ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار مۇنبەردىكى جىن قوغلىغان نۇچىلا.تىز كىرىڭلا
كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 15
go

مۇنبەردىكى جىن قوغلىغان نۇچىلا.تىز كىرىڭلا  

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 21:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مۇنبەردىكى جىن قوغلىغان نۇچىلا.تىز كىرىڭلا

كەچ بوپ قالدى جىننىڭ گىپى باشلاندى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭلار :-


دۇتتارچى جىن
ئادەملەرنى قورقۇتۇشقا ئىنتايىن ھەۋىسى با ئەمما پەقەت ئادەم قورقۇتالمايدىغان ساددا بىر جىن باكەن، بىر قىرى جىننىڭ بۇنىڭغا ئىچى ئاغىرىپ چاقىرتىپتۇ . بۇ دۇتتارنى ئال- دەپتۇ قىرى جىن- تۈن كىچىدە مەھەللە ماراپ كىم ھويلىدا ياتقان بولسا تامغا چىقىۋىلىپ دۇتتارنى تىرىڭشىتقىن ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەيسەندە پىسىڭڭىدە كۈلىسەن، ئىنسان بالىسى قان سىيۋىتىدۇ......
شۇ كۈنى كىچىدە ساددا جىن دۇتتارنى ئىلىپ مەھەللە ماراپ قارىسا مۇپەتتىش ھويلىدا ياتقان ئىكەن. جىن دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتىكەن ، مۇپەتتىش كۆرۈپ :-ۋايجااااااااان دىگىنىچە ئۆيگە كىرۋاپتۇ (ئىشتاننى نەمدىگىننى دەپ يۈرمىدىم ).
تۇنجى قىتىم ئادەمنى قورقۇتۇپ خوش بوپ كەتكەن جىن يەنە مەھەللە ماراپتۇ ... بىر ئۆيگە قارىسا شاتنۇر باراڭنىڭ ئاستىدا يىتىپ ئوغۇرلۇقچە مابىتىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاۋاتقان ئىكەن ، جىن باراڭنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ تۇرۇپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتىكەن شاتنۇر ۋااااااي خۇداااااا-دىگىنىچە تىلىفوننى تاشلاپ قىچىپتۇ.(..................................).
جىن بەك خوش بوپ كىتىپتۇ ، يەنە بىرسىنى قورقىتىۋىتەي دەپ ماراپ يۈرسە نىگارىم ھويلىدائىككى قولىنى بىشىغا قويۇپ پۇتىنى ئىلماپ ئاسمانغا قاراپ ياتقان ، جىن تامدا ئولتۇرۇپ دۇتتارنى تىرىڭشىتىپتۇ ۋە "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دەپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپتۇ ، قارىسا جىمجىت ، ئاڭلىماپتۇدە -دەپ چىڭىراڭ ئىيتىپتۇ "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا " دەپ قارىسا يەنە جىمجىت ، ئاچچىقىدا چىڭ ۋاقىراپ تۇرۇپ "دۇتتار چىلىپ ئولتارسام يارىگۇللا" دىيىشىگە ھويلا تەرەپتىن ۋېـــــــــــڭڭىدە بىر پاي كالاچ ئۇچۇپ كىلىپ بىشىغا پاققىدە تىگىپ ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كىتىپتۇ~~ شۇنداق بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا نىگارىم تىرىككەن ھالدادەۋاتقۇدەك : جىڭ قاپاقكەن ، "خىيالىمغا سەن كەلدىڭ دوستىگۇللااااااا" ...........




