ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئاتىلار بايرىمىغا سوغا(چوغلۇق)
كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 12
go

ئاتىلار بايرىمىغا سوغا(چوغلۇق)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
960 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 15:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاتا ئۇلۇغ، بارلىق ئاتا بولغان ئەرلەرنىڭ ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!


ئوغلۇم

بالاچۈن ئاتىغا قىلسىمۇ زۇلۈم،

مىننەتسىز،جاپاكەش،ئەجىرى بىر تۇلۇم.

ئەر يېتىپ دىسەڭمۇ تاپتىممەن يولۇم ،

سەن ئۈچۈن جان بېرەر گەركەلسە ئۆلۈم.

شۇئاتاڭ تارتقاننى تارتىپ باق ئوغلۇم!

سەن خەقىش قىلغان شۇ تاتلىق ۋەتۇرۇم،

نەدەدى " ئارمان" ۋە شاكىلات دىگەن.

سىنى دەپ ئاق ناننى قوينىغا تىقىپ،

ئۆزىچۇ؟ داغ سۇدا زاغىرنى يىگەن.

شۇئاتاڭ يىگەننى يەپ باققىن ئوغلۇم!

دەر ئىدى ھەر دائىم :" ئۈگەنگىن ئوغلۇم ،

كەشپىيات،يېڭىلىق چىقسۇن ھەم بىزدىن.

"ئويغاتقىن خەلقىڭنى بولدى بەس، يىتەر،

خۇراپىي،نادانلىق يوقالسۇن تېزدىن "

شۇئاتاڭ دىگەننى دەپ باققىن ئوغلۇم!

بىلىمسىزنادانلار ئاتاڭنى قارلاپ،

شۇم دوزاق ئوتىدا كۆيدۈردى بىرچاغ.

روھىدىن ئۆچمىدى ھەقىقەت ئوتى،

"داڭ چېلىپ" قەلبىدە قالدىغۇ بىرداغ.

شۇئاتاڭ چالغاننى چەپ باققىن ئوغلۇم!

بىلەمسەن؟ ئۇنىيەت قىلغانتى شۇچاغ،

بىلىمدىن ئۆزگىنى قىلماسقا ھەمرا.

تاپقىنى بىر گۆھەر،دەيتى ئۇ دائىم:

"بىلىمسىز يۈرگەنلەر بولمامدۇ سەپرا".

شۇئاتاڭ تاپقاننى تېپ باققىن ئوغلۇم!

چوڭ بولۇپ ئۇنۇتتۇڭ ھەممىنى بىردىن،

ھەتتاكى ئاتاڭغا قىلمىدىڭ ھۆرمەت.

پۇل دىسەڭ بەرسىمۇقانائەت قىلماي،

ئاتاڭنى قارىلاپ قىلدىڭغۇ تۆھمەت.

شۇئاتاڭ بەرگەننى بېرىپ باق ئوغلۇم!

پىژغېرىم ئاپتاپتا ۋەياكى سوغدا،

ئېتىزدىن كىرمىدى بولسىمۇ بىتاپ.

مول-ھوسۇل ئالغاندا بولدۇڭ سەن ئىگە،

شۇڭغىچە يۇردۇڭغۇ شەلەردە ئويناپ.

شۇئاتاڭ ئالغاننى ئەپ باققىن ئوغلۇم!

ئاتاڭنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر،

سىنىڭمۇ بېشىڭىدىن ئۆتمىگەي ئەمدى.

بىر لوقما ئاش ئۈچۈن مۇكچۈيۈپ بېلى ،

بىر ئۆمۈر ئۆتتىغۇ ئۆتمىگەي ئەمدى.

شۇئاتاڭ كۆرگەننى كۆرمىگىن ئوغلۇم!

مەنبە:قەلەم

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1576 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 15:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز ،ئۇستاز......ھەمىمىزنىڭ جۈملىدىن دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن..............

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 15:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىپسىز ..... بارىكاللا.... توغرا ئاتىلارمۇ ناھايىتى ئۇلۇغ .... بۈگۈن ئاتىلار بايرىمى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق ئاتىلارنىڭ ئاتىلار بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن ..... ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ....

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 16:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر . بەك ياخىشى يىزىىسز . ......دادادىگەن ئۆيىنىڭ تۇرىكى ،ئەي ئۇلۇغ جاپاكەش دادىلار بايىرىمىڭىلارغا مۇبارەك بولسۇن .

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
190 
تېما
28 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 16:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاپلا بۇگۈننىڭ ئاتىلار بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ ؟رەھمەت سىزگە

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
890 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 18:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟رەخمەت سىزگە يانبۇلاق ئاكا

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 19:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ئۇستاز مەن راستنى ئىيتىسام تا مۇشۇ كۈنگىچە ئاتا- ئانامنىڭ بايرىمنى تەبرىكلەپ باقماپتىكەنمەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئاتامنىڭ بايرىمنى تەبرىكلىۋالاي بۈگۈن ئۆتۈپ كەتمەستە .

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1475 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 19:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتىلار بايرىمىغا ئاتىغان بۇ ئىسىل شېرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم...بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن....ئىسىل شېئىرىڭىزغا تەشەككۇر يان بۇلاق ئاكا...بۇ شېئىرڭىزنى ئۇقۇپ رەھمەتلىك دادامنى تۇلىمۇ سېغىندىم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
977سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
296 
تېما
74 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 20:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شەمشدىن ئاكا سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

توردا
135سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
802 
تېما
48 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 22:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 14:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.