاپتۇ. زادى بىزدەك سەھرالىق تومپايلار شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتىمىز …

(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

مەنبە-شۇمتەك تورى


توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 09:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما يوللاپسىز... ھازىر ھەممە نەرسە سىز دىگەندەك كەينىگە يىنىۋاتىدۇ..بۇ ئاخىرقى زاماننىڭ ئىپادىلىرى بولىشى مۇمكىن..مىنىڭچە....

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇرۇن ئوقۇغان . شەھەر - يىزا تۇرمۇشىنى بەك ياخشى تەسۋىرلىگەن يازما ئىدى .

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
80 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىما يولاپسىز.

توردا
43سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
200 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى تىمىكەن

توردا
59سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
387 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سېلىشتۇرۇش ياخشى بوپتۇ .

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1179 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى چۇشۇنۇپ ئوقۇسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم..... سىزلەرمۇ تەپپەككۇرۇڭلارنى قويۋىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭلار بەك كۆپ نەرسىلارنى بىلىۋاللايدىكەنسىلەر..................‹‹ شەھەر - يىزا تۇرمۇشىنى بەك ياخشى تەسۋىرلىگەن ›› ‹‹ ھازىر ھەممە نەرسە سىز دىگەندەك كەينىگە يىنىۋاتىدۇ..بۇ ئاخىرقى زاماننىڭ ئىپادىلىرى بولىشى مۇمكىن›› دىنمىۇ باشقا نەرسىلەرنى ھىسقىلالايسىلەر...........

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1179 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش choice124forget نىڭ يازمىسى

مەزمۇنى چۇشۇنۇپ ئوقۇسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم..... سىزلەرمۇ تەپپەككۇرۇڭلارنى قويۋىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭلار بەك كۆپ نەرسىلارنى بىلىۋاللايدىكەنسىلەر..................‹‹ شەھەر - يىزا تۇرمۇشىنى بەك ياخشى تەسۋىرلىگەن ›› ‹‹ ھازىر ھەممە نەرسە سىز دىگەندەك كەينىگە يىنىۋاتىدۇ..بۇ ئاخىرقى زاماننىڭ ئىپادىلىرى بولىشى مۇمكىن›› دىنمىۇ باشقا نەرسىلەرنى ھىسقىلالايسىلەر...........

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1179 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 17:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش intizar0998 نىڭ يازمىسى

مەزمۇنى چۇشۇنۇپ ئوقۇسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم..... سىزلەرمۇ تەپپەككۇرۇڭلارنى قويۋىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭلار بەك كۆپ نەرسىلارنى بىلىۋاللايدىكەنسىلەر..................‹‹ شەھەر - يىزا تۇرمۇشىنى بەك ياخشى تەسۋىرلىگەن ›› ‹‹ ھازىر ھەممە نەرسە سىز دىگەندەك كەينىگە يىنىۋاتىدۇ..بۇ ئاخىرقى زاماننىڭ ئىپادىلىرى بولىشى مۇمكىن›› دىنمىۇ باشقا نەرسىلەرنى ھىسقىلالايسىلەر...........

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 18:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش kaplan120 نىڭ يازمىسى

نىمانداق قايتا قايتا يوللىۋەتتىڭىز؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 03:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.