تۇل جىن
ۋاپادار سەھرادىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپتۇ، مەقسەت سەرالىق مابىتى سەبىنۇر بىلەن كۆرۈشۈشكەن .
بۇ ئىككىسى كۈندە كەچتە سەبىنۇرنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويدا مابەتلىشىدىكەن ، كۈندە كىچىدە ئۆيگە كەلگىننى كۆرگەن ۋاپادارنىڭ تاغىسى دەپتۇ :- ئۇكام بۇدا ئۆيگە بالدۇراق كەل ، ما بىزنىڭ يىزىدا بىر تۇل جىن با ، ساپلا خوتۇنى يوق ياش باللىغا چاپلىشىۋىلىپ ساراڭ قىپ قوياتىدۇ ، ۋاپادار ماقۇل دەپتۇ ، ئەتىسى كەچ سەبىنۇر بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ : راس مەھەلىڭىزدە تۇل جىن باما ياش باللىغا چاپلىشىۋالدىغان~؟! سەبىنۇر چاقچاق قىلىپ :- ۋاي راس با جۇما ، بەك چىرايلىق قىز دەيدۇ ئۇنى ، لىكىن چاپلىشىۋالسا ساراڭ قىپ قويامىش ، ئۇچراپ قالسا بىلىپ بىلمەي چاقچاق قىپ سامماي تازا تىللاڭ جۇما ،سۈيىڭىزنى چىقاسىڭىز چاپلىشىۋالىدا شۇ`~!! . ۋاپادار كۈلۈپ قويۇپتۇ.
تۈندە ئۆيگە قايتىۋاتسا دەرۋەقە جىن باركەن ، چاشلىرى چۇۋۇق ناھايىتى بەتبەشىرە بىر جىن چوكان كەن `~!
ۋاپادارغا قاراپ ھىجىيىپ :- ھۇيىت گومۇش غوجام ~! بۇ كىچىدە نەگە ماڭلا ~؟-دەپتىكەن ۋاپادار تامبىلنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگىلى تاس قاپتۇ`~!! شۇنىڭ بىلەن سەبىنۇرنىڭ چاقچىقى ئىسىگە كىلىپ بىر تىللاي ئاندىن قۇتۇلامە دەپ ئويلاپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ شۇنداق بەزەپ سۆزلەر بىلەن تىللاپتۇكى ئەييۇھەنناس ئىنسان بالىسى بۇ سۆزلەگە چىداپ تۇرالماس ، بىرھازا تىللاپ كۆزىنى شۇنداق ئاچسا جىن پاڭڭىدە يىغلىۋىتىپتۇ`~~ ۋاپادار ھە ئۈنۈمى بولدى دەپ چىرايىغا كۈلكە يۈگىرەپ تۇرسا،جىن يىغلاپ تۇرۇپ دىگىدەك:- مەن ئۆمۈرۈمدە بۇنداق تەسىرلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان،كىلىڭە جىــــــنــــــــم......!!


ئۈچ نوچى
مۇپەتتىش، نىگارىم ، ئەسقەر ئۈچ نوچى كىچىدە خامان بىقىپ يىتىپ جىننى قانداق تۇتۇش توغرىسىدا پو ئىتىشىپتۇ .
مۇپەتتىش دەپتۇ : مۇشۇ جىن دىگەننى كۆرەپ قالماي ئەمما كۆرەپلا قالسام جىن بولغىنىغا تويغۇزىۋىتىمەن جۇما ~~!! جىننى كۆرسەڭلا مىنىڭ كەينىمگە ئۆتىۋىلىڭلا خا خا خا ........
نىگارىم دەپتۇ: ھەي مۇشۇ جىندىن بىرەنى بىقىپ قويسام دەيمە ، كوچىدا ماڭغاندا كەينىمگە سىلىپ يۈرسەم ، خەقلە قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرۋەتسە ،نىمدا ئاقسا ھە ...خا خا خا خا.......
ئەسقەرئىككى قولىنى بىشىغا قويۇپ ئاخسا ياتقان ئىكەن ، ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ بىر كۆزىنى يىرىم ئىچىپ تەمكىن ھالەتتە دەپتۇ:- بولدى تالاشماڭلا.... جىن دىگەننىچۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سەت بىر ئالىيىپ سۈر بىلەنلا ۋايجىننى چىقىرىۋىتىمىز ....!!
.........................................................
تۈن كىچە نىگارىم تاتلىق خورەككە ئاللىقاچان چۈشكەن ئىكەن ، مۇپەتتىش بىلەن ئەسقەر بىر-بىرىگە تەن بەرمەي تازا پو ئىتىۋاتسا جىمجىت ئىتىز تەرەپتىن ئاپئاق چاچلىق ئاپئاق كىيىملىك بىر موماي سۈرەتلىك جىن غۇلاچلىرىنى كەڭ ئاچقىنىچە تىترگەن ئاۋازدا :- بــــالام....... بــــالام.........-دەپ كىلىۋاتقۇدەك ، بۇنى كۆرگەن نىگارىم بىرىنچى بولۇپ تامبالنى نەمدەپتۇ : ۋاي جىن ~!!!-دىگىنىچە ئۆي تەرەپكە قىچىپتۇ ، ئارقىدىنلا ئەسقەر :-نەئۇزىبىللا ۋاي مەن نىمىنى كۆدۈم ، ۋااااي جىن~~!- دىگىنچەنىگارىمنىڭ ئارقىدىن يۈگىرەپتۇ ، مۇپەتتىش ۋارقىراشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئۆي تەرەپتىن ۋاي جىن جىن~~! دىگەن ئاۋاز كىلىۋاتقۇدەك ، قورقۇپ كەتكەن مۇپەتتىش ئاياغنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرمەي ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمغىنىچە غۇلاچلىرىنى كەڭ ئىچىپ بار كۈچى بىلەن ئۇددۇل جىن تەرەپكە قاراپ يۈگىرەپتۇ :- ۋاي جىنىم چوڭ ئانــــوووووووو، مىنى قۇتۇلدۇرۋااااااال.......~~!!!!

