ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 7
go

مەن ئىشنىمەن

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن دۇنيادا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنسانلارنىڭ غورۇرىنى قوغداش مەجبۇرىيتى بارلىقىغا ئىشىنمەن .
مەن باشقىلەرغا ياردەم بىرىش ، جەمىئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇستىگە ئىلىشقە تىگىشلىك مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنمەن ؛ مەن كۈچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ ئاۋازسىز نالىسنى ئاڭلىشى كىرەكىلىكىگە ئىشىنمەن ؛ ئىچ ئاغرىتىشنى بىلمەيدىغانلار ئەمىلىيەتتە نادانلەردۇر .
مەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان توغرا قىممەت قەرىشىغا ئىگە كىشلەرنىڭ دۇرۇس ، تەرتىپلىك ، ئىناق جەمىئيەتنى ئورتاق بەرپا قىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مەن ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا توختىماي ئىزدەنگەندىلا . ئاندىن ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بولمىغان ، پەقەت ماددىي نەرسىلەر بىلەن گۈللەنگەن دۇنيانىڭ تۇترۇقسىز ، شەخسىيىتچىل ، خەتەرلىك جەمئىيەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مەن غايىلىك كىشلەرنىڭ قەيسەر ھەم سەمىمىي بولىدىغانلىقىغا ، ئەخمەقلەرنىڭ مەغرۇرلۇق ۋە ساختا قىياپەتنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
كۈچلۈكلەرنىڭ قابىللىقنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئۆز ئىرادىمىزگە تايىنىپ ئۆزىمىزنىڭ توغرا يول ۋە پىرىنسىپىمىزدا چىڭ تۇرالامدۇق ، يوق ، دېگەندىن ئىبارەت ؛ ئۆز ئىرادىمىزگە تايىنىپ ئېتىقاد ، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى ، بىلىممىزدىن پايدىلىنىپ مول روھىيتمىز ۋە باياشات ئائىلىمىزنى قۇرۇپ چىقايلى ؛ ئۆز ئەقىل - پاراسىتمىز ۋە كۈچ - قۇدرىتمىزگە تاينىپ ، مەدەنىيەتكە سىڭىپ كىرىپ ئۇنى ئۆزگىرىشچان دۇنيادا يېڭى پېتى ساقلاپ قالالامدۇق ، يوق ؟ مىللىتىمىزگە تېخىمۇ خۇشال ، باياشات ، گۇللەنگەن كېلەچەكنى يارىتىپ بېرەلەمدۇق ، يوق ؟
مەن ئەقىللىق ئادەم ئەمەس ، مەن خىزمەتچىلەرگە مۇنداق ئاددىي ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنمەن : بىرى ئۇلارغا رازى بولغۇدەك ئىش ھەققى بىرىمەن ؛ يەنە بىرى ، ئۇلاردا كەلگۇسىدە باللىرىنى تەربىيلەش ئىقتىدارى بولۇشنى ئويلايمەن . شۇڭا ، خىزمەتچىلەر پىنسىيگە چىقشقا بىر كۈن قالغۇچە خىزمەت قىلىدۇ .شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ . چۈنكى ، شىركەتمۇ ئۆز خىزمەتچىلىرە ئۈچۈن باش قاتىرىدۇ .
مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ۋاستا تاللىماسلىققا قوشۇلمايمەن ، بەزىلىرى تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ .

مەنبە : << تەرمىلەر >> ژۇرنىلىدىن ئىلىندى .

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 19:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر ئىكەن...چوقۇم ھەممىگە ئىشىنىپ ئۈمۈدۋار ياشاش كېرەك.. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت..كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ..

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
42 
يازما
1569 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 20:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماڭا خاپا بولماي
مەن غايىلىك كىشلەرنىڭ قەيسەر ھەم سەمىمىي بولىدىغانلىقىغا ، ئەخمەقلەرنىڭ مەغرۇرلۇق ۋە ساختا قىياپەتنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ...

نى بېرىۋېتەمسىز؟
ياخشى ئەھمىيەتلىك ئىشىنىمەنلەركەن!!!!!!!مەن ھەمىدىن مەن كۆچۈرۈپ قويغان ئىشىنىمەننى ياختۇردۇم....بۇنى تاتىنمايلا سىزدىن ئېلىۋالماقچى!!!!!!!!!!

باھا سۆز

hunter01 ئىلىۋىرىڭ سىزدىن ئايلانسۇن . يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 17:10

توردا
1463سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 20:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇدۇنيادا بەزى ئىشلارغا ئىشنمەيدىغان ئىشلار نۇرغۇن،

توردا
57سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
17 
يازما
381 
تېما
8 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-13 22:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن قىزلارغا ئاسان ئىشىنىمەن .

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 16:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزىدە ئەڭ ئىشەنگەن نەرسىمىز ئەڭ ئىشەنچىسىز بولۇپ قالدىكەن.
ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دىگەندەك.

باھا سۆز

hunter01 ئۇغۇ راست ، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك . چۈنكى ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ، ھايۋاننىڭ ئالىسى تىشىدە دىگەن گەپ بار يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 17:13

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-14 22:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىشىنىدىكەنسىز، ئېتىقادىڭىز كۆپىيىپ كەتتىمۇ-قانداق؟

باھا سۆز

hunter01 بۇ قانداق پىكىر ؟ ئادەم دىگەن ئىتىقاد قىلغۇدەك نەرسە بولسا ئىتىقاد قىلىش كىرەكقۇ ؟ يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 09:31

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-21 23:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.