سەن كەلسەڭ 
سەن ئۈچۈن يۇلىڭغا سالسام پايانداز، كەلگىن تاڭ پەيتى قۇرۇنماي ھەرگىز. گۈلگىن چىرايىڭ كەتمەس خىيالىمدىن، چاڭقىغان ھىسلىرىم بولسۇن گەر دېڭىز. 
خىيالىم ئۇچتى قاناتلانغان قۇشتەك، ھۇجۇدۇمغا چىرمىشىپ تاتلىق بىلسەڭ. سەن تەبەسسۇم بىلەن كەلسەڭ ناۋادا، قەلبىمگە زوق-ئىلھام بۇپقالغاي كۈلكەڭ. 
بىتاقەت بولدۇم يۇللىرىڭغا قاراپ، كۈزۈمدىن ئاقماقتا ياشلىرىم تارام. سەن كەلسەڭ سەمىمى بۇلۇپ ناۋادا، ئاسان گەپ كۆڭلۈمنىڭ تاپمىقى ئارام. 
نۇر سىياقىڭ چۈشۈمدە سۈرسە دەۋران، يۈرۈكىمگە تۇلار چەكسىز ھاياجان. چۈشلەرىمدەك قۇچاق ئېچىپ كەلسەڭ، ئوتلۇق كۆزلەردىن يۈرەك قالار ھەيران. 
ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قارار 
ياپراقتەك نازۇك يۇمران يۈرەك، بىھۇش بولدى ئوتلۇق كۆزلەردىن. ئاڭقىرالماي بۇ مۇھەببەتنى، ئويلاپ قالدى ھەريان ۋە لېكىن. 
ھۇجۇدىغا چىرماشقان ئوتلار، قايناقلىققا تۇلار شۇ قەدەر. بىيھۇشلۇقتا تىلغاپ يۈرەكنى، مۇھەببەت قوينىغا چۆكتۈرەر. 
مۇھەببەت قوينىدا بۇ يۈرەك، تاتلىق ،شېرىن چۈشلەرنى كۆرەر. ئازاپتىن ھالسىراپ قالسىمۇ، ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قارار. 
مەنبە قەلىمىم
|