توردۇنياسىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار سىلەر بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن بۇ تېما بولسا مېنىڭ تۇنجى كومپيۇتېردا يوللىغان مەشىق قول يازمام ئۇستازلار نىڭ يول كۆرسىتىشىنى ۋە پىكىر بىرىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن !
ئۆزۈمنى تۇنۇش تۇرۇپ ئۆتەي:
قىزىقىشىم تىلشۇناسلىق ۋە تارىخ بۇلۇپمۇ مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەلشىر نەۋائى ئۇلۇغلار غا بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن ئۆز قىزىقىشىمدا مەشىق قىلغان تۇنجى تورغا يوللىغان بۇ قوليازمامنى يوللىدىم ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، مەن تۇلۇقسىز (قوش تىل )ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن دەرىستىن ۋە كۆپلىگەن تاپشۇرۇقلاردىن ئاشقان ۋاقتىمدا پەخىرلىك ئەجدادلارنىڭ يازمىلىرىدىن مەشىق قىلغان ئەسەرلىرىمنى ئاددىي بولسىمۇ قىزىقىشىمنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قول يازمىلىرىمنى بۇندىن كېيىن داۋاملىق يوللىماقچى (تورداشلار ياقتۇرسا )
بۇنى بۈگۈن تورغا يوللاش ئۈچۈن يازدىم يەنە نۇرغۇنلىغان مەشىق يازمام بار بۇ ئۆزلۈگىمدىن ئۆگىنىپ يازغانلىرىم .
1. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق. بۇ يېزىق 8- ئەسىردىن 15 ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملار تەرىىپىدىن ئورتاق قوللىنىلغان
2.خاقانىيە يېزىقى (ئەرەپ يېزىقى)
خاقانىيە يېزىقى -ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچىقانچە ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالدا قۇبۇل قىلىنغان يېزىق .بۇ يېزىقتا ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرب ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان.
3. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى
«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى » دەپ ئاتالغان بۇ يېزىقنىڭ ئاساسىي ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقىدۇر. خاقانىيە يېزىقى
باشقا تىلدىكى يازمىلىرىم
ئەسلىدە ھەممىسى بىر ئىدى پارچىلاپ يوللىدىم يانفۇندا تارتىلغان، نەقىشكە ياخشى ئالالمىدىم
|