ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئاددى رىتسىپلار:
1-خولۇنجاننى سوقۇپ تاسقاپ، زەيتۇن يىغى ياكى ياسىمەن يىغى
بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،تىرىنى ياشارتىپ،تىرىدىكى قورۇقنى يوقۇتۇدۇ ۋە داغلارنى چۉشۉرىدۇ . 2-چامغۇر ئۇرۇقىنى سوقۇپ،كۈنجۈت يىغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ،يەرلىك ئورۇنا چاپسا، تىرىنى ياشارتىپ،تىرىدىكى قورۇقنى يوقىتىدۇ ۋە داغلارنى چۈشۈرىدۇ. 3-بادام مىغىزىنى كۈيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپىككە سۈرمە قىلىپ تارىتسا،تۈك بەزلىرىگە قۈۋۋەت بىرىپ،قاش،كىرپىكلەرنى ئۆستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ . 4-قۇرۇتۇلعان تۇخۇم ئىقىنى سوقۇپ، ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، دانىخورەك ئۈستىگە باسسا، ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ .كاۋاۋىچىننى سوقۇپ، ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، دانخورەك ئەتراپىعا چاپسا ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ .
يۇمغاقسۉت ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ گۈل يىى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ دانىخورەك ئۈستىگە چاپسا،ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ . 5-تولۇق پىشقان تاتلىق قوغۇن مىىزىنى ئىزىپ،شۇ قوۇننىڭ سۈيىگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تۇۇتتىن كىيىنكى داغنى چۈشۈرىدۇ، چىرايدىكى قورۇقلارنى يوقۇتۇپ،يۈز تىرىسنى پاقىرتىدۇ،ۋە سىلايتىدۇ. 6-يەرلىك سەۋزىنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق مىقتاردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قىتىم سەۋزە قاينىتىلغان سۇ ھورىدا يۈزنى ھورلاندۇرسا، داغنى چۈشۈرۈپ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ . 7-لاچىندانىدىن 10گىرام، ناۋاتتىن 100گىرام ئىلىپ.سوقۇپ تاسقاپ، سوپوپ تەييارلاپ،كۈندە 3 قىتىم،ھەر قىتىمدا 20 گىرامدىن ئىستىمال قىلسا، تىرىنى پاقىرتىپ، چىراينى جۇلالاشتۇرۇدۇ . 8-تۇخۇم ئىقىدا نىشالا چىقىرىپ، يۈز قىسمىغا چاپسا، يۈز تىرىسىنى سىلىقلاشتۇرۇپ پاقىرتىدۇ .
9- ھەشىقپىچەك ئۇرۇقىنى ئېزىپ، تۇخۇم ئىقى بىلەن خىمىر قىلىپ بىر ئاي ئەتراپىدا ھەر كۈنى بىر ۋاخ يۈزىگە سۈرۈتسە ، يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ .
10-لىمۇننىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى تىرىگە چاپسا، تىرە يۈزىدىكى سەپكۈن، داغ، ئاق داغ ۋە دانىخورەكلەرگە شىپا بولىدۇ . 11- تەرخەمەك (حوڭگا)نى ئوتتۇرسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ، كۈندە 15 مىنۇت ئەتراپىدا يۈزگە سۈرتۈشنى بىر ئاي داۋاملاشتۇرسا ، يۈزدىكى سەپكۈن يوقىلىدۇ . 12- كۆك رەيھاننى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە ھەسەل ياكى قەنىت سىلىپ داۋاملىق ئۇزاق مۇددەت ئىچسە،يۈزدىكى داغنى چۈشۈرۈپ چىراينى نۇرلاندۇرۇدۇ. 13-ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزگە مەرۋايىتنى ئاستا سۈركەپ بەرسە، تىرىنى ئاسراش، ھۆسۈن تۈزەش، داغ، قورۇق يوقۇتىش رولىنى ئوينايدۇ . 14- سىرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ، قايناتقان سۈيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قول ۋە يۈزگە سۈرتىپ بەرسە،يۈزگە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 15- كۈندە ئەتىگەندە يۈز يۇغاندا داسقا ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ئۈستىگە لۆڭگە يىپىپ يۈزنى ھوردۇتۇپ بەرسە، يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى داۋالىغىلى بولىدۇ . 16- ئاخشىمى ھۆل ياڭاق مىغىزىنى يۇمشاق ئىزىپ ياكى چايناپ يۈزىگە چىپىپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈن ۋە داغنى يوقۇتىشتا ئۈنىمى بولىدۇ . |