قۇيرۇق كەسكەن قويلار مەردان ئابدۇللا 
يايلاقتىكى بىر توپ پادىلار، ئىناق-ئىجىل ياشاپ كەپتۇدەك. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە، قوي ئۆچكىنى دوراپ قاپتۇدەك
. پاقلانلارنىڭ روھىنى يېدى،
ئۆچكىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى.
ئەجەپ بەكمۇ مودا تۇيۇلدى،
كاسسىسىنىڭ ئوچۇق قېلىشى.
‹‹ئۆچكىنىڭكى ئەزەلدىن ئوچۇق››،
ھېچكىم ئاڭا قالمايدۇ ھەيران.
ئەمما قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا،
پۈتۈن ئالەم سالغۇسى چوقان.
پاقلانچاقمۇ كەستى قۇيرۇقنى،
رەڭمۇ -رەڭلىك بوياپ قاپاقنى.
قوي ھامىنى ئەمەستۇر ئۆچكە،
ئەمدى بۇلار تاپتى چاتاقنى.
كالتە قۇيرۇق ياپماس كاسىنى،
ساڭگىلىتىپ ئاپئاق كۆكسىنى.
ئاشۇ مۇڭلۇق قوي كۆز قوزىچاق،
جەلىپ قىلدى ئەركەك ئۆچكىنى.
شۇنداق قىلىپ قوي بىلەن ئۆچكە،
بارا-بارا چاڭلىشىپ كەتتى.
چاۋاك چالدى ئىبلىس پادىچى،
‹‹مول-ھوسۇلدىن››شادلىنىپ كەتتى.
خىتاب قىلدى غەززەپتىن قوشقار،
ئەمما ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.
قانۇنلۇقكەن يالىڭاچلىنىش،
شۇڭا ئەمدى ئامال بولمىدى.
موماي قويخان كۆرۈپ ئەھۋالنى،
نالە قىلىپ دېدى ئاھ خۇدا.
ئۈستى تامغا نۇمۇس كۈچىدىن،
بۇ دۇنيادىن بولدى ئۇ جۇدا.
ئەمما ئاشۇ ئوغلاقسىمان قوي،
كاسا تولغاپ ماڭار كوچىدا.
ئانا ئۆلسە، قەبرە بېشىدا،
ئەئۇزۇدىن چىقمىدى سادا.
..................
..................
ئەي قوي باشلىق ئوچۇق كاسىلار،
بېشىڭنىمۇ كېسىۋەت!ياكى-
ئۇزۇن قۇيرۇق ياپسۇن ئىپپەتنى،
قىيامەتكە بارغۇچە تاكى.

مەنبە:ئىجادىيەت. بۇ شېئىرىمنى بۇرۇن باشقا مۇنبەرگە يولللىغان.قايتا پىششىقلاپ ئۆزگەرتىپ يوللىدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-9 11:57
|