ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر چوكانلار
كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 17
go

ھاراق ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر چوكانلار  

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 11:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئا يال كىشى دېگەن ئاچچىق-چۈچۈك لەمپۇڭ،راڭپىزا،سوزىمىيەن،مالاچۈئەر...دېگەندەك بىر نەرسىلەرگە ئەجەپمۇ ئامراق كېلىدۇ...ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئايالىم بىلەن، قومۇلدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرى،ھەمدە يىگىت-ئەرلىرى چىۋىندەك ئولۇشۇپ كېتىدىغان مىڭيۆ<< مالاچۈئەر>>خانىسغا كەلدۇق...ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا بۇ ئۇيغۇر بازىرىنى قۇرۇتتەك لۆمۈلدەپ يۈرۈشكەن كشىلەر تولىمۇ ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى...كاۋاپچىلارنىڭ << تېخى يۈزى ئېچىلمىغان،سۈننەت قىلمىغان پاخلانلىرى >> كاۋاپقا ئۆزگىرەپ كىملەرنىڭدۇر كانەيلىرىدىن بارار جايىغا كىرىپ كېتىۋاتقان، ھاراق-شاراپلار بىكارنىڭ نەرقىدە ئىچىلىۋاتقان...كۆرۈنۈشلەر مىڭەمنى قۇچىۋەتتى...
بىز بىر ئورۇننى تەسلىكتە ئىگىلەپ ئولتۇرۇشتۇق...لېكىن ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭلا بۇ ئورۇندىن كۆچكىمىز كەپ قالدى...نىمشقا دەمسىز؟! ھە ئۇ بىز ئولتۇرغان شىرەنىڭ يېنىدىكى شىرەگە يارمىغان كۆتەكتەك ئىككى نەپەر،شوراپ تاشلىۋەتكەن شوغۇلىدەك 3 نەپەر،قۇيرۇقىنى تىك كۆتۈرۈۋالغان مايمۇندەك 3نەپەر جەمئىي سەككىز نەپەر يېشى 30-35ياشلار ئۆپچۆرىسىكى<< ئانا>>لار غۇلجا چاقچاقلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك،ئېغىل-قوتانلىرىمىزدىكى بورداۋاتقان قېرى ئۆچكىلەردەك ئاجايىپ كاتتا دەبدەبىدە ئۈزۈپ-ئۈزۈپ<< مەرىشىۋاتاتتى>> تۇرۇپلا يەنە قانداقتۇر ئۆز خىلىنى كۆرگەندە قاتتىق قاۋاپ كېتىدىغان ئىتلار،ئېشەكلەرنى ئەسلىتەتتى...پۈتكۈل كوچىدىكىلەرنىڭ كۆزى ئاشۇ ئۈستەلگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ ئۇ << چىرايلىقلار>> تەپ تارىتماستىن<< ئېشەك سۈيدۈكى>>نى بوتۇلكىسى بىلەن تىكلەپ قويۇپ مەززە بىلەن شۈمەپ ئىستىمال قىلىشماقتا...ئۇلارنىڭ ئاغىزلىرىدىن ئېقىۋاتقان يۇندىلارنىڭ سېسىق پۇرىقى تۆت كوچىنى سېسىتىپ ساراڭ قىلىۋەتتى. ھاياسىز چاقچاقلارنى مۇڭلۇنۇپ ئاڭلاپ مالاچۈئەرنى ماكاشلىتىپ چايناپ يەپ ئولتۇراتتۇق...ئۇلارمۇ جىمى يارىماس ئەرلەر بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس....توۋۋا بۇ چىرايىدىن،كىيىۋالغان ئەسكى پۇرۇشلىرىدىن ئادەمگە ئوخشايدىغان ئادەم ئەمەسلەرنى قانداق لاتا-پىتە،ماز-پاينەك،يۇمشاقباش،لەقۋا،لامزەللە ئەر ئۆيىدە تۇتۇپ ئولتۇرۇشقان بولغاي ھە؟! ئۇلارنى خوتۇن دەپ تۇتقۇچە ئا تەتەي لوبەنلەردەك پىستەك يېتىلىشىپ يۈرسىچۇ...جېنىغا ئوۋال قىلماي...بۇ يەردە دىن،ئېتىقادتىن ئېغىزلىنىشىمنىڭ ئورنى قالمىدى. شەرمى-ھايا،نۇمۇسنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە : مەي ئىچىشمۇ بىرخىل پىسخىك توسالغۇلارنىڭ بولغانلىقىدىن يۈز بېرىدىكەن...