ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار كىيىم سېتىۋىلىشتىكى مەغلۇبىيتىڭىزنى تەكشۈ ...
كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 1
go

كىيىم سېتىۋىلىشتىكى مەغلۇبىيتىڭىزنى تەكشۈرۈپ بىقىڭ

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 17:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەخمەقلەرچە سىتىۋالغان كىيىم
بەزى نەرسىلەرنى سىتىۋىلىپلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەخمەقلىق قىلغانلىقىىڭىزىنى بايقايسىز . مەسلەن ،،قىشتا ئاق شىم سىتىۋىلىش . قىشتا ئاق كىيىمنى باشقا نەرسىلەر بىلەن پەرلەپ كىيىش تولىمۇ قيىن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق كىيىم كىر كۆتۈرمەيدۇ . قار ياغقاندا قەتئىي كىيگىلى بولمايدۇ ، شامالدىمۇ كىيمىگەن تۈزۈك .تېخى شىمنىڭ ئىچىدىكى چۈشەندۈرۈشنامىسىگە نەزەر سىلىپ بىقىڭچۇ؛ ماشىنىدا يۇيغىلى بولمايدۇ ، قۇرۇق يۇيۇشقا بولمايدۇ ، چوتكىلاپ يۇيۇشقا بولمايدۇ . مۇنداق شىمنى ئالمىغانلا تۈزۈك .
كۆرمىكى بار ، كىيىمى يوق كىيىم
مەسلەن ئۆرە ياقىلىق يەڭسىز پوپايكا . بۇ پوپايكا بەك چىرايلىق ، ئۇنىڭ چىرايلىقىلىقىغا ئۇنى ئىشكاپكا ئېسىپ ھۇزۇرلىنىشقىلا بولىدۇ . ھاۋا ئىسىق چاغدا ياقىسى بەك ئۆرە بولغاچقا ئېسىسىپ كېتىسىز . قىشتا كىيسىڭىز يېڭى بولمىغاندىن كىيىن بىلىكىڭىز توڭۇپ كىتىدۇ . دېمەك ، بۇ پوپايكىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا كىيگىلى بولمايدۇ .
ئەرزان ئىكەن دەپ سېتىۋىلىنغان كىيىم
پۇلى بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتكەندىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك كىيىم سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . 20 يۈنلىك مايكا ،كىچىك كوپتا ،باھاسى%10 گىچە چۈشۈرۈپ سېتىلغان كۆڭلەك . بۇنداق كىيىملەرنى كۆرگەندە پۇرسەت غەنىيمەت دەپ ئويلايسىز دە ،ئىشكاپىڭىزنى مۇشۇنداق ئەرزان ،بىراك كىيىملەر بىلەن تۇشتۇرۋالىسىز . نەتىجىدە 20 يۈنلىك بۇ ئەران كوپتا ،كۆڭلەكلەرنى كىيگىڭىز كەلمەيدۇ ،ھەتتا داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر بولسىمۇ بەرىبىر ئەرزان مال بولغاندىن كىيىن كىيىپ كوچىغا چىققۇڭىز ،بىرەر سورۇنغا كىيىپ بارغىڭىز كەلمەيدۇ .
خۇشاللىق بىلەن سىتىۋىلىنغان كىيىم
كىيىمنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن مەزگىلدە ،پۇل تىجەش ئىستىكىدە كىيىمنىڭ نومۇرىغا ئېتىبار قىلماي سېتىۋالىسىز .ھىچىقىسى يوق ، سىز ئورۇقلىماقچى ئەمەسمىدىڭىز ؟37_ نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغان پۇتىڭىزغا چىرايلىق كەلگەن 36 _ نومۇرلۇق كالتە ئۆتۈكىنى كىيىپ بىقىپ ، مال ساتقۇچى قىزنىڭ بۇنىڭ رەخىتى كىيگەنسىرى بوشايدۇ ،دەپ كاپالەت بىرىشى بىلەن باھاسى چۈشكەنلىكى ئۇچۈنلا خۇشاللىق بىلەن سېتىۋالىسىز . نەتىجىدە ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن ئۆتۈك پۇتىڭىزنى قىستايدۇ _ دە ، بىر چەتكە تاشلاپ قويىسىز .
مال ساتقۇچىنىڭ قايمۇقتۇرىشى بىلەن سىتىۋىلىنغان كىيىم
بىر قۇر كىيىمنى سىناپ كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ،ئۇچىڭىزغا چىڭراق كىلىپ قالسا ،مال ساتقۇچى قىز ؛ << بۇ كىيىم كىيىپ بەرسىڭىز بوشايىدۇ >>دەيدۇ . ئەگەر كىيىم سىزگە چوڭ كىلىپ قالسا ئۇلار ؛<<بۇ كىيمنىڭ رەخىتى بىر يۇيسىلا قىسقىرايدۇ >>دەيدۇ ، ئۇلار تىخى باشقا خىرىدارلاردىن پايدىلىنىپ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ . . ئەپەندى ، بۇ خانىمغا قارىڭە ،ماۋۇ كۆڭلەك ياراشتىمۇ ؟ ئۇ ئەپەندى بۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟
مەنبە ؛ <<خانىم _ قىزلارنىڭ گۈزەللىك دەستۇرى>>دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
46سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
212 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 18:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن . كىيىمخۇمار قىزلار كۆرۇڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-26 20:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.