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 23:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئۇنداق جىنلاردىن قورقۇپ قالمايمەن.قىنى سىز ئەپسۇن ،ئىزغا جىن كىرىۋاپتۇ.تىزراق ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇ جىنلارنى يوقۇتىۋەتمەمسىز؟

توردا
119سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
271 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 00:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خا خا خا ئەي سەۋدايى بۇلارنى يىزىپ بولۇپ ئۇخلىغىنىڭىزدا چۇشڭىزدە جىننى كوردۇڭۇزمۇ ياقمۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
778 
تېما
25 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 00:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي خۇدايىمەي نىمانداق قىززىق،تولا كۈلىۋىرىپ قۇرساقلىرىم ئاغرىپ كەتتى،

توردا
35سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
256 
تېما

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 01:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
---------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 10:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tumarim نىڭ يازمىسى

[img]مۇشۇلارنى يېزىپ بۇلۇپ ئۇخلاۋاتقىنىمدا يېرىمكىچە بولغاندا بەك چىرايلىق بەك گۇزەل بىرجىن ،
سىزنى ياخشى كۈرىمەن جېنىم دەپ ماڭا يېقىنلىشۋاتىدۇ.
مەن مەندىن يىراقتۇر بولمىسا پىچىقىمنى تىقىۋىتىمەن دىسەم ، تېخىمۇ كۈلۈپ .
مەن سىز نى بەك سېغىندىم جېنىم دەپ ئاستا ماڭا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.
مەن مۇش بىلەن ئۇراي دىسەم جىن بولغاندىكىن بارماقلىرىم ئېچىلماس بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ،كۇچاپ بىرتەستەك سالسام ،ۋايجان دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. چۈچۈپ ئويغۇنۇپ قارسام.
ئايالىم پىچىقىڭىزنى تىقۋەتسىڭىزمۇ تىقۋىتىپ ئۇرمىسىڭىز بولمامدۇ ؟ دەيدۇ.

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
775 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 11:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئوخشاپتىغۇ ئاداش. سىللە مەخسۇس جىنكەشلىك قىلامسىلە نىمە

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 12:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

ۋاي ئاللاھ .ئەجەپمۇ كۈلدۈردىڭىز كىشىنى.نىمىدىىگەن قىزقارلىق.جىن بولغاندىكىن چىچىنى كىسىۋالماي.شۇ چاغدىلا جىنلار سىزگە زىيان يەتكۈزمەيتى ئەمەسمۇ؟ھە راست ئۇچاغدا ئايالىڭىزنىڭ چىچىنى كەسكەن بولاتتىڭىز ئەمەسمۇ؟

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 15:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش savdayi نىڭ يازمىسى

نىمىدىگەن قىزىقارلىق ، سىز غولجىلىق ئوخشىمامسىز ...

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
310 
تېما
24 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 15:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

مەن غۇلجۇلۇق ئەمەس قەشقەرلىك قەشقەرلىككەر يۇمۇر سۆزلىيەلمەيدۇ دەپ ئاڭلىغانمۇيا؟
مەن دىگەن كىچىك ئەيسا تۇرسام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 14:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.