ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئانا -بىردۇنيا(چوغلۇق)
كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 7
go

ئانا -بىردۇنيا(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
960 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 21:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئانا -بىردۇنيا


پايانى يوق كەڭ دۇنيا ئانىنىڭ كۆڭلى،

ھەر پەسلى باھاردەك ياپ-يېشىل تۇرار.

مېھىرىدىن بالقىغان گۈل- چىچەكلەردىن،

شەربەتلىك مىۋىلەر پىششىپ،مەي تۇرار.

دەريادەك بىر دۇنيا ئانىنىڭ لەۋزى،

قاغجىراق دىللارغا ئاقىدۇ كەۋسەر.

ئەللەيلەپ ھېكمەتلىك چۆچەكلەر ئېيتسا ،

ھاياتنىڭ سىرىدىن تامىدۇ جەۋھەر.

ئاتەشتەك بىر دۇنيا ئانىنىڭ قەلبى ،

پەرزەنىتكە مىھرىنى تۇرۇدۇ چېچىپ.

كۆيسىمۇ بىر ئۆمۈر قىلماس ھىچ مىننەت،

بالام دەپ قانىتىن تۇرۇدۇ قېقىپ.

دىلىڭنى يورۇتارئانىنىڭ كۆزى،

شەبنەمدە ياللىداپ چاقنىغان نۇردەك.

ئۇنىڭدا پەرزەنتچۈن تارتقان جاپانىڭ،

بىلىنمەس ئىزناسى، نۇر چاچار دۇردەك.

شۇنداق بىر دۇنيادۇر ئانىنىڭ روھى،

بولسىمۇ جۇد-جۇدۇن دائىما مەزمۇت.

مۇستەھكەم ئابدە قەد كېرىپ تۇرار،

باغلايمەن پەخرىم دەپ قىپ-قىزىل مەشۇت.

قوقاسقا ئېگىلسە ئانىنىڭ بىلى،

ئازاپتىن قاخشايدۇ مۇكچەيگەن تېنى.

سانچىلار يۈرەككە ھەر تامچە تەرى،

ۋەلېكىن لەززەتدۇرھەر چىشلەم نېنى.

ئانىنىڭ ئالقىنى ھايات ئۇلىغا ،

بىر تالىن-بىر تالىدىن تىزارخىش ھارماي.

شۇ ھايان بېغىدا ئۆستۈرگەن گۈلنى،

ئاسىراپ ھەم پەرۋىش قىلارھىچ تالماي.

2

كۆكسىدىن تۈنجى رەت تېتىغان ئوغۇز،

مۇجەسسەم تۇرمۇشنىڭ لەززىتى گويا.

پەرزەنتنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگەن كۈلكىسى،

ئاناچۈن دۇنيانىڭ كۈلكىسى گويا.

بالىنىڭ قەغىشدىن يىغلىغان يېشى،

دۇنيانىڭ يېشىدەك تۆكۈلۈپ تۇرار.

مۇستەسنا شۇ ئانا يىغىدىن ئەمما،

زارلانماس، شادلىقى شۇنچە كۆپ بولار.

گەر بەرسە پەرزەنتى بىر بۇردا ناننى،

ئۇبېرەرئايىماي بارلىقى،جاننى.

مۇجىزىگە ھامىلدار ئەللەيلىشى،

يارىتار كېلەچەك سۇبىھى، تاڭنى.

3

ئانىنىڭ قۇچىقى پايانسىز يايلاق،

مۇجەسسەم كائىنات بار-يوقى ئاڭا.

دەيمەنغۇ يايلىسام بىر ئۆمۈر ئۇندا،

قوزىدەك تاقلىسام باغرىڭدا ئانا.

مەنبە:قەلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-8 21:59

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
855 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 22:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئانا دىگەن ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىنسان!!!!!!!

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
381 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 00:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
tirixkin يوللانغان ۋاقتى 2011-7-8 22:39
توغرا ئانا دىگەن ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىنسان!!!!!!!

قوللايمەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
778 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 03:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىپسىز،دىمىسىمۇ ئانىلىرىمىزنى قانچە مەدھىيلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ~!

توردا
19سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
48 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 07:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانا!ئانا!ئانا!!!پەرزەنتلىرىڭدىن سالام ساڭا...

Rank: 8Rank: 8

توردا
764سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1475 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىھرىبان ئانىلىرمىزنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈن قانچە كۆيلىسەكمۇ تۈگىتىپ بۇلالمايمىز.
مىھرىبان ئانىلىرمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن.تېتىملىق تىيمىڭىزغا تەشەككۇر يان بۇلاق ئاكا.

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
276 
تېما
19 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 19:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز بۇرادەر

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
728 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-9 22:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىلغان تىمىكەن ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەر مىسۇن .ھارمىغايسىز،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.