جەمئىيتىمىز تەرەققىي قىلغانچە بىز ئۇچراۋاتقان بېسىملارمۇ بەك كۆپۈيۈپ كەتتى...شۇ خوتۇنلارنىڭ ئارىسدا خىزمىتىمدىن قاچان قالارمەن دەپ يۈرگەن مۇئەللىمەلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىل...ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ئاجراشقانلار بىتەلەي،شور پىشانىلەرمۇ بولىشى مۇمكىن. كېچىچە قىمار ئويناپ،سۈيدۈك پۇراپ ئۆيىگە كىرمەيدىغان بىچارە مەخلوقلارنىڭ ھەم ئاجىزەلىرى بار...ۋەياكى مۆمىن ئەرلىرى ئۆيىدە بالىسىغا قاراپ ئولتۇرۇشقانلار ھەم باردۇ...لېكىن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچىراپ كوچىدا رەسۋالارچە ھاراق ئىچكۈدەك بولغاندىكىن ئۈرۈمچىدىكى 4-دوختۇرخانىغا ئاپىرىۋېتىشىمىز كېرەك ھە؟!چۈنكى ئۇلاردا ھايا ۋە ئەدەپ يوقالغان ئۇيغۇر قىزى ھەم بىر ئانا بولغان تۇرۇقلۇق خەلقى ئالەم ئالدىدا بۇنچە ھايانى بىلمىگەندىكىن ئۇلارنى ساراڭ دېمەي نىمە دەيمىز!!! بەلكىم بۇ سەككىز جۇگان تورغا چىقمايدۇ...ئۇلاردا ئۇنچىلىك سەۋىيەنىڭ بولىشىغا ئىشەنمەيمەن. بىراق شۇنى تورداشلار دېگۈم كېلىۋاتىدۇ...ئەتىراپىڭىزدا ،كوچا،رېستۇران،ئايرىمخانىلاردا ئىچىشۋازلىق قىلىدىغان ھەدە -سىڭىللىرىڭىز بار بولسا دەپ قويۇڭ! چاكچاكتا،باغداشتا سېنى تىللاپ كېتىپتۇ جېنىم ئاچا..ئۇيات،ئۇيات...ئەمەسمۇ؟! نومۇس قىلمامسەن....يەنە بار تېخى: تاماكا چىكىدىغان قىزلار مەۋجۇتمىش....ئۇلار خەنزۇلار ئاشقان قاۋاقلارغا ئۈچ-تۆتتىن كىرىۋېلىپ تاماكىنى شۈمەكتەك شوراپ،سۈيدۈكنى تامشىپ ئىچىپ بەخارامان كەيىپ قىلىشىدىكەن...ئاڭلىسام ئېكىس،ئىگىرىك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا تاماكاچېكىدىغان،ھاراق ئىچىدىغان،ئۆزىدىن چوڭ خەققە ئاشنا بولىدىغان قىزلار بارمىش...تېخى دوقمۇشلاردىكى دورىخانىلارغا << بالا چۈشىرىدىغان دورا>> ئالغىلى كىرىدىغان 13-15ياشلىق قېرى قىزلار دائىملىق خېرىدار ئىكەن...ئەنە يۇقىرىدا بايان قىلغان سەككىز ئانىنىڭ قىزلىرى دەل مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار بولغۇسى...
مىللىي ئەنئەنە،ئېتىقادى يوقالغان قەۋىمنىڭ يەنە نىمىسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ!؟ خوتۇنلىرىمىز ،بالىلىرىمىز شۇنداق بۇزۇلۇپ كەتسە...بىز قانداقمۇ تېنىچ،ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاكىتىپ ئاۋانگارتلىرى بولالايمىز؟قانداقمۇ مەيخور مىللەتنىڭ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشقا قۇربى يەتسۇن...
شۇ كۈنى ئۇلار بىر سائەتچە ئىچكەندىن كېيىن ئاستا ۋاقىرىشىپ-جاقىرىشىپ كوچىنى بېشىغا يېرىم كىيمەي سورۇندىن تارقاشتى...ئارىدا بىرى ئەرلەردەك قېيىپ قاپتۇ...ئۇ دەلدەڭشىپ كېتىۋېتىپ...ئەتىراپىغا ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا...<< بۈگۈن ئېرىم بىلەن راسا مۇڭدىشىمەن >> دەپ بولۇپ سەت كۈلمەكتە...نومۇس قىلمايدىغان بۇ خوتۇنلار كۆز ئالدىمدىن يوقالغان بولسىمۇ...ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىماسى قەلبىم تۆرىگە پىچاق بىلەن ئويغاندەك ئويۇلۇپ كەتتى...مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن...نەپرەت بىلەن ئەسلەپ تۇرىمەن...سىزچۇ؟!

