ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر قەلىب تېۋىشى(فاتىمە)
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 7
go

قەلىب تېۋىشى(فاتىمە)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1482 
تېما
232 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قەلىب تېۋىشى


مەن سەن بىلەن تۇنۇشقان چاغدا تۇلىمۇ ساددا ،گۈدەك ،ھەم نادان ئىدىم.سەن ئەتراپىمدا شۇنچە پەرۋانە بۇلۇپ كىپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرسەڭمۇ مەن شۇنچىلىك بىيپەرۋالىقتا يۈرۈپتىمەن .سەن گۈل چىمەنلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ماڭا يىراقتىن نەزەر سالغاندا مەن ئۆزۇمنىڭ خىيالى بۇيىچە كىپىنەكلەرنى قوغلاپ گۈللەرنى پۇراپ يۇرۇپتىمەن.

سېنىڭ تاقەتلىك كۆتۈشۈڭ مەيۇسلەنمەي ئەقىدە باغلاپ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بىلەن ئارقىمدىن پەرۋانىدەك ئەگىشىپ يۈرۈشۈڭ تۈپەيلى مەن سېنىڭ ماڭا باغلانغان بۇ سەمىمى كۆڭلىڭنى سەزدىم.

قەلبىمدە بىر مەھەل داۋالغۇش بىلەن ساڭا بولغان يۈرەك تىۋىشىمنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.روھىمنىڭ قېتىدا لاۋۇلداپ بىر ئىستەك ياندى.تەئەججۇپلەنگەن ھۇجۇدۇمغا ئەتراپىمدىكى بارلىق مەنزىرە ،شەيئىلەر تۇلىمۇ چىرايلىق يارقىن كۆرنىشكە باشلىدى.روھىمنىڭ قېتىدا گۈلخاندەك كۆيىۋاتقان ئىستەك قەلبىمدە تاتلىق خىياللارنى قىلىپ گۈزەل ھىس-تۇيغۇلارغا باشلىدى.

مەن بۇ شېرىن چۈشتەك ھىس-تۇيغۇلار ئىچىدە ھۆپپىدە ئېچىلغان گۈل-چىمەنلەر تۈۋىدە ئولتۇرۇپ روھىمنىڭ ئىزگۈ تىۋىشىنى ئاڭلىدىم.ئاڭلاپ شادلىققا چۈمگەن چاغلىرىمدا ھاياجاندىن تىترەپ كەتتىم.ھۇجۇدۇمدىكى تەئەججۇپلەنگەن ھىس-تۇيغۇلۇرۇم ئەتراپىمدىكى ئۇپۇققا تۇتۇشۇپ كەتكەن گۈزەل مەنزىررە گۈل-چىمەنلىك باغلارنىڭ بەختىيار كۆلەڭگىسكە ئايلىنىپ قالدى....

ئاھ،مەن شادلىققا تولغان شىرىن خىياللىرىمدىن مۇھەببەتلىك ياشاشنىڭ نەقەدەر بەخىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم!مەن بۇ يۈركىمنىڭ پىنھان ئىچكى قۇلاقلىرغا خۇپيانە پىچىرلىغان دەملەردە،مەن ئىنسان روھىنى خوش ئەتكەن نەرسىنىڭ ھەقىقى چىن مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى.باشقا نەرسىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئۇرۇن ئالالمايدىغىنىنى چۈشىنىپ ،سەۋدا خىياللىرىمغا جاۋاپ تاپتىم،ھايات ئىشقىدا تۇنجى قېتىم ئوتلۇق ھەقىقى چىن مۇھەببەتكە نائىل بولدۇم.

مەن بۇ ئوتلۇق مۇھەببەتتىن گاھىدا كۆلۈپ قاقاقلىسام گاھىدا ئازاپلىنىم يىغلاپ مۇڭلاندىم.

سەن يىراقلارغا كەتكەندە مەن ھەر سەھەر سېنى كۆتىۋېلىش ئۈچۈن تاقەتسىزلىنىمەن.سەن نەدە؟سەن يۈركىمنىڭ قات-قېتىدا ئىچكى تىللىردا يادلىنىپ تۇردېغان بارلىقىم.

مېنىڭ سەھەرلىرىم تۈنلىرىم خىيالىڭدا يىڭىلىنىپ تۇرغاندا مېنى ئويلايسەن!ھاياتىم ئىزگۈ سىرلىرىم ساڭا ئىنتىلگەن چاغدا مېنى بۇرۇنقىدەك پەپىلەشنى ئويلايسەن!سەن يىراقتىن يېنىمدا يېتىپ كېلىپ ئۈمۈد ئىچىدە پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلەرىمگە قاراپ مۆكۈپ يۈرگەن پىنھانە يۈرەك تېۋىشىمنى ئۆز سەزگۈلىرىڭ بىلەن ئاڭلايسەن!جەزبىدار كۆزلەرىڭ بىلەن ھاياجىنىمدا مەڭزىمدە قېتىپ قالغان ياش،رىياللىقتىكى سەۋدا خىياللىرىمنىڭ سەۋەپكارى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ مەڭزىمدىكى ياشلارنى ئوتلۇق مىھرىڭ بىلەن سۈرتۈپ پەپىلەيسەن.

مەن كۈلۈمسىرگەن ئوتلۇق كۆزلەرىڭگە قاراپ ئويناق تەبەسسۇمۇم بىلەن يايراپ كىتىمەن.

