ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار بىلسىڭىز،بەختىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا

      

كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 2
go

بىلسىڭىز،بەختىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا

توردا
512سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2475 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سىز بەلكىم ئىشقا بارغاچ ياكى ئىشتىن قايتقاچ باشقىلارنىڭ سولغۇن چىرايىنى كۆرگەنسىز. «مەن نېمانداق بەختسىز» دېگەندەك قۇرۇق قاقشاشلىرىنىمۇ ئاڭلىغانسىز. ۋە ياكى بۇلار سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەندۇ. ياكى سىزمۇ بەخت توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتكەنسىز. مەنمۇ شۇنداق، مەن گاھىدا بەخت توغرىسىدا ئاجايىپ ھېسلار باغرىغا غەرق بولۇپ كېتىمەن. ئەمما، خىياللاردىن بوشانغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنى خۇددى بەختسىزدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بۇنداق تۇيغۇ مەن بىلەن سىزدىلا ئەمەس، بارلىق كىشىلەردە بولىدۇ. ھەممىمىز، ھەر كۈنى نېمىلەردىندۇر ئۆز بەختىمىزنى ئىزدىمەكچى بولىمىز. ئۆزىمىزدىن ناھايىتى يىراق جايلاردا بىزنى غايەت زور بەخت كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئۇ پات ئارىدىلا بىزنى چەكسىز خۇشال قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىمىز. ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن بىزار بولىمىز. بۇنداق روھىي ھالەت ھەممىمىزدە بولۇپ باققان. بۇلارنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇلارنى پەقەت بىر مەزگىللىك ئۆتكۈنچى تۇيغۇ دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىنى سىرتتىن ئىزدىشىمىز ھالاكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بەختكە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.
بەخت ئالما ياكى مال دۇنيا ئەمەس. ئۇ بىر خىل تۇيغۇ. ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا، لەززىتى مەڭگۈلۈك. بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى بەختسىز ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەتراپىمىزدىكى بەختلەرنى كۆرىدىغان كۆزىمىز تورلىشىپ قالىدۇ. بىز ھەر قېتىم دۇنيادىن زېرىكىپ، يالغۇزسىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ بارلىق نېرۋىلىرىمىز ئۆز كونتروللۇقنى يوقىتىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قاراپ باقىدىغان بولساق، بەختنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىزدە، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادا بەخت كەم ئەمەس، كەم بولغىنى بەختنى بايقاشقا ماھىر «كۆز». بىز پەقەت چىن قەلبىمىز بىلەن ئۇنى كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
ئەگەر بىز بىر دەشتى-باياۋاندا كېتىۋاتساق، بىزدە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىسا، ئۇ ھالدا بىزدىكى بەخت تۇيغۇسى بىزنىڭ شۇ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشتىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس. بىز مۇنداق شارائىتتا دۇنيانىڭ تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئىشلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىسسىق جېنىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىشنى ئويلايمىز. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى بەخت بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر بۇردا نان بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، بەخت دېگەن شۇنداق ئاددىي نەرسە. نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى كاتتا ئىشلارنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق كاتتا، ھەشەمەت ئىشلاردا ھەقىقىي بەختنىڭ بولۇپ كېتىشى ناتايىن. بەزىلەر ئادەتتىكىچە ياشاشنى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر بىر دەم ئۇخلىۋېلىشنى بەخت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. مەسىلە، ئۇنى قانداق بايقاشتا.
دوستۇم، بەلكىم سىز يىراقتىكى ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تەن ساقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. سىز يەنە يۇرتىڭىزنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ۋە كۆڭۈل ئازادىچىلىكىڭىزنى بەخت دەپ ھېسابلىمايدىغانسىز. سىزگە تەلمۈرۈپ، كۈندە دېگۈدەك تېلېفونىڭىزنى سايرىتىپ تۇرىدىغان قىز (ياكى ئوغۇل) دوستىڭىزنى بەخت دەپ قارىمايدىغانسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بەختىڭىز، شۇڭا بۇلارنى قەدىرلەڭ، چۈنكى سىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندا، سىزنىڭ يۈزلىنىدىغىنىڭىز پۈتۈنلەي ئامالسىزلىق بىلەن تولغان رېئاللىقتۇر.
بۇندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى بەختسىز دەپ قارىماڭ، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا. ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ. ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ھەم مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەخت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا، ئۇنى سىز تاشقى پلانېتتىن ئىزدەپ يۈرمەڭ.

توردا
250سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
377 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 19:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەب ئامراقلىقىمنى كەلتۇردى ماۋۇ تىمىڭىز...

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
66 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-5 20:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنسانلار كۆپىنچە ھالدا ئۆز يېنىدىكى نەرسىلەرنى باشقىلاردىن ، باشقا جايلاردىن ئىزدەيدىكەن . شۇ باشقىلاردىكى ، باشقا جايلاردىكىلەرنىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىدە بارىدىن تاۋلاپ چىقارغان . بىزمۇ شۇنداق قىلساقلا ئەمىليەتتە باشقىلاردا بارنىڭ ھەممىسى بىزدىمۇ با ... بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىڭىدىكى گەپ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 10:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.