ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار چېچىمىزنى ئاسىرايلى

      

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 5
go

چېچىمىزنى ئاسىرايلى

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
887 
تېما
146 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 18:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھالا 20 -ئەسىرىنىڭ 80يىللىرىنىڭ ئاخىرى،90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تەرەققىيات،زامانىۋىلىق،ئەركىنلىك،ئېچىۋىتىش،مودا دېگەندەك شۇئار-ھەرىكەتلەر داۋامىدا چاچ مەدەنىيىتىمىزگە ئىنىتايىن نامۇناسىپ ئەھۋال-ئۆزگىرىشىلەر جەمىيىتىمىز ئېكولوگىيەسىگە يامراپ كەتتى،ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قويدىغان، ئاياللار قىسىقا چاچ قويۇپ،تۈرلۇك رەڭ،شەكىللەردە پاسون چىقىرۋېلىپ يۈرۈيدىغان زامانىۋىي تەتۈرلۈك،كەمتۈكلۈك كېلىپ چىقىتى،نۇرغۇن سۇمبۇل چاچلار رەھمسىزلىك بىلەن كېسىۋېتىلىدى .شۇ چاغلاردا(چاچ يىغىلايدۇ)سەرلەۋھىلىك مۇشۇنداق شېئىرلارمۇ مەيدانغا چىقىتى؛

مودا كۆزلەپ مىللەت پەخرى يەرگە ئۇرلۇپ،

كېسىلىدى چاچ،چۈشتى يەرگە دەرتە تولغىنىپ .

سەنەم،زوھرا،مەختۇمسۇلا دېدى غەزەپتە،

كۆركىڭ قېنى كەتتىمۇ قىز ئەقلىڭ بۇلغىنىپ.

ئايرىلىغاچقا ھەمراھىدىن سىلكىنىدى بەدەن،

سېۋەت كەبى چوقچىيىپلا قالدى غېرىپ باش.

قىز پەرۋاسىز يۆگەر چاچىن بۈدرە قىلىماقتا،

مودىللارغا ماسلىمىز-دەيدۇ-بىزلەر ياش.

قاتۇرغۇچىنىڭ كۈچى كېتىپ ئۆتۈپ نەچچە ئاي،

كۆممۈقۇناق پۆپۈكىدە چۇۋۇلدى چاچلار.

باشتىكى چاچ،يەردىكى چاچ قىلىدۇ نالە،

رەھىم قىلىپ كەسمەڭلار بىزلەرنى ياشلار.

مانا مۇشۇ شېئىردا ئەكىس ئەتكىنى چاچ مەدەنىيتىمىزدىكى بۇزۇلۇشىنىڭ ھەقىقىي ئاچچىق كارتىنىسى ئىدى، بىراق، قۇلاقىنى يۇپۇرۋېلىپ،بولۇشىغا ياشاپ كېتىشىتىن ئىبارەت جاھەن رەپتارلىقى ئاستىدا يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە بۇ شىئىرلارمۇ كار قىلىمدى،ھەر كىم ئۆز سەنىمىدە مېڭىۋەردى.ھەتتا دۇنيا ئەھلى بىلەن بىللە 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دەملەردىمۇ بۇنداق ئاچچىق ھالەت يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا،نۇرغۇن ياش خانىم-قىزلىرىمىزغا خەلقىزنىڭ چاچ پەرھىزلىرى ناتونۇش،چاچ سېلىش ئۇسۇلى ۋە شەكلىگە قاراپ چاچ قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىگە ھۆكۈم قىلىغىلى بولىدىغان(ئاياللارغا نىسىبەتەن )چاچ مەدەنىيىتىمىزدىكى ئادەتلەر بۈگۈنكى كۈندە كەلمەسكە كەتتى. ئەكسىچە،بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ چاچ پاسونى ۋە قويۇشىغا قاراپ كۆپىنىچە ھاللاردا ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىمىزگە ئېغىر تىنىدىغان بولۇپ قالدۇق،بۇ يەردە چاچ پاسونلىرى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى يوقتىپ،پەقەتلا پوبلىستىكىلىق ئوبىيېكىتقا ئايلاندى،دېگەن گەپ ئادەملەرنىڭ چېچىغا پەرقىنى ئايرىشمۇ مۇتلەقلىقىدىن ئاللىقاچان قېپقالدى.بەزى كىشىلىرىمىزدە چاچ گۈزەللىكىدىن،چاچ ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەردىن قىلىچىمۇ ئەسەر يوق.مەدەنىيلىشىشىكە قاراپ كېتىۋاتقان جەمئىيەتتە مەدەنىيەتسىز چاچ قويۇۋالىدىغان،رەتلىك يۇيۇپ-تارىمايدىغان ئادەملەر كۆپ، چاچ شۇنداق نىدا قىلىدۇ.

مېنى ئاسىراڭلار، سالاھىيەت ۋە مەدەنىيىتىڭىلارغا ماس قۇيۇڭلار.قالايمىغان كەسمەڭلار.

مەنبە؛پەن ۋە تۇرمۇش

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 19:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ھازىر زامانىمز ياشلىرى « مودا» دەپ ئۇزۇن شۇنداق ياراشقان چاچلىرىنى كىسىپ ، ئەرلەر بولسا ئۇزۇن قويدىغان بوپ كەتتى ، قايسى ئەر قايسى ئايال بىلگىلى بولماس بوپ كەتتى ..... ئەجداتلىرىمىز زامانىدا ئۇيغۇر مىللىتى دىگەن ئۇزۇن چاچلارنى قويۇپ ، ئۆرەپ دوپپا كىيۋالدىغان ئۇ ئادەتلىرىمىز ھازىر 1000 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 سى ئاران چىقىدۇ ياكى چىقماس بوپ كەتتى .... بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ، ھارمىغايسىز .... مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ياخشى تىمىلىرىڭز بولسا ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرارسىز - ھە !!!!!!!!!!!

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
196 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چاچنى ئاسرىماقتا يوق تىخى قىزلىرىمىز بىر چىرايلىق چىچىنى كىسىپ ...............ھەي نىمىگە ئوخشىتىشنى بىلمىدىم.

توردا
135سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
829 
تېما
15 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 13:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
izdanjan يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 23:35
چاچنى ئاسرىماقتا يوق تىخى قىزلىرىمىز بىر چىرايلىق چى ...

تېغى مودا دەپ چاچىلىرنى بۇدۇر قىلىپ ياغلىق چىگىۋالسىغۇ نېمە دەي !!!!!!! چاچىلىرنى يا بوغماي سەۋەتتەك قىلىپ قۇيۇپ بېرىپ مېڭىشلىرچۇ تىغى .........

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 19:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاۇ ئەلەيكۇم . ئەسلى مەنبە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى چۈشەنمەي غەرىپنىڭ بىر قىسىم چاكىنا مەدەنىيەتلىرىنى شاكىلى بىلەن قوشۇپ ھەزىم قىلۋاتقانلىقىدا . ئۇلار ھەقىقەتنى چۈشەنگەن بولسىدى .............

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
791 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-17 19:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاۇ ئەلەيكۇم . ئەسلى مەنبە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى چۈشەنمەي غەرىپنىڭ بىر قىسىم چاكىنا مەدەنىيەتلىرىنى شاكىلى بىلەن قوشۇپ ھەزىم قىلۋاتقانلىقىدا . ئۇلار ھەقىقەتنى چۈشەنگەن بولسىدى .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 10:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.