مەنبەسى:بىلىم - كۈچ




توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 12:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلارغا بىر ئۆمۇر لەنەتلەر بولسۇن !
شۇنداق خوتۇنلارنى چاناپ پارە- پارە قىلسىمۇ قىيمىغا يارىمايدۇ !
4.دوختۇرخانا دەپ قاپسىز ، ئۇيەردىمۇ خىلى تۇزۇك كىشىلەر بار ! ئۇنداقلار نىڭ بارار جايى دوزاق !
بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ئورۇن يوق !

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 12:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىت ئاشۇ ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي، مەن نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن، ئەڭ ياخشىسى ئارتۇق سۆزلىمەي، ئاللا ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-دىيانەت ئاتا قىلغاي...

باھا سۆز

shahrukh راستلا توغرا ئېيتتىڭىز . ئاللاھ ھەمممىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-دىيانەت ئاتا قىلغاي. يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 13:35

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 12:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلار 4_دوختۇرخانىغىمۇ ماس كەلمەيدىغان مېنىڭ قەلبىمدىكى 5_زىيانداشلاردۇر........رەخمەت سىزگە........

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
1179 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 12:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تمىڭىز شۇنداق ياخشىكەن بولسا ئايماي يەنە يوللاپ تۇرارسىز...... ئىللەت تۇزۇلمىگىچە مىللەت تۇزەلمەس........ بولسا مۇشۇ تىمىڭىزنى باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسىڭىز قىرىنىدىشىم.....
ئەستا يەنە بارمىكەن مۇشۇنداقلار ...... ھۇ پەسەندە چۇپۇرەندىلەر....... بولدى مەن ئوشۇق سۆزلىمەي........ ئاشۇنداق يۇرگەن پەسەندىلەرمۇ بىر كۇن ئاشۇنداق قىلغىنىڭغا ....بۇرنى قۇلقىڭغىچە تويۇشسەن،،،،،،،،،،،،،، ھەجەپ يوقالمايدۇ بۇ پەسەندىلەر.........

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1482 
تېما
232 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 12:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئانا بولغاندىمۇ ئاشۇنداق ئىشەك سۈيدىكى ئېچىپ يۈرگەن بىمەنى چاخچاقلىشىپ سەتلەشكەن ئاياللارغا لەنەت...بىر ئانا دېگەن بالىنىڭ ئەرنىڭ بارلىقى تۇرسا ،ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ بالىسىنى ياخشى تەربىيلىسە ئىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا بولمامدىغاندۇ...

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
435 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 13:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
‹‹‹‹ ئەنە يۇقىرىدا بايان قىلغان سەككىز ئانىنىڭ قىزلىرى دەل مۇشۇنداق كۈنگە دۇچار بولغۇسى...›››› تېمدا بۇ سۆز تىلغا ئېلىنغان ................مىنىڭچە ئاشۇنداق ئانىلار ئۈزىلا شۇنداق ئۇتۇپ كەتسۇن ،جازاسىنى ئاللا ئىگەم ئۈزى بەرسۇن ......... لىكىن قىزلىرغا ئۇنداق كۈن كەلمىسۇن ، ئاللا ئىگەم ياخشى يولغا باشلىغاي ،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن...........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nargiza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-24 13:31

توردا
133سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
192 
تېما
22 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 14:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلۇغ (ئاللا) دىن، ھەربېر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، ئىمان تىلەيمەن .... رەھمەت سېزگە....

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
777 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 15:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنداغلار مۇنبەرگە چىقىپ بۇنداق تىمىلارنى كۆرمەيدۇ. پەقەت بىزلا كۆرۈپ قاخشاپ ئولتۇرمىز مۇشۇنداق. ئۇنداقلارغا يۈزتۇرانە دەيدىغانبولاسا .................. ۋاي ۋاي ۋاي ئاللا كارامەت ئۇلارنىڭ بىشەملىكىدىن ئۆلگىدەك بولىدۇ كىشى

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 16:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي توۋا
ئاللا كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 02:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.