مەن سەھەردىن باشلانغان ھەر بىر كۈنلىرىمدە باغلارنى ئارىلاپ بۇلبۇللارنىڭ مۇڭلۇق سايراشلىردىن زوق ئېلىپ گۈل-چىمەنلەردىن ئەقىدە گۈلى تىزىپ چىقىمەن.


ئاھ مۇھەببەت ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ئارمىنى !سەن سەھرىمنىڭ تاقەتسىز ئۈمىدى،تۈنلىرىمنىڭ شېرىن چۈشى.يۈركىمنىڭ ئىزگۈ سىرلىرغا قۇلاق سېلىپ ئىنسان روھىدىكى بەخىتنى ھىس قىلدۇرغۇچى ئارمىنىمسەن.


سەن يىراقتىن كەلگەن ئارمىنىم،

بۇ قەلبىمدە ھەممىدىن يۈكسەك.

سەن قەلبىمدە ئېچىلغان گىياھ،

بۇ ئۆمرۈمگە تۇزىماس چېچەك.


سەن سۆيگۈدە ئوتلۇق يالقۇن تاغ،

چىن ئەقىدە بابىدا چىڭ تۇرغان.

يۈرەكىڭنى ئاتاش ماكان قىپ،

كۆيدۈرۈپ ئوتىڭدا كۈل قىلغان.


ۋاپا ئەقىدەڭگە بولدۇم شەيدا،

پاك سۆيگۈمدىن بولما دەر گۇمان.

ھۇجۇدۇمدا بىرلا ساداقەت،

بۇ ھەممىدىن كۆڭلىڭگە ئايان.

مەنبە قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-5 23:24

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىزمۇنبىرىدىكى قەلەم قۇۋىتى ياخشى تورداش سىز ئىكەنسىز. ئۇشبۇ نەسىرلىرىڭىز كىشلىك ھاياتتىكى ئىنسنلارنىڭ قەلىپ كۆزنىكىدىكى ئەڭ ئىنچىكە ۋە نازۇك تەرەپلەرنى يۇرۇتۇپ بىرىپسىز. نەسىرمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىگە ئارامبەخىش ئىتىدىغان بىر ژانىر.
يەنەبىرجەھەتتىن سىز ھەرقېتىم تىما يوللىغاندا تىمىڭىزنى ياخشى بىزەشكە تىرىشىدىكەنسىز. مۇشۇ تەرىپىڭىزدىن ئۈگىنەي مەن.
نەسىرگە شىئىرنى قۇشۇپ تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىپسىز. سىزدىن يەنىمۇ ئىسىل تىمىلارنى كۈتىمىز جۇمۇ.

باھا سۆز

fatima ياخشى باھايىڭىزغا رەھمەت. يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:56

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ساقلىۋالدىم.

توردا
104سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
558 
تېما
16 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

ياخشىمۇسىز ، مانا مەندەكلەرنىڭ يۈرەك سۈزلىرىنىلا يىزىپسىز قالتىستە سىز ، ھەقىقەتەن بەك ياخشىكەن يەنىمۇ تىرىشىپ كۈلزارلىقتىكى كۈزنى چاقنىتىدىغان بىر تاللا خوش پۇراقلىق قىزىل گۈل بۇلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ، ئۈزىڭىز ساغلام بۇلۇپ قەلىمىڭىز مەڭگۈ ھارمىغاي

باھا سۆز

fatima سەمىمى تىلەكلىرڭىزنى چۇقۇم يەردە قويمايمەن.سىزگە كۆپ رەھمەت. يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 23:57

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
942 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 01:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلىپ تىۋىشىڭىز تۇيغۇمنى سىھىرلەپ شىرىن چۈش قوينىدا ئۇخلاۋاتقان يۈرۈكىمنى ئۈمۈد ئۇتىدا تاۋلاپ،
جىسمىمنى مەڭگۈلۈك سېغىنىش، تاتلىق ئازابلار ئىسكەنجىسىدە يەنە بىر تولغاپ ،گۈزەل ئەسلىىملەرنى ئېسىمگە سېلىپ ئېغىر ئۇھسۇندۇردى ... ئەمما مەن مۇشۇنداق سېغىنىشنىڭ ئىستەكلىرىدە ياشاشنى خالايمەن .نەسىرىڭىزگە يانداش يازغان شېئىرىڭىز بىلەن نەسىرنىڭ جانلىقلىقى تىخىمۇ ئىشىپتۇ. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي،ئەجرىڭىزگە رەخمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا EPSON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-6 01:12

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1178 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 10:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن يەنە سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولدۇم....... رەھمەت............

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 10:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىستىداتىڭىز باركەن .ئىچكى تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە تولىمۇ ماھىركەنسىز . تىمىڭىزنى چىرايلىق بىزىگەچكە ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرىدىكەن .مەن سىزنىڭ قەلپ دۇنيارىڭىزنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن . مەڭگۈ سالامەت گۈزەل تۇرۇڭ ھەدە .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-6 23:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەسىرىڭىز ھەقىقەتەن بىر ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسىياتنى تولىمۇ يارقىن ئىپادىلەپ ،بۇنىڭغا شېئرىڭىز قۇشۇلۇپ تولىمۇ رەڭدار بوپتۇ....شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ يازغان نەرسىلىرىڭىز ،تېخىمۇ تىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن....غەيرەت قىلىڭ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 23:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.