مەڭگۈلۈك سۆيگۈ 
تامچىلار خانەمگە سوغۇق ھاياجان ،
جىمىرلار ئارزۇلار ھەسەن -ھۈسۈندەك .
بىر سىنى سۆيگۈنۈم قەلبىڭگە ئايان ،
ئاھ ، ئاشىق تىپىلماس بىتەلەي مەندەك .

يىرتىلغان قەلبىمنىڭ دىرىزىسىدىن ،
ئاي تامان ھۇۋلايدۇ ھىجران بۆرىسى .
ئىزدەيمەن بىغۇبار پەسلىمنى سەندىن ،
چۈنكى سەن چىن سۆيگۈمىزنىڭ دورىسى .

قالىدۇ يۈرەكلەر يۈرەكنى ئەسلەپ ،
يۇتقاندەك گوياكى چوغنى ئوت بىلەن .
ئۇيقۇسىز كىچىلەر تۇرىدۇ كۆيۈپ ،
مەڭگۈلۈك سۆيگۈدە يانغان ئىككى تەن .
 مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-15 19:35
|