ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار سېغىنىش ئۇ مۇھەببەتمۇ؟

      

كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 5
go

سېغىنىش ئۇ مۇھەببەتمۇ؟

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
904 
تېما
149 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ھەي ، توۋا...
ئەنە شۇنداق خوش دېمەيلا كېتىپ قالدىڭ ! سەن يىغلاڭغۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئاز يىغلىغانمۇ ؟ سېنىڭدىن مۇشۇ ئايرىلغان پېتى مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن، سنى قايتا ئۇچرىتالماي قالارمەنمۇ دەپ قورقىمەن دەيسەن. بۇ ئايرىلىش ھامىنى بىر كۈنى كېلەتتى ، ئەنسىرىگەن ، قورىققان ئاشۇ كۈن مانا كەلدى. لېكىن سەن بىر ئېغىز خوش دەپمۇ قويماي كېتىپ قالدىڭ !
سۆيگۈدىن ۋىسال تاپقانلاردىن قانچىسى باردۇر-ھە، بۇ جاھاندا ؟ دۇنيا شۇنچە كەڭرى ، شۇنچە بىپايان ، شۇڭلاشقىمۇ سەن ئۇياققا، مەن بۇياققا قاراپ ئايرىلدۇق .
سەن كەتكەندىن كېيىن سەن بىلەن ماڭغان شۇ كوچىلارنى، بىللە تاماق يېگەن ئاشخانىلارنى كۆرۈپ قانداق بولغانلىقىمنى بىلەمسەن . سېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرىنىڭ نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىدىم . بەلكىم ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ كەلگەندىمەن.
قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر ، يولدا ئۆزۈم يالغۇز كېتىپ بارىمەن. كۈندە نەچچە قېتىم سېنىڭ بىلەن كۈلۈشۈپ ئۆتىدىغان بۇ يولدىن بۈگۈن ئۆزۈم يالغۇز نىشانسىز مېڭىپتىمەن، يولدىكى كوچا چىراغلىرى ماڭا ھەيران قالغاندەك ،كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك جىلمىيىپ قاراشماقتا. يوللارمۇ ماڭا گەپ قىلماقچىدەك ، گەپ قىلسىلا مېنىڭ تېرىككەك مىجەزىمنىڭ بىردەمدىلا ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويىدىغىنىمنى سەزگەندەك ئۈنسىز قەدەملىرىمگە جۆر بولىۋاتىدۇ بەلكىم! ئەنە بىز دائىم بىللە تاماق يەيدىغان ئاشخانىمۇ سېنى يالغۇز قارشى ئالمايمىز، ئۇنى قايتۇرۇپ كەل! دېگەندەك بۈگۈن تاقىلىپ قاپتۇ.
داۋاملىق كېتىپ بارىمەن، ئۆزۈمنىڭ نەگە كېتىپ بارغىنىمدىن خەۋەرسىز خۇددى سەن مېنى باشلاپ ماڭغاندەك نىشانسىز سەن بىلەن بىللە ماڭغان شۇ كوچىلارنى ئىزدەپ كېتىپ بارىمەن. ئەنە تونۇش دۇكان . كۆز ئالدىمدىن سېنىڭ ھەربىر قىلىقلىرىڭ ، كىچىك بالىدەك ئۇماق ھەرىكەتلىرىڭ دۇككان ئىچىدە قايتا كۆرۈنمەكتە. قانچە قىلساممۇ خىيالىمغا پەقەت سەنلا كىرىۋالدىڭ !

خىيالىمنى ئوغۇرلاپ قاچتىڭ،
پەقەت سېنى كۆرگۈم كېلىدۇ .
بۇرۇنقىدەك ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
ساڭا سىرلار تۆككۈم كېلىدۇ.


شاماللارمۇ ھەيراندۇر شۇتاپ،
نېمە بولدۇڭ بىپەرۋا يىگىت؟
ئۈنسىز ماڭا سوئال قويۇشار،
خۇش چىرايمۇ ئاچماس تەبىئەت.


ئۇنتۇش كېرەك بەلكىم ھەممىنى،
بۇ ماكاندىن خوشلاشساق بۈگۈن.
چۈشلىرىڭگە كىرىپمۇ قالار ،
بىز تونۇشقان ئۇنتۇلماس شۇ كۈن.


بىر چاغلاردا مەندىن سورىغان بىر سوئالىڭ توساتتىن يادىمغا يېتىپ قالدى.
-راس، سېغىنىش ئۇ مۇھاببەتمۇ ؟
تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم . مەن راسلا سېنى سۆيۈپ قالدىممۇ ياكى ساڭا بەكلا كۆنۈپ قالغاندىمەنمۇ ؟
مەيلى نېمىلا دېمەي، ئىشقىلىپ سەندىن ئايرىلغىنىمغا تېخى بىر كۈن بولماي تۇرۇپلا سېنى سېغىندىم. بەلكىم ئەتە، ئۆگۈن ۋە بەلكىم مەڭگۈ شۇنداق سېغىنىپ ئۆتەرمەن. ئىنسان
بەلكىم مەڭگۈ يوقىتىپ قويغان نەرسىلىرىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىگە ئېچىنىپ ئۆتەر . مانا ئەمدى مەنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، شۇ تونۇش كوچىلاردىن، لىققىدە ئەسلىمىلەرنى قوينىغا يوشۇرۇپ ياتقان شۇ تونۇش كوچىلاردىن، ئاددىي ئەمما ھەقىقىي مۇھاببەتنى ئىككى ياشقا بەخىش ئەتكەن ، پەپىلەپ ، ئەركىلەتكەن شۇ تونۇش كوچىلاردىن ،
قانچە-قانچە كېچىلەر غىرىق مەسىت ئالا-تاغىل ۋارقىراپ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزسىمۇ ئۈندىمەستىن قالغان شۇ تونۇش كوچىلاردىن، مانا ئەمدى خوشلىشىدىغان بولدۇم.
خەيىر ، مەن كەتتىم ئامان بول ئامرىقىم ،
خەيىر ، تاتلىق ئەسلىمىلىرىم ،
خەيىر، تونۇش كوچىلار ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-14 19:51

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنتۇش كېرەك بەلكىم ھەممىنى،
بۇ ماكاندىن خوشلاشساق بۈگۈن.
چۈشلىرىڭگە كىرىپمۇ قالار ،
بىز تونۇشقان ئۇنتۇلماس شۇ كۈن.
چوقۇم ئۇنتۇش كېرەك....
نىمە پايدىسى ئۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرگەننىڭ...

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز . ھىسياتقا بايكەنسىز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 19:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلىمىللىرىڭىزغا تەشەككۈر ! ... ناھايىتى تاتلىق ئەسلىمە بولۇپتۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
275سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1050 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 20:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ،يىرىم قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.ئالدىڭىزغا قاراپ مىڭىڭ

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 21:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئاللاھ يەنە بىرىنى بېرىپ قالار،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.