بېشىڭغا كۇن چۇشتىمۇ يارىم
( مۇخەممەس)
ھۆسنىڭ چىرايلىق چەشمە بۇلاق يارىم،
سېسىق نامىڭ پور كەتتى ئىلى -تارىم،
مەن سەندىن بىزار بولدۇم ئاھۇ-زارىم،
مېنىڭ ئەمدى سەن بىلەن نىمە كارىم،
غەزەپ ھەم نەپرىتىم تاشتىغۇ يارىم...
نەۋ باھارىڭ بولدى ساڭا ئامەت ئىكەن،
قىلمىشلىرىڭ بولدى ئەمدى ئەلگە تىكەن،
تالاي كىشى خارلاپ يۇردى كۆڭۈل بىلەن،
بۇ شەيتاننىڭ قاچىسى توشتى بۇگۇن،
سېنىڭ بېشىڭغا تاغ چۇشتىمۇ يارىم .
سەن بارمىغان رەڭلىك سورۇن قالمىدى ،
تولا ئويناپ پۇت-قوللىرىڭ تالمىدى ،
ناز-كەرەشمە سەندە زادى ئۆلمىدى ،
ياكى تاللاپ بىر يىگىتمۇ ئالمىدى ،
سېنىڭ بېشىڭغا قان چۇشتىمۇ يارىم .
كەلسە-كەلمەس دوسلار بىلەن ئوينىدىڭ،
بۇ ئويۇنغا چىن يۈرەكتىن تويمىدىڭ،
ياكى سەن بىر قىرى-ياشنى قويمىدىڭ،
كەلگۇسىنى ھەرگىز ئويلاپ قويمىدىڭ،
سېنىڭ يۇزۇڭگە داغ چۇشتىمۇ يارىم .
قىرىغاندا گۈل يىدىڭ كەتتى يىراق،
كۆز يېشىڭ دەريا بولۇپ ئاقتى بۇلاق،
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى تۆكتىڭ قاپاق،
بىزەڭ چىۋىن قونۇپتۇ كۆزلىرىڭ چاپاق،
سېنىڭ بېشىڭغا كۇن چۇشتىمۇ يارىم .
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق
|