ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدىكى 8 تۈرلۈ ...
كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 16
go

قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدىكى 8 تۈرلۈك ئەخمىقانە سەۋەب  

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1576 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 14:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدىكى 8 تۈرلۈك ئەخمىقانە سەۋەب


1. ئاتا-ئانام قوشۇلمىدى

ئەگەر سىز كىچىك قىز بولسىڭىز، سىزگە گەپ يوق، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ. ئەگەر سىز ئاللىقاچان ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنالايدىغان مۇستەقىل ئادەم بولسىڭىز، ئاتا- ئانىڭىز سىلەرنىڭ ئارىلىشىشىڭلارغا قوشۇلمىغان بولسا، بۇ سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىڭىزگە سەۋەب بولالمايدۇ.
نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ ئوغۇل دوستى ئىنتايىن لاياقەتلىك، لېكىن شۇ قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىلا قىزىنىڭ ئاشۇ بالا بىلەن ئارىلىشىشىغا قارشىلىق قىلىپ، يىگىتنى قىزىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.

2. مەن ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيمىدى


قىزىق، كىم مۇشۇ سەۋەب ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتىدۇ؟ مەن دائىم توردا باشقىلارنىڭ باھالىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، بىر قېتىم مەن بىر قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى كۆرۈپ قالدىم، قىزنىڭ ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبى بەك كۈلكىلىك، ئۇ بولسىمۇ چۈنكى يىگىت قىزغا ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلمىغان. سىز بىلىشىڭىز كېرەك، ئوغۇل دوستىڭىز ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققىنىمۇ تاپشۇرىشى كېرەك، ئۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ!!


3. ئۇ تور ئۇيۇنىغا مەجنۇن بولۇپ قالدى

سىز نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ مۇشۇ تور ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سىز تور ئويۇنى ئويناشنىڭ ئەڭ ئۇستا ماھىرى بولغان ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ قانچىلىك قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە سىز ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ سىز بىلەن دائىم بىللە ئويۇن ئوينىشىنى ياخشى كۆرىسىز،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئوينىشىنى ياقتۇرمايسىز، ئەجىبا سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاش قاراشتا بولۇپ سىزنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ياخشى كۆرىشىڭىز سەۋەبىدىن سىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىشى كېرەكمۇ؟


4.ئۇ شىركىتىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى

قارشى تەرەپنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشى ئايرىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى قىلىندى دېيىلسە ئەقىلگە سىغامدۇ؟ سىز ئەسلىدە ئوغۇل دوستىڭىز مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، ئۇنىڭ يېنىدە بولۇپ مۇشۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەمدە بولسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ، چۈنكى ئۇ دەل سىزگە موھتاج بولىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟

5.ئۇ تاماق ئېتىشنى بىلمەيدۇ.

ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىڭ، بەزى ئەرلەر ئەسلىدىنلا تاماق قىلىشنى بىلمەيدۇ. سىز ئۇنىڭ تاماق ئېتەلەيدىغان بولىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋالماڭ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇمۇ سىزگە ياردەملىشەلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

6.مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىزار

سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىز سەل چېكىدىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق، ئۇ دېگەن ئۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دېگەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ، سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى مەسىلىنى ئارىلاشتۇرىۋالىسىز، ئەگەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

7.ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار بەك كۆپ

نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشى ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن قىزلارغا بەك يېقىنچىلىق قىلسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزبولىدۇ، لېكىن ئۇ ئاشۇ قىزلارغا نىسپەتەن ھېچقانداق نىيەتتە بولمىغان بولسا، سىزنىڭ قىلغىنىڭىز خاتا بولىدۇ.


8.پەرزەنتلىك بولالماسلىق

چۈشىنىشكە بولىدۇ، سىز ئەلۋەتتە ئىككىڭلارنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىقىڭلارنى قۇبۇل قىلالمايسىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسىدە ئۇنىڭ ھەم ئىككىڭلارنىڭ پەرزەنتى بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىسىز، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلالمايدۇ، ئۇنىڭدا نېمە ئامال.
نۇرغۇنلىغان يار-يۆلەكسىز بالىلار ياخشى ئائىلىلەرنىڭ ئۇلارنى بېقىۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ، سىلەر ئاشۇ بالىلاردىن بىرنى بېقىۋالساڭلار نىمىدىگەن ياخشى، نۇرغۇن ئەر- ئاياللارمۇ مۇشۇ يولنى تاللىغانغۇ!!


مەنبە:news.xinhuanet.com




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazuk214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-21 14:13

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دەل بىرىنچى سەۋەپ تۈپەيلىدىن بىز ئايرىلىپ كەتكەن

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
waydardem يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:10
دەل بىرىنچى سەۋەپ تۈپەيلىدىن بىز ئايرىلىپ كەتكەن

ۋاي ئىسىت ، قالغانلىرىچۇ ؟؟؟؟ سىزگە ماس كەلمەمدىكەن ..... ( چاقچاق)

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى توغرائىيتىلغان سۆزلەركەن .....

توردا
1463سائەت 
نادىر تېما
دوست
51 
يازما
1878 
تېما
158 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇنى ئىقتىساد ۋە تۇرمۇش يۈرنىلىدىن كۆرگەنتىم~

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 17:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
raziya827 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 16:18
ۋاي ئىسىت ، قالغانلىرىچۇ ؟؟؟؟ سىزگە ماس كەلمەمدىكەن .. ...

بولىدۇ يەنە تۇتقاندا كىيىنكىسىگە ماس كەلتۈرۈپ ئايرىلىپ كىتەرمىز

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 17:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
waydardem يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 17:49
بولىدۇ يەنە تۇتقاندا كىيىنكىسىگە ماس كەلتۈرۈپ ئايرىل ...

ۋىيەي ئاتايىتىن ماس كەلتۈرمەن دەپ تۇتامسىز ؟؟؟؟ قىزلار ئالما ياكى كىيىم - كىچەك ئەمەس جۇمۇ ؟؟؟؟

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
raziya827 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 17:56
ۋىيەي ئاتايىتىن ماس كەلتۈرمەن دەپ تۇتامسىز ؟؟؟؟ قى ...

شۇنداق قىلسام سىزنى خۇش بولامتىكى دەپچۇ

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
waydardem يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:00
شۇنداق قىلسام سىزنى خۇش بولامتىكى دەپچۇ

ياق ، مەن ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس، دۇنيادىكى قىزلارنىڭ كۆڭلى رەنجىسە مىنىڭمۇ رەنجىيدۇ .... چۈنكى مەنمۇ قىز ئەمەسمۇ ؟؟؟؟

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
raziya827 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:10
ياق ، مەن ئۇنداق قىزلاردىن ئەمەس، دۇنيادىكى قىزلارنى ...

دىمىسىمىغۇ سىز خىلى ئوبدان قىزبالىدەك قىلىسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 14